ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
قان تۇمۇرلارنى تازىلاپ قان قۇيۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىدە
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-07-15 كۆرۈلىشى : قېتىم
   كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا، بەزى دوستلار سالامەتلىك تەكشۈرتۈش جەريانىدا ئۆزىنىڭ قان سۇيۇقلۇقىنىڭ باشقىلارنىڭكىگە قارىغاندا قويۇق ئىكەنلىكىنى بايقايمىز؛ بۇ ۋاقىتتا ئەگەر تورنى ئاختۇرۇپ باقساق، نۇرغۇنلىغان "ناھايىتى يۇقىرى ئۈنۈملۈك" ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېلانلىرىنى كۆرىمىز. بىراق، بۇ خىلدىكى مەھسۇلاتلارنىڭ ئۈنۈمى راستىنلا شۇنداق ياخشىمۇ، ئۇلار قان تۇمۇرلاردىكى ئەخلەتلەرنى تازىلاپ، قاننى سۇيۇلدۇرۇش ئۈنۈمىگە يەتكۈزەلەمدۇ؟ تۆۋەندە، قان قويۇلۇش ھەققىدىكى بەزىبىر ساۋاتلارنى كۆرۈپ باقايلى!
   قاننىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئاساسلىق ئامىللار تۆۋەندىكىچە:
   ماھىيەت جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، قاننىڭ قۇيۇقلۇق دەرىجىسىنىڭ يۇقىرى بولۇپ قېلىشى، قاننىڭ ماي تەركىبىنىڭ ئېشىپ كەتكەنلىكى سەۋەبىدىن كىلىپ چىقىدۇ؛ شۇڭا ئەمىلىيەتتە، قاننىڭ قۇيۇقلۇق دەرىجىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار، دەل قاننىڭ ماي تەركىبىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللاردۇر.
   1. بەدەن چېنىقتۇرۇش. تەتقىقاتلاردا بايقىلىشىچە، ئۇزۇن مۇددەت بەدەن چېنىقتۇرۇش، قان سۇيۇقلۇقىدىكى ئالاقىدار كۆرسەتكۈچلەرنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ياخشىلايدىغان بولۇپ، تەنتەربىيە بىلەن چېنىقمىغان كىشىلەرنىڭ قېنىنىڭ قۇيۇقلۇق دەرىجىسى، بەدەن چېنىقتۇرۇشتا چىڭ تۇرغان كىشىلەرگە قارىغاندا كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولىدىكەن.
   2. تۇز قوبۇل قىلىش مىقدارى.تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، تۇزلۇق تاماق يەپ ئادەتلىنىش، بەدەندىكى خولستىرىن مىقدارى بىلەن تىرىگلېدسىرىد مىقدارىنى كۆرنەرلىك دەرىجىدە ئاشۇرۋىتىدىكەن؛ تىرىگلېدسىرىد بىلەن خولىستىرىن بولسا، قاننى قويۇلدۇرۋىتىدىغان ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان ئىككى خىل ماددىدۇر.
    3. ھاراق تاماكا. خەۋەرلەردە ئېيتلىشىچە، تاماكىنىڭ تەركىبىدە، قاننىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسىنى ئاشۇرۋىتىدىغان كۆپ خىل زىيانلىق ماددىلار بار ئىكەن؛ مەسىلەن، نىكوتىن، كوكىس مېيى قاتارلىقلار. ئۇزۇن مۇددەت كۆپ مىقداردا ھاراق ئىچىش بولسا، بىۋاستە قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىگە تەسىر كۆرسىتىپ، قاننىڭ قۇيۇقلۇق دەرىجىسىنى ئۆزگەرتىۋىتىدىكەن.
    4. ياش. ياشانغان كىشىلەرنىڭ قان تۇمۇر دىۋارلىرىنىڭ ئىلاستىكىلىقى بارغانسىرى چىكىنىپ ماڭىدىغان بولۇپ، قان تومۇرلىرى بارغانسىرى تارىيىپ كىتىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، قاندىكى ھەرخىل ماددىلار بىر-بىرىگە تېخىمۇ يېقىن چاپلىشىپ ۋە ئۇيۇشۇپ، قاننى تېخىمۇ قويۇلدۇرۇپ سالىدۇ.
قان قويۇلۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى قانداق ئېلىش كىرەك؟
   ئەمىلىيەتتە، قان تومۇرلاردىكى ئەخلەتنى تازىلاش دىگەنلىك، بىزنىڭ ئادەتتىكىچە ئاتىۋىلىشىمىز بولۇپ، بىزنىڭ قىلىشقا تىگىشلىك بولغىنىمىز، قان قويۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەپنىڭ مەنبەسىنى تېپىپ چىقىپ، مۇناسىپ ھالدا بىتەرەپ قىلىشتۇر. يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكەن ئامىللارغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، يىمەك-ئىچمەكنى كونتىرول قىلىش، ھەرىكەتنى كۆپەيتىش قاتارلىق تۇرمۇش ئادەتلىرىنى يىتىلدۈرۈش ئارقىلىق قاننىڭ قۇيۇقلۇق دەرىجىسىنى ياخشىلاش، كەم بولسا بولمايدىغان بىر خىل ئۇسۇلدۇر. كۈندىلىك زۈرۈر بولغان ئۇزۇقلۇق ۋە ئومۇمى ئىنىرگىيەنى قانائەتلەندۈرۈش ئاساسىدا، خولىستىرىن ۋە تويۇنغان ياغ كىسلاتالىرىنى قوبۇل قىلىشقا چەك قويۇش لازىم ھەمدە تويۇنمىغان ياغ كىسلاتا تەركىبى ۋە ئىرىشچان يىمەكلىك تالا تەركىبى مول بولغان يىمەكلىكلەرنى ئالدىن ئويلىشىپ ئىستىمال قىلماق كىرەك. بۇندىن باشقا، ھەركۈنى 30مىنۇت ئەتراپىدا، نورمال قاتتىقلىقتا ھەرىكەتلىنىش ۋە چېنىقىش ئېلىپ بېرىپ، ھەپتىسىگە 7-5كۈن داۋاملاشتۇرۇش كىرەك. ئاخىرىدا، تاماكىنى تاشلاش، تۇز ئىستىمال مىقدارىنى كونتىرول قىلىش، ھاراقنى نورمىدا ئىچىش قاتارلىقلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئەھمىيەت بىرىش لازىم.
   تىرىگلېدسىرىد، خولىستىرىن قاتارلىقلار كەلتۈرۈپ چىقارغان قان قويۇلۇشقا قارىتا، تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ياخشى ئۈنۈمگە ئىرىشەلمىگەن ۋاقىتتا، دوختۇرلار مەسلىھەت ئېلىپ، جۇڭگۇ تىبابىتى دورىلىرى ۋە غەرپچە دورىلار ئارقىلىق داۋالاش ئېلىپ بېرىش كىرەك.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号