ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
توي تۇرمۇشىدىكى بۇ ئىككى خىل ئەھۋالغا قارشىلىق كۆرسىتىشنى بىلىڭ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-07-14 كۆرۈلىشى : قېتىم
    ئەلمىساقتىن تارتىپ، ئىجىل-ئىناق ئۆتۈپ كەلگەن ئەر-خوتۇنلار ئۆز-ئارا ھۆرمەتلىشىپ، بىر-بىرىگە يول قويۇپ ئۆتىشىدىغان بولۇپ، ئۇلار زىددىيەت توقۇنۇشلىرىغا يولۇققاندا بىر-بىرىگە يول قويۇشنى تېخىمۇ بىلىدۇ.
    بىر بۆلەك ياخشى بولغان توي مۇناسىۋىتى، ئەمىلىيەتتە ئەر-خوتۇن ئىككى تەرەپنىڭ ئۆز-ئارا يول قويۇپ ئۆتىشىگە تايىنىدۇ؛ چۈنكى تۇغۇلۇشىدىنلا بىر-بىرىنى تولۇق تۇلۇقلايدىغان ھەمدە ئۆز-ئارا ئوخشىشىپ كىتىدىغان ئىككى ئادەم بولمىغاچقا، تۇرمۇش جەريانىدا "سىز مەن ئۈچۈن ئازراق ئۆزگىرىش قىلىسىز، مەن سىز ئۈچۈن بولسا ئازراق يول قويۇپ مۇرەسسەلىشىپ ئۆتىمەن" دىگەن ھالەتتە ئۆتۈشكە توغرا كىلىدۇ.
    بىراق مىنىڭ دىمەكچى بولغىنىم، ھەرقانداق بىر يول قويۇشنىڭ ھەممىسى ئۆز-ئارا بولۇشى كىرەك بولۇپ، ئارىدىكى بىرتەرەپلا يول قويۇپ ئۆتسە، بۇ خىل مۇناسىۋەت يەنە ئۇزۇنغا داۋاملىشالمايدۇ.
   تېخىمۇ مۇھىم بولغان بىر نوقتا شۇكى، يول قويۇپ ئۆتۈش كىرەك، ئەمما بەزىبىر ئەھۋاللار سىزنىڭ يول قويۇشىڭىزغا ئەرزىمەيدۇ؛ بەزىبىر يول قويۇشلار پەقەت ۋاقىتلىق تىنچلىق ئېلىپ كىلىپ، بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن تېخىمۇ چوڭ بوران-چاپقۇن ئېلىپ كىلىدۇ.
   شۇنىڭ ئۈچۈن، توي تۇرمۇشى جەريانىدا، ئاياللار يول قويۇشنى بىلىش بىلەن بىرگە، ئوخشاشلا قارشىلىق كۆرسىتىشنىمۇ ئۆگىنىۋىلىشى كىرەك.
   پىرىنسىپلىق مەسىلىلەردە ھەرگىز يول قويۇشقا بولمايدۇ، ئاخىرىغىچە قارشىلىق كۆرسىتىش كىرەك
    مىنىڭ بىر نەۋرە ئاچام بار بولۇپ، قارىماققا ناھايىتى ئىلمى كۆرۈنەتتى، باشقىلار بىلەن ئىنچىكە ھىساب قىلىپ ئولتۇرۇشنىمۇ ياقتۇرمايتتى. بىراق مۇشۇنداق بىر ئايال، ئىرىنى ئۆز قولى بىلەن ساقچىغا تۇتۇپ بىرىپ، قاماقخانىدا بىر ئاي ياتقىلى سالدى.
ئەسلىدە، بىر كۈنى ئىرى قىمار ئويناپ ئۇتتۇرۋىتىپ، كەيپىياتى ياخشى بولمىغاچقا، كەچتە ئۆيىگە كەلگەندىن كىيىن، ئايالىنىڭ قىلغان ھەممە ئىشى ئۇنىڭ كۆزىگە سىغمىغان. ئۇ نەۋرە ئاچامنى چاي دەملەپ بىرىشكە بۇيرىغاندا، ئاچام باشقا گەپ قىلماي ئاشخانىغا كىرىپ چاي قاينىتىپ، ئۇنىڭغا بىر ئىستاكان چاي ئېچىقىپ بەرگەن.
   ئىرى ئىستاكاننى ئېلىپ، قاراپمۇ قويماستىن بىر كۆتۈرۈپلا ئىچىپ تىلىنى كۆيدۈرۋالغان؛ بۇ ۋاقىتتا ئۇ تېخىمۇ ئاچچىقلىنىپ ئاچامنى بىر تەستەك سالغان. ئەمما بىر تەستەك سالغاندىن كىيىنمۇ ئاچچىقى چىقماي، ئاچامنى بىرنى تەپكەنچە يەرگە يېقىتىپ، بىر تەرەپتىن "مىنى كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرەي دەمسەن" دەپ تىللىغىنىچە، ئاچامنى دەسسەپ كەتكەن.
   كىيىن ئۇ ئاچچىقىنى چىقىرىپ بولغاندىن كىيىن، ياتاق ئۆيگە كىرىپ ئۇخلاپ قالغان؛ ئاچام يېقىلغان يىرىدىن قوپۇپ بىرىنچى بولۇپ 110غا تېلفون قىلىپ ساقچىغا مەلۇم قىلغان؛ ساقچىلار يىتىپ كەلگەن ۋاقىتتا، ئۇنىڭ ئىرى تېخىچە خورەك تارتىپ ئۇخلاۋاتاتتى.
   ئاچامنىڭ ئىرىنى ساقچىلار ئېلىپ كەتكەندىن كىيىن، قېيىنئانا-قېيىنئاتىسى دەسلىۋىدە نىمە ئىش بولغىنىنى ئاڭقىرالماي قالغان؛ كىيىن ئىسىگە كىلىپ يىغلاپ خاپا قىلىپ، نەۋرە ئاچامنى ئەپۇ قىلىش خېتى يېزىپ بىرىشكە مەجبۇرلىغان؛ بىراق ئاچام ئۇلارغا پىسەنت قىلماي، ئىرىنى ساق 30كۈن قاماقتا ياتقۇزغان.
   كىيىن، ئۇنىڭ قېيىنئانا-قېيىنئاتىسى گەرچە ئۇنىڭدىن نارازى بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭغا بىرنەرسە دىيەلمىگەن؛ ئىرىمۇ شۇندىن  كىيىن ئۇنىڭغا زوراۋانلىق قىلىشقا پېتىنالمىغان.
    ئائىلە زوراۋانلىقى، بىر خىل تەلۋىلەرچە قىلمىش بولۇپ، ئادەمنى خۇمار قىلىپ قويىدۇ؛ سىزنىڭ يول قويۇشىڭىز بولسا، ئۇنىڭ كىيىنكى قېتىم سىزگە تېخىمۇ قاتتىق زوراۋانلىق ئىشلىتىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.
    شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇنىڭغا ئوخشاش پىرىنسىپلىق مەسىلىلەردە، چوقۇم ئاخىرىغىچە قارشىلىشىش كىرەك.
    ئۆزىنى بىلمەي تېخىمۇ ھەددىدىن ئاشىدىغان ئادەمگە قارىتا، يول قويۇش كار قىلمايدۇ، باتۇرلۇق بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىش ئاندىن ئۈنۈم بىرىدۇ
    دوستۇم فېي فېي، ئىگىلىكى تەرەققى قىلغان، ئۆزىمۇ قاملاشقان ھەم ئۇنىڭغىمۇ ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغان بىر ئەركىشىگە ياتلىق بولغان بولۇپ، بىراق ئامەت ھەرگىز قوش كەلمەپتۇ دىگەندەك، ئۇنىڭ ئىرىدىن تەلىيى چىققان بىلەن، قېيىنئانىدىن تەلىيى چىقماي قالدى.
    ئەسلىدە ئۇلار توي قىلغاندىن كىيىن ئايرىم ئۆي تۇتۇپ ئولتۇرۇشقا كىلىشكەن ئىدى، بىراق قېينئانىسى ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى ھەم ئوغلىنى كۆرگۈسى كىلىپ قالىدىغانلىقىنى باھانە قىلىپ، بىرگە تۇرىمىز دەپ تۇرۋالدى.
    ئەمما فېي فېي كۆچۈپ كەلگەندىن كىيىن، بىرەر كۈننىمۇ خاتىرجەم ئۆتكۈزۈپ باقمىدى؛ ئۇ بىرىنچى بولۇپ، فېي فېينىڭ كۈندە ئەتىگەن ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇلارغا ناشتىلىق تەييارلىشىنى تەلەپ قىلدى.
   كەينىدىن، ھەركۈنى فېي فېينىڭ ئىشتىن كىلىشىگە ساقلاپ، ئۇنى تاماق ئىتىشكە بۇيرىدى؛ بەزىدە فېي فېي سىمىنا قوشۇپ ئىشلەشكە تىگىشلىك بولۇپ قېلىپ، تېلفون قىلىپ قېيىنئانىسىنىڭ ئۆزىنىڭ ئىتىپ يىگەچ تۇرۇشىنى ئېيتقاندا، ئۇ تاماقنىغۇ ئۆزى ئىتىپ يىگەن، ئەمما فېي فېينى قوشماي ئىتىپ، ئۇنىڭغا تاماق قويمىغان.
    قېيىنئانىسى ھەتتا فېي فېينى كىرئالغۇنىمۇ ئىشلىتىشكە قويماي، توك ئىسراپ بولىدۇ دەپ فېي فېينى كىرلەرنى قولىدا يۇيۇشقا بۇيرىغان. بىر قېتىم فېي فېي ھەيىز ۋاقتىدا بىئارام بولۇپ تۇرغاندا، قېيىنئانىسى ئۇنى يەنە كىرئالغۇ ئىشلەتكىلى قويمىدى.
   فېي فېي بۇ ۋاقىتتا ئىككىلىنىپ ئولتۇرماي، توردىلا قۇرۇق يۇيۇش ئورنىنى دىيىشىپ، بارلىق كىيىملىرىنى پايپاقلىرىنى قوشۇپ قۇرۇق يۇيۇشقا بەردى ھەمدە تالوننى قەستەن قېيىنئانىسىغا كۆرسىتىپ قويدى. قېيىنئانىسى قىممەت سوممىلىق تالوننى كۆرۈپ فېي فېيغا ئاچچىقلىنىپ كەتتى.
   فېي فېيمۇ بوش كەلمەستىن ئۇنىڭغا رەددىيە بىرىپ دىدى: "مەن ھەيىز مەزگىلىدە قولۇمنى سۇغۇق سۇغا تىقسام بولمايدۇ، سىز مىنى كىرئالغۇنى ئىشلەتكىلى قويمىغاندىكىن، مەن ئامالسىز قۇرۇق يۇغۇزدۇم. گەرچە ئازراق پۇل ئىسراپ بولغان بولسىمۇ، ئەمما مىنىڭ سالامەتلىكىم ساقلىنىپ قالدى. بۇندىن باشقا، كىلەر قېتىم ماڭا تاماق قويمايدىغان ۋاقتىڭىزدا ماڭا ئالدىن دەپ قويۇڭ، مەن سىرتتا دوستلىرىم بىلەن تاماق يەپ ئاندىن قايتىپ كىلەي".
    شۇ كۈندىن كىيىن، قېيىنئانىسى نەچچە كۈنگىچە ئاچچىقلىنىپ فېي فېيغا گەپمۇ قىلمىدى؛ بىراق، ئۇ فېي فېينىڭ كىرئالغۇ ئىشلىتىشىگە قايتا ئارىلىشىۋالمىدى، ھەمدە ئۇنىڭغا ئۆزىنى بىلىپ تاماق ئېلىپ قويىدىغان بولدى.
    ھەددىدىن بارغانسىرى ئېشىۋىلىش، ئادەمنىڭ تەبىئىتى، باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئىرىشىمەن دىسەك، ئالدى بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىشنى ئۆگىنىۋىلىشىمىز كىرەك. ئۆزىمىزنىڭ قەددىنى رۇسلاپ تۇتقاندا، باشقىلار ئاندىن بىزگە باشقىچە كۆزدە قارايدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号