ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
2019-يىلدىكى ئالتە چوڭ ئەڭ داڭلىق تور چولپىنى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-07-14 كۆرۈلىشى : قېتىم
    قولىڭىزغا يانفوننى ئېلىپ شۇنداقلا سۈرسىڭىز، ھەرخىل تور چولپانلىرىنىڭ سۈرەتلىرى كۆزلىرىڭىزنى قاماشتۇرۋىتىدۇ. ئىجتىمائى ئالاقە سەھنىلىرىنىڭ تۈرتكىسى ئاستىدا، پەقەت بەلگىلىك مىقداردىكى قوغلاشقۇچىلارغا ئىگە بولسىلا ھەمدە بەزىبىر ئېلان سودىگەرلىرى ياردەملىشىپ ئۇچۇر تارقىتىشىپ بەرسىلا، ھەممە ئادەم تور چولپىنى بولالايدىغان بولۇپ كەتتى. بىراق، تور چولپىنى ئەۋج ئېلىپ كەتكەن دەۋردە، يەنە بەزىلەر "تور چولپىنى" بولۇشنى ئۆزىگە كەسپ قىلىۋالغان. چەتئەلدە، بەزى قىزلار مودا ئېقىمى مىكرو بىلوگى تارقىتىشتىن باشلاپ، بەلگىلىك مەستانە توپلىغاندىن كىيىن، ئېلان سودىگەرلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئىرىشىپ، ئاخىرىدا يەرشارىدىكى ئەڭ كۆپ پۇل تاپىدىغان تور چولپانلىرىغا ئايلانغان. ئۇلارنىڭ ئىچىدە بەزىلىرىنىڭ بىر قېتىملىق ئۇچۇر يوللىشى ھەتتا ئون مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كىتىدۇ. تۆۋەندە بىز، بۇ داڭلىق تور چولپانلىرىدىن قايسىلار بار، بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى!
ئالتىنچىسى: ئالىكىس.چۇڭ
    ئالىكىس.چۇڭ، Instagramتورىددا 3مىليۇن 300مىڭدىن ئارتۇق مەستانىگە ئىگە بولۇپ، تەسىر دائىرىسى ئەڭ زور بىر تور چولپىنى ھىسابلىنىدۇ.

   ئۇ ئون نەچچە ياش ۋاقتىدىن باشلاپ مودىللىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغان بولۇپ، MV فىلىملىرىنى سۈرەتكە ئېلىشقا قاتنىشىپ، ئۆزىنىڭ تور چولپىنىلىق ھاياتى ئۈچۈن يول ھازىرلىغان. ئۇنىڭ Instagram تورىدىكى ھەربىر ماقالىسىنىڭ قىممىتى 24مىڭ شاڭگاڭ پۇلىغا يارايدۇ؛ بۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇ ئۆزىگە تەئەللۇق ماركا تەسسىس قىلىپ دۇكان ئاچقان، ھەمدە پۈتكۈل يەرشارى مىقياسىدا ھەقىقى دۇكان ئېچىشنى پىلانلىغان.

بەشىنچىسى: لىئون.خاننا
   لىئون بولسا گىرمانىيەلىك بىر ساھىبجامال بولۇپ، ئۇ ياسىنىش سۈرەتلىرى ۋە ساياھەت سۈرەتلىرىنى ھەمبەھىرلىنىشنى ياخشى كۆرىدۇ. Instagram تورىدا 1مىليۇن 900مىڭ مەستانىسى بار بولۇپ، ھەربىر ماقالىسىنىڭ قىممىتى تەخمىنەن 27مىڭ شاڭگاڭ پۇلىغا يارايدۇ. ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلاشقۇچىلارنىڭ ھەممىسى داڭلىق ماركىدىكى كىيىم-كىچەكلەر بولۇپ، پۇل تېپىش ئىقتىدارى ئالىكىستىن قېلىشمايدۇ.

تۆتىنچىسى: ئەيمى.سۇڭ
   بۇ تور چولپىنى، ئاسىيالىقلارغا ئوخشايدۇ، ئەمما ئۇ تىگى تەكتىدىن بىر ئامىرىكىلىق. ئۇ 2008-يىلىلا ئۆزىنىڭ مودا مىكرو بىلوگىنى قۇرۇپ چىقىپ، بەلگىلىك مەستانە توپلىغان. ھازىر ئۇنىڭ Instagramتورىدا توپلىغان مەستانىسىنىڭ سانى، جەمئى 4مىليۇن900مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، ھەربىر ماقالىسىنىڭ قىممىتى 38مىڭ شاڭگاڭ پۇلىغا يىتىدۇ.

ئۈچىنچىسى: ئامرا.ئولۋىيا
   گىرىم ئېقىملىرىنى قوغلىشىدىغان مودىكەشلەرگە، بۇ ئىسىم ھەرگىز ناتۇنۇش ئەمەس. ئۇ ئىجتىمائى ئالاقە تورىدا ئۆزىنىڭ گىرىم قىلىشتىكى ھىس-تۇيغۇلىرىنى ھەمبەھىرلىنىشنى ياخشى كۆرىدۇ، بۇنىڭغا ئۇنىڭ كىم.كارداشىيانغا ئوخشاپ كىتىدىغان چىرايى ۋە بەدەن شەكلى قوشۇلۇپ، ئۇ توردا 5مىليۇن 800مىڭدىن ئارتۇق مەستانىگە ئىگە بولغان؛ بۇ سەۋەپلىك، ئۇنىڭ Instagram تورىدىكى بىر پارچە ماقالىسىنىڭ قىممىتى 48مىڭ شاڭگاڭ پۇلىغا يەتكەن.

ئىككىنچىسى: كامىلا.كىلويى
   كامىلا بولسا بىرازىلىيەلىك ساھىبجامال بولۇپ، ئۇنىڭ تور چولپىنى ھاياتى، باشقىلارغا قارىغاندا كىيىنرەك باشلانغان؛ ئۇ ئاساسلىقى گىرىم قىلىش سەنئىتىنى ئۆگىتىشنى ھەمبەھىرلىنىشنى ئاسا قىلىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ گىرىم قىلىش تېخنىكىسى ۋە گۈزەل ھۆسنىگە تايىنىپ، ناھايىتى تىزلا نۇرغۇنلىغان مەستانىلەرگە ئىگە بولغان. ئۇنىڭ Instagram تورىدا 7مىليۇن900مىڭدىن ئارتۇق مەستانىسى بار بولۇپ، يوللىغان ھەربىر پارچە ماقالىسى 59مىڭ شاڭگاڭ پۇلىغا يارايدۇ.
بىرىنچىسى: چىرا.فىرانگىنى
   ئىلگىرى ئاخبارات ۋاستىلىرى ئۇنى، ئەڭ ئەقىللىق ھەم ئەڭ چىرايلىق تور چولپىنى دەپ ماختىغان؛ چۈنكى ئۇ، گۈزەل ھۆسىن ۋە بەدەن شەكلىگە ئىگە بولۇپلا قالماي، پۇل تېپىشقىمۇ ناھايىتى ئۇستا.

   ئۇنىڭ Instagram تورىدا 15مىليۇن 300مىڭ مەستانىسى بولۇپ، يوللىغان ھەربىر ماقالىسى تەخمىنەن 100مىڭ شاڭگاڭ پۇلىا يارايدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号