ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
بۇ ئۈچ جۈپ مۆچەلدىكى ئەرخوتۇنلار ھەرگىز ئاجرىشىپ كەتمەيدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-07-14 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ئوخشاش بولمىغان كىشىلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان خارەكتىر ئالاھىدىلىكى بار بولۇپ، ئۇلار ئوخشاش بولمىغان تۇرمۇش كەچمىشلىرىنى باشتىن كەچۈرگەن بولغاچقا، تەبىئىلا ئوخشاش بولمىغان مىجەز ۋە مەسىلىلەرنى بىتەرەپ قىلىش ئۇسۇلىغا ئىگە بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، تويلاشقان ئەر-خوتۇنلار ئارىسىدا بەزىلەرنىڭ ياخشى ئۆتۈپ كىتەلەيدىغان، يەنە بەزىلەرنىڭ بولسا قاملىشالماي ياخشى ئۆتەلمەيدىغان ئەھۋالىنىڭ كىلىپ چىقىشى مۇقەررەر بولۇپ قالىدۇ. تۇرمۇشىمىزدا بەزى ئەر-خوتۇنلار، گەرچە بەزى ۋاقىتلاردا زىددىيەتلىشىپ جىدەل قىلىپ ئۆتسىمۇ، ئەمما ئۇلار ئاخىرىدا يەنىلا ئاجرىشىپ كىتىش يولىغا ماڭماي، بەخىتلىك ۋە خۇشال تۇرمۇشقا ئىرىشىدۇ. تۆۋەندىكى ئىككى مۆچەلدىكى ئەر-خوتۇنلار دەل مۇشۇ تىپتىكىلەردىن بولۇپ، ئۇلار توي قىلغاندىن كىيىن، ھەرقانچە چىقىشمىقى تەس بولسىمۇ، يەنىلا ئاجرىشىپ كەتمەيدۇ.
مايمۇن يىلى تۇغۇلغانلار بىلەن توخۇ يىلى تۇغۇلغانلار
   مايمۇن يىلى تۇغۇلغانلار بىلەن توخۇ يىلى تۇغۇلغانلار بىريەرگە كەلسە جىدەل قىلىپ گەپ تالىشىشنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، ئۇلار كۆپ قىسىم ئادەملەردىن نارازى بولۇپلا ئۆتىدۇ؛ ئۇلار بىر-بىرى بىلەن ھە دىسىلا گەپ تالىشىپ مۇنازىرلىشىپ، چىقىشىپ ئۆتەلمەيدۇ ھەمدە ھەر ئىككى تەرەپ قارشى تەرەپنى ئۆزىنى چۈشەنمەيدىغاندەك ھىس قىلىپ، ئۆزىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ساقلاپ ئۆتمەكچى بولىدۇ. بۇ خىل ماسلىشىش مەزگىلى بەلكىم ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت داۋاملىشىشى مۇمكىن. بىراق تەلەيگە يارىشا، مايمۇن يىلى تۇغۇلغانلار بىلەن توخۇ يىلى تۇغۇلغانلار ئۆز-ئارا تويلاشقاندىن كىيىن، ئۇلار ھەقىقى بىر ئالتۇن توي مۇناسىۋىتى قۇرۇپ چىقىدۇ. ئۇلار بىر-بىرىنىڭ ئەمىلىيەتتە ناھايىتى قىزىقارلىق ئىكەنلىكىنى بايقاپ، خېلى ئۇزۇن ۋاقىتقىچە قەلبلىرى تۇتاش ئۆتىدۇ. ئۇلار ئاجرىشىپ كىتىشنى ئويلىمايدۇ ھەم ئاجرىشىپمۇ كىتەلمەيدۇ.
يولۋاس يىلى تۇغۇلغانلار بىلەن ئات يىلى تۇغۇلغانلار
   يولۋاس يىلى تۇغۇلغانلار بىلەن ئات يىلى تۇغۇلغانلار تۇغۇلما بىر جۈپلەردىن. ئۇلار رىئاللىق تەرپىدىن ئاسانلىقچە مەغلۇپ قىلىنمايدىغان ئەر-خوتۇنلاردۇر. ئۇلارنىڭ بىر-بىرى بىلەن چىقىشىپ ئۆتمىكى تەس، لىكىن شۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇلار بىر-بىرىگە يەنىلا سەمىمىي مۇئامىلە قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ بىر-بىرىگە تۇتقان پوزۇتسىيەسى ناھايىتى ئەستايىدىل. يولۋاس يىلى تۇغۇلغان كىشىلەر نىسبەتەن تىرىككەك ھەم ئالدىراقسان، ئات يىلى تۇغۇلغانلار بولسا سەۋرچانلىقى كەمچىل بولۇپ، ئۇلارنىڭ بۇ مىجەزى ئوتتۇرلۇقتا ھەدىسىلا زىددىيەت توقۇنۇش كۆرۈلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كەلگۈسىدە، ئۇلاردا يەنىلا ئازدۇر-كۆپتۇر جىدەللىشىش كۆرۈلسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى بارغانسىرى ياخشىلىنىپ ماڭىدۇ. ئۇلارنىڭ چىقىشمىقىنىڭ تەس بولمىقى، بىر-بىرىدە ئىزدىنىشكە تىگىشلىك ئالاھىدىلىكلەر بارلىقىدىن دىرەك بىرىدىغان بولۇپ، ئۇلار ئۇزۇن مەزگىل بىرگە ئۆتسىمۇ بىر-بىرىدىن زىرىكىش ھىس قىلمايدۇ، شۇڭا ئۇلارنىڭ ئاجرىشىپ كىتىشىمۇ ئاسانغا توختىمايدۇ.
كالا يىلى تۇغۇلغانلار ۋە توشقان يىلى تۇغۇلغانلار
    ئەگەر بۇ ئىككى مۆچەلدە تۇغۇلغانلار ئۆز-ئارا تويلىشالىسا، ماددى جەھەتتىكى نەرسىنى ئەمەس، بەلكى بىر-بىرىدىكى ئارتۇقچىلىقنى كۆزلىگەن بولىدۇ. ئۇلار توي قىلىشتىن ئىلگىرى، ئىككەيلەن ناھايىتى چىقىشىپ ئۆتىدۇ؛ چۈنكى كالا يىلى تۇغۇلغانلار توشقان يىلى تۇغۇلغانلارنىڭ ئىھتىياتچانلىقىنى چۈشەنمەيدۇ، توشقان يىلى تۇغۇلغانلارمۇ كالا يىلى تۇغۇلغانلارنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدىمۇ، ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى ھەرگىز سۇسلىشىپ قالمايدۇ، ئەكسىچە بارغانسىرى يېقىنلىشىپ، كەلگۈسىدە باياشاتچىلىق ۋە خۇشاللىققا چۆمۈپ، بەخىتلىك بىر جۈپلەردىن بولالايدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号