يىمەكلىك ئارقىلىق ئاپتاپتا كۆيۈشتىن ساقلىنىشنى بىلىۋىلىڭ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-07-05 كۆرۈلىشى : قېتىم
كونىلاردا، "بىر ئاقلىق، باشقا ھەممە ئىۋەنلەرنى يېپىپ كىتەلەيدۇ" دىگەن گەپ بار. نۇرغۇن كىشىلەر تىرىسنىڭ تېخىمۇ ئاق ھەم يۇمران بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، بولۇپمۇ گۈزەللىكنى سۈيىدىغان ئاياللار تېخىمۇ ھەم شۇنداق. بىراق، قىشنىڭ كۈنىدە ئاران دىگەندە ئاسراپ ئاقارتقان تىرە، ياز كۈنلىرى يەنە ئاپتاپتا كۆيۈپ قارىداپ قېلىش خەۋپىگە دۇچار بولىدۇ؛ قۇياش نۇرى تەركىبىدىكى ئۇلتىرا بىنەپشە نۇر، تىرىنى غىدىقلاپ زورمىقداردا ئوكسىدلانغان ئەركىن رادىكال ئىشلەپچىقىرىدىغان بولۇپ، ئەركىن رادىكالار بولسا تىرە ھۈجەيرە ئورگانىزىملىرىنى بۇزۇپ، قارا رەڭ ماددىسىنىڭ شەكىللىنىشىدىكى ئوكسىدلىنىش رىئاكسىيەسى شەكىللىنىشىنى تىزلىتىۋىتىدۇ. بۇنىڭدا، تىرە رەڭگى تېخىمۇ ئۆڭۈپ ياكى قارىدايدۇ، يىرىكلىشىپ ئىلاستىكىلىقى يوقىتىدۇ؛ بۇنىڭ بىلەن بىرگە، تىرىنىڭ كىسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىمۇ تۆۋەنلەپ كىتىدۇ.
كۈچلۈك ئاپتاپنىڭ كۆيدۈرۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ھەرخىل ئاپتاپتا كۈيۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كىيىمى، ئاپتاپ كۈنلۈكى، ئاپتاپ ئەينىسى، ئاپتاپتا كۈيۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەلھىمى قاتارلىقلار كەينى-كەينىدىن مەيدانغا چىققان بولۇپ، گەرچە بەلگىلىك دەرىجىدە ئاپتاپتا كۈيۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىنى ئوينىسىمۇ، ئەمما مەسىلىنى تۈپتىن ھەل قىلالمايدۇ. ئەگەر ئاپتاپتا كۈيۈپ قارىداپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىمەن دىسەك، زۈرۈر بولغان ئاپتاپتا كۈيۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەھسۇلاتلىرىدىن باشقا، يىمەك-ئىچمەك جەھەتتە تەڭشەش ئېلىپ بېرىشمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.

ۋىيتامىنلىق تەركىبى مول بولغان يىمەكلىكلەرنى كۆپرەك يىيىش
ۋىيتامىن C، "تىرىنى گۈزەل قىلىشتىكى مەڭگۈلۈك مۇقەددەس بۇيۇم" بولۇپ، ئاقارتىش پادىشاھى دەپ ئاتىساقمۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ؛ ۋىيتامىن C، يازنىڭ كۈنلىرىدە ئەڭ تۇلۇقلاشقا تىگىشلىك ئۇزۇقلۇق ماددا بولۇپ، ئۇ ھۈجەيرە ئىچىدىكى سۇ تەركىبلىرىنى قۇلۇپلاش ئارقىلىق ئاپتاپنىڭ كۆيدۈرۈشىگە تاقابىل تۇرۇپلا قالماي، يەنە تېخى قارا رەڭ ماددىسىنىڭ شەكىللىنىشىنى توسۇپ، قارا داغلارنى يوقىتالايدۇ. ھەر كۈنى 500-300گىرام ئەتراپىدا، مايمۇن شاپتۇلى، ئانار، بۆلجۈرگەن، پەمىدۇر، رەڭلىك لازا ياكى ئاپلىسىن تۈرى قاتارلىق مىۋە-كۆكتات ئىستىمال قىلىپ بەرسەك، تىرىنى ئاپتاپتىن كۈيۈشتىن ساقلاش، تىرىنى ئۇزۇقلاندۇرۇش، ئاقارتىش ئۈنۈمى ئىنتايىن ياخشى بولىدۇ.
تەبىئى بولغان ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى ماددا ۋىيتامىن E، ئۇلتىرا بىنەپشە نۇر شەكىللەندۈرگەن ئەركىن رادىكاللارنى تۇتىۋىلىپ، تىرىنى ئوكسىدلىنىشنىڭ زىيىنىغا ئۇچراشتىن قوغدايدۇ؛ ئىچىدىن باشلاپ سىرتىغىچە، تىرىنىڭ ئۇلتىرا بىنەپشە نۇرنىڭ زىيانكەشلىگە قارشى تۇرۇشىغا ياردەملىشىدۇ. ۋىيتامىن E تەركىبى يۇقىرى بولغان يىمەكلىكلەردىن، گازىر، كاللەكبەسەي، تۇخۇم سېرىقى قاتارلىقلار بار.
ۋىيتامىن B كەمچىل بولغان تىرىدە، رەڭ ماددىلىرى چۆكىشىۋالىدۇ؛ ياز كۈنلىرى، تەركىبىدە ۋىيتامىن B ئائىلىسى كۆپرەك بولغان يىمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئسىتىمال قىلىپ بەرسەك، تىرىنىڭ قۇياش نۇرىغا بولغان قارشىلىق كۆرسىتىش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، قارا داغلارنىڭ پەيدا بولۇشىنى ئازايتىدۇ. بۇنىڭدا تەۋسىيە قىلىدىغان يىمەكلىكلەردىن، ئۈرۈك مېغىزى، سۇلۇ، بانان، ئۈزۈم، ئۇرۇق گۆش، دادۇر، خاسىڭ، بېلىق گۆشى، كالا جىگىرى، موگو، تۇخۇم، پىشلاق قاتارلىقلار بار.

قىزىل ۋە سېرىق رەڭدىكى كۆكتاتلارنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىش
قىزىل ۋە سېرىق رەڭلىك كۆكتاتلاردا، مىۋىلەردە ھەمدە شوخلا، سەۋزە، ماڭگو قاتارلىق يشىل يۇپۇرماقلىق مىۋە كۆكتاتلار تەركىبىدە كۆپ مىقداردا كاروتىن ۋە باشقا ئادەم بەدىنىگە پايدىلىق بولغان ئۆسۈملۈك خىېمىيلىك ماددىلىرى بار بولۇپ، ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇپ، تىرىنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.
بۇنىڭ ئىچىدە، پەمىدۇر ئەڭ ياخشى بولغان ئاپتاپتىن ساقلىنىش يىمەكلىكى ھىسابلىنىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ تەركىبىدە ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى شوخلا قىزىل ماددىسى مول؛ پەمىدۇر قىزىل ماددىسى بولسا، ئوكسىدلىنىشقا ۋە رادىئاتسىيەگە قارشى تۇرىدىغان بىئولىگىيلىك ئاكتىپ ماددا بولۇپ، ئەركىن رادىكاللار، ئۇلتىرا بىنەپشە نۇر ۋە ھەرخىل سىرقى رادىئاتسىيەلەرنىڭ تىرە ھۈجەيرىلىرىگە بولغان زىيىنىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالىدۇ.
دادۇر ۋە پۇرچاق مەھسۇلاتلىرىنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىش
دادۇر تەركىبىدىكى ئىزوفلاۋون بولسا، بىر خىل ئۆسۈمۈلۈك تىپىدىكى ئاياللىق ھورمۇنى بولۇپ، ئاياللاردىكى بىر قىسىم ھورمۇنلارنىڭ ئورنىنى بېسىپ، قېرىپ كىتىشكە قارشى تۇرۇشقا ياردەملىشىدۇ. ئۇنىڭ يەنە ناھايىتى كۈچلۈك بولغان ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش رولى بار بولۇپ، ئولتىرا بىنەپشە نۇرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراش سەۋەبىدىن تىرىنىڭ نۇر رىئاكسىيە قىلىدىغان بولۇپ قېلىشنىڭ تىرىنىڭ قېرىپ كىتىشدىن ساقلايدۇ.
پۇرچاق سۈتىمۇ، ئاياللارغا نىسبەتەن بىر خىل ھۆسىن گۈزەل لەشتۈرۈش يىمەكلىكى بولۇپ، ئەتىگەنلىك ناشتىدا بىر ئىستاكان پۇرچاق سۈتى ئىچىپ بەرسە، بەدەننىڭ سۇ تەركىبىنى تۇلۇقلاپلا قالماي، يەنە تېخى تىرىنى قۇۋۋەتلەپ، ئاپتاپتا كۆيۈشتىن ساقلاش، تىرىنى ئاقارتىش ئۈنۈمىنى كۆرسىتىدۇ.

يۇرۇقلۇق سەزگۈچى يىمەكلىكلەرنى ئازراق ئىستىمال قىلىش
تۇرمۇشتا كۆپ ئۇچرايدىغان يۇرۇقلۇق سەزگۈچ يىمەكلىكلەرنىڭ كۆپىنچىسى كۆكتات بولۇپ، ئاساسلىقى، پىدىگەن، كەرەپشە، كۈدە، شىياۋبەسەي، پالەك، ئوسۇڭ، يۇمغاقسۈت، ئەنجۈر، قىزىل پۇرچاق قاتارلىقلار بار. بۇ يىمەكلىكلەر تەركىبىدە يۇرۇقلۇق سەزگۈچى ماددىلار بار بولۇپ، ئۇلتىرا بىنەپشە نۇرنىڭ يۇرۇتىشىغا ئۇچرىغاندىن كىيىن، تىرىدە ئاسانلا رىئاكسىيەلىشىش، ياللۇغلىنىپ قېلىش، رەڭ ماددىسى چۆكمە ھاسىل قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەمدە بۇ سەۋەپلىك قارا داغ پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا ئادەتتە، بۇ خىلدىكى يۇرۇقلۇق سەزگۈچى يىمەكلىكلەرنى ئازراق ئىستىمال قىلىش كىرەك.