ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
نەچچە ياشتىن كىيىن ئاياللارنىڭ ئاجراشقۇسى كەلمەيدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-06-26 كۆرۈلىشى : قېتىم
    تۇرمۇشتا، "تويلىشىش، مۇھەببەتنىڭ قەبرىسى" دىگەننى كۆپ ئاڭلايمىز؛ بۇ گەرچە بىر خىل چاقچاق قىلىپ ئېيتىلغاندەك سۆزلەر بولسىمۇ، ئەمىلىيەتتە بىز، توي تۇرمۇشىنىڭ ئاجىزلىقىنى ۋە جاپالىقىنى ھىس قىلىپ يىتەلەيمىز. توي تۇرمۇشىنى ياخشى ساقلاپ ئۆتۈپ كىتىش، ئۇنداق ئاسان ئەمەس.
    ئەمىلىيەتتە، بىز يىڭىدىن توي تۇرمۇشىغا قەدەم قويغان ۋاقىتتا، كۆپىنچىمىز توي تۇرمۇشىنى تازا تۇلۇق چۈشىنىپ كەتمەيمىز. مۇھەببەتلىشىۋاتقان ۋاقىتتىكى تۇيغۇ ۋە ئىپادىگە ئوخشىمايدىغىنى، توي تۇرمۇشىدا ھەركۈنى، ئۇن ياغ گۈرۈچ دىگەندەك تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىگە يۈزلىنىپ، ئاددى-ساددىلىق ئىچىدە كۈن ئۆتكۈزىمىز ھەمدە مۇھەببەتلىشىش جەريانىدىكى بىر-بىرىگە بولغان ياسالمىلىقلارنى ھەقىقى تۈردە تاشلاپ، رىئاللىقتىكى قارشى تەرەپكە ماسلىشىش ئۈچۈن تىرىشىمىز.
    ئىككى تەرەپنىڭ مەدىنىيەت تۇرمۇش ئارقا كۈرۈنىشى ئېلىپ كەلگەن ئوخشاش بولمىغان ئىجتىمائى قىممەت قارىشىدىكى پەرق، كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى زىددىيەتلەر ئارىسىدا تىز سۈرئەتتە پارتلاپ چىقىدۇ. بۇنىڭغا ئاتا-ئانىسىنىڭ ھامىيلىقىدىن ئايرىلىش ۋە يىڭى ھاياتلىقنىڭ دۇنياغا كىلىشى قوشۇلۇپ، تۇرمۇشىمىزغا نۇرغۇنلىغان يىڭى ئالدىراشچىلىقلار قوشۇلىدۇ. ئەر-خوتۇن ئىككى تەرەپنىڭ خارەكتىرىنىڭ بىر-بىرىگە ماسلىشىشى، ئائىلە مۇناسىۋەت ئەندىزىسىنىڭ ماسلىشىشى ئەمدىلا باشلانغان بولغاچقا، بىز ئادەتتە ھەمىشە باشقىلارنىڭ توي تۇرمۇشىدىن قاقشاپ ئاغرىنىشلىرىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز.
    ئادەتتە كىشىلەرنىڭ ئېغىزىدا "توي تۇرمۇشىدىكى 7يىللىق كىرزىس" دىگەن بىر خىل قاراش ئېقىپ يۈرىدۇ؛ بۇنىڭ مەنىسى بولسا، توي تۇرمۇشىدىكى دەسلەپكى 7يىل زىددىيەت توقۇنۇشلار ئەڭ كۆپ بولغان مەزگىل دىگەنلىك بولۇپ، ھازىر بۇ يەتتە يىل ئۈچ يىلغا قىسقىراپ قالدى. بۇ مەزگىل بەلكىم، ئەر-خوتۇنلارنىڭ ئاجرىشىش ئويى ئەڭ كۆپ كۆرىلىدىغان مەزگىل بولۇشى مۇمكىن. بولۇپمۇ ئاياللار، بەلكىم ئوتتۇز ياش ئەتراپىدا ئۇلارنىڭ نارازىلىقى ئەڭ كۆپ بولۇشى مۇمكىن بولۇپ، توي تۇرمۇشىغا بولغان نارازىلىق ۋە ياشلىق باھارىنىڭ تىزلا ئۆتۈپ كىتىش مەزگىلىگە كىلىپ قالغانلىقىغا بولغان قورقۇش، ئۇلارنى سىرتقى دۇنياغا ئىنتىلدۈرىدۇ. قىرىق ياشقا يېقىنلاشقاندا بولسا، ئاياللار توختاپ قالىدۇ، ئەمما ئەرلەرنىڭ كۆڭلىگە جىن چۈشۈشكە باشلايدۇ؛ چۈنكى، قىرىق ياش بولسا، ئەرلەرنىڭ ئىگىلىكىنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە مۇۋەپپىقىيەت قازىنىپ، ياشلىقتىن دەسلەپكى قەدەمدە پىشىپ يىتىلىشكە قەدەم قويغان مەزگىل بولىدۇ. بىراق، ئەرلەر يەنىلا ئۆيدە بىر خوتۇن سىرتتا مىڭ خوتۇن بولۇشنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، قەلبىدىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، ئۇلارنىڭ ئايالىدىن ئاسانلىقچە ۋاز كىچىشىگە يول قويمايدۇ.
    يېغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، ئەر-خوتۇن ھەر ئىككى تەرەپنىڭ كۆڭلىنى توختىتىپ ئۆزىنى تۇتىۋالىدىغان مەزگىلى، ئۇلارنىڭ ئاجرىشىشنى ئازراق ئويلايدىغان مەزگىلى بولۇشى مۇمكىن. بۇ بويىچە ھىسابلىغاندا، ئەرلەر 50ياشقا يېقىنلاشقا، ئاياللار بولسا قىرىقتىن ئاشقان مەزگىلدۇر.
   تويلىشىش ئاسان ئەمەس، بىرگە شۇنچە يىللارنى ئۆتكۈزمەڭ تېخىمۇ ھەم شۇنداق. توي تۇرمۇشىڭىزنى قەدىرلەڭ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号