ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئوتتۇرا ياشلىق ئەرلەر بۇ خىلدىكى ئاياللارغا كۆز تاشلايدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-06-20 كۆرۈلىشى : قېتىم
    ئەرلەر بىلەن ئاياللار ئوخشىمايدۇ؛ ئاياللار تويلىشىپ ئائىلە قۇرغاندىن كىيىن، ئىرى بىلەن يېقىنچىلىق قىلىشى، كۆپىنچە مۇھەببەت سەۋەبىدىن بولىدۇ ھەمدە كۆپ قىسىم ئاياللار ئىرىدىن باشقا ئەرلەرگە قارىمايدۇ. بىراق، كۆپ قىسىم ئەرلەر ئوتتۇرا ياشقا يەتكەندىن كىيىن مۇھەببەتكە قايتا ئىشەنمەيدىغان بولۇپ قېلىپ، ھەمىشە ئۆزىنىڭ ھاۋايى ھەۋىسىنى قاندۇرۇش ۋە ئوخشاش بولمىغان يىڭىلىق تۇيغۇسىغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن، باشقا ئاياللار بىلەن يېقىنچىلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
   كۆپىنچە ئوتتۇرا ياشتىكى ئەرلەرگە نىسبەتەن، ئەگەر ئۇلار سىرتتا قالايمىقان يۈرسە، ئۇلارنى مۇھەببەت ئۈچۈن شۇنداق قىلدى دىسەك كۈلكىلىك بىر ئىش بولىدۇ. ئوتتۇرا ياشلىق ئەرلەرنىڭ سىرتتىكى ئاياللار بىلەن ئىش-پەش تارتىشىپ ئۆتۈشى، كۆپىنچە ھاللاردا ھاۋايى-ھەۋىسىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن بولىدۇ. بۇ سەۋەپلىك، ئوتتۇرا ياشلىق ئەرلەر تۆۋەندىكى ئۈچۈن خىل ئاياللارغا كۆز تاشلاپ، ئۇلار بىلەن يېقىنچىلىق مۇناسىۋىتى ئۆتكۈزۈشنى ئويلايدۇ.
بەك ئۇچۇق بولۇپ كەتكەن شاللاق ئاياللار
    نۇرغۇن ئوتتۇرا ياشلىق ئەلەر تالاغا قارىغاندا، "تەشەببۇسكار بولماسلىق، رەت قىلماسلىق، مەسئۇل بولماسلىق" پوزۇتسىيەسى تۇتۇشنى تەرغىپ قىلىدۇ. چۈنكى، ئۇلار ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى تىگىشلىك بولغان ئائىلىسى بارلىقىنى بىلىدۇ، شۇڭا ئالدىراق كۆڭلىنى بىرىپ قويمايدۇ. ئۇلارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئەگەر ئويۇنچى شاللاق ئاياللار بىلەن بىنورمال مۇناسىۋەت ئورناتقاندا، قارشى تەرەپ ئۆزىگە چاپلىشىۋالمايدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، ئاخىرىدا ئاخىرقى چەك-چىگرادىن ھالقىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، ئەنسىرەش بىھاجەت بولىدۇ.
ئىش كۆمىگەن كىچىك قىزلار
    ئوتتۇرا ياشلىق ئەرلەر ئادەتتە كۆپ ئىشلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بولغاچقا، ئەسلىدىنلا قىزلارنى ئالداپ كەلتۈرۋىلىشقا ئۇستا بولىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئىش كۆرمىگەن كىچىك قىزلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى كۆرگەن بىلگەنلىرى كۆپ بولمىغاچقا، ئاسانلا ئەرلەرنىڭ ساختا ياغلىما گەپلىرىگە ئىشىنىپ كىتىدۇ. ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتى تەرەققى قىلىپ ئاشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتىگە يەتكەن تەقدىردىمۇ، بۇنداق كىچىك قىزلار ئەرلەر قەيەرگە يىتىلىسە شۇياققا مېڭىپ، ئەركىشىنىڭ ئائىلىسىگە كۆپ خەۋپ ئېلىپ كەلمەيدۇ. شۇڭلاشقا، ئوتتۇرا ياشلىق ئەرلەر بۇنداق قىزلارغا كۆز تاشلاشقا ئامراق كىلىدۇ.
ئەرلەردىكى ھورمۇننى ئۆرلىتىدىغان چىرايلىق ئاياللار
   مەيلى قايسى ياش مەزگىلىدىكى ئەر كىشى بولمىسۇن، چىرايلىق ئايال كىشىنى كۆرگەندە كۆڭلىنى تىنچ تۇتالماي قالىدۇ. بۇندىن باشقا، ئوتتۇرا ياشلىق ئەرلەرنىڭ ئەڭ كۆرۈنەرلىك ئالاھىدىلىكى بولسا، ئۇلارنىڭ ئىگىلىكى يىڭى بىر پەللىگە كۆتۈرۈلگەن بولغاچقا، ئۇلار جەمئىيەتنىڭ ئىتراپ قىلىشىغا ئىرىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا، كۆپ قىسىم ئەلەرنىڭ نەزىرىدە، چىرايلىق ئاياللار بىلەن ئاشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش، ئۇلارنىڭ جەلپكارلىقى ۋە ئەمىلى كۈچىنى ئىسپاتلىغانلىق بولۇپ ھىسابلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇلار چىرايلىق ئاياللار بىلەن ئىش-پەش تارتىشىش ئارقىلىق، بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىلەن، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ ھاۋايى-ھەۋىسىنى قاندۇرماقچى بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号