ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
لىمون چېيىنى توغرا چىلاش ئۇسۇلى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-05-29 كۆرۈلىشى : قېتىم
   لىمون سۈيى، تىرىنى ئاقارتىپ قېرىپ كىتىشنى ئاستىلىتىدۇ؛ ئىگىلەشلەرگە ئاساسلانغاندا، ئۇنىڭ يەنە ئۇرۇقلىتىش ئۈنۈمىمۇ بار بولۇپ، نۇرغۇنلىغان ئاياللارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئىرىشكەن. بىراق، لىمون چېيىنى—يەنى لىمون سۈيىنى، توغرا ئۇسۇلدا چىلاپ ئىچكەن ۋاقىتتا، ئاندىن ئۇنىڭ ئۈنۈملىرىنى تۇلۇق جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ.
   1. لىمون سۈيى چىلاشتا، لىموننىڭ پوستىنى سويىۋەتمەسلىك كىرەك؛ چۈنكى لىمون تەركىبىدە فلاۋونوئىد ماددىسى بول بولۇپ، ئۇزۇقلۇق قىممىتى ئىچىدىكى مىۋە گۆشىنىڭكىدىنمۇ يۇقىرى.
   2. توڭلاتقۇدا ساقلانغان لىموننى ئېلىپ، نىپىز پارچە قىلىپ توغرايمىز؛ ئادەتتە بىر تال لىموننى 20-15تال قىلىپ توغرىساق بولىدۇ. توغراپ بولغاندىن كىيىن، لىموننى ئېغىزى ھىم ئىتىلىدىغان قاچىغا سېلىپ، ئۈستىگە ھەسەل ۋە سۇغۇق قايناغ قۇيىمىز، لىمون چۆكۈشكىچىلىك بولسا بولىدۇ؛ ئېغىزىنى ھىم ئەتكەندىن كىيىن، سۇغۇق ساقلايمىز. ئىككىنچى كۈنى، ئۇنىڭدىن 2-1پارچىنى ئېلىپ، ئىلمان قايناقسۇغا چىلاپ ئىچسەك بولىدۇ.
   3. توغراپ سۇغۇق ساقلانغان لىموننىڭ ئۈنۈمى، لىموننى بىۋاستە توغراپ چىلاپ ئىچكەنگە قارىغاندا ياخشىراق. ئۈستىدە ئېيتىلغان ئۇسۇلنى قوللانساق، بىر تال لىمون بىر ھەپتە يىتىدۇ. بۇندىن باشقا، چىلىغان لىموننى ئامال بار بىر سائەت ئىچىدە ئىچىۋىتىش كىرەك؛ بولمىسا، ئوكسىدلىنىپ ئۇزۇقلۇق قىممىتىنى يوقىتىدۇ.
   4. لىموننى قايناقسۇغا چىلىساق، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ۋىيتامىن Cبۇزۇلۇپ كىتىدۇ؛ سۇغۇق سۇغا چىلىساق، پۇرىقى تۇلۇق چىقالماي قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، سۇغۇق ساقلانغان لىموننى ئېلىپ، تىمپىراتۇرسى 60گىرادوستىن ئېشىپ كەتمىگەن ئىلمان قايناقسۇغا چىلاش كىرەك.
   5. ئەگەر بەك چۈچۈمەل تېتىپ قالسا، ئازراق شىكەر ياكى ھەسەل قوشۇپ ئىچسەك بولىدۇ.
   6. لىموننىڭ گەرچە تىرىنى ئاقارتىپ قېرىپ كىتىشكە قارشى تۇرۇش، توكسىن ھەيدەش، ئۇرۇقلىتىش، بېسىمنى  تۆۋەنلىتىپ مىڭىنى ساغلاملاشتۇرۇش، ئىممونت كۈچىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق ئۈنۈملىرى بار بولسىمۇ، ئەمما قانچىكى كۆپ ئىستىمال قىلسا شۇنچە ياخشى بولىدىغان ئەمەس. ئاشقازىنى ئېچىشىدىغان ياكى ئاشقازان يارىسى بار بىمارلار لىمون سۈيى ئىچكەندە، كۈندە بىر ئىستاكاندىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كىرەك.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号