ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
كۈندە ئون قۇتا كولا ئىچىشنى 30كۈن داۋاملاشتۇرسىڭىز
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-05-26 كۆرۈلىشى : قېتىم

    رەسىمدىكى بۇ ئەرنىڭ ئىسمى جورج بولۇپ، ئامىرىكىلىق؛ ئۇ مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بەدەنگە قەنت تەركىبىنى زىيادە ئارتۇق قوبۇل قىلىش سالامەتلىككە زىيانلىق دىگەنلىكىنى ئاڭلىغان. بىراق، بۇنى ئەزەلدىن ھېچكىم سىناق قىلىپ باقمىغاچقا، سالامەتلىككە زادى قانچىلىك دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن، جورج شەخسەن ئۆزى بىر قېتىملىق سىناق ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلغان. جورج بۇنىڭدا، كولا ئىچىپ سىناق قىلغان.

   تەجىربىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ تېخىمۇ ئېنىق بولۇشى ئۈچۈن، ئۇ تەجىربە قىلىشنى باشلاشتىن بىركۈن بۇرۇن، بەدەن ئېغىرلىقىنى خاتىرلىگەن. بۇ قېتىمدا، ئۇنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى 168قاداق، (تەخمىنەن 152.4جىڭ)، بەدەندىكى ماي نىسبىتى %9.4، قان بېسىمى 129/77 چىققان؛ بۇ سانلىق مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، ئۇنىڭ ساغلاملىق ئەھۋالى ئىنتايىن ياخشىدەك كۆرۈنەتتى.
   شۇنىڭ بىلەن، ئۇ رەسمى تۈردە تەجىربىسىنى باشلىغان؛ ئۇ ھەركۈنى ئون قۇتا كولا ئىچكەن. بىر ھەپتىدىن كىيىن، ئۇ بەدەن ئېغىرلىقىنى ئۆلچىگەن ۋاقىتتا، بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىپ كەتكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇسكۇللىرىنىڭمۇ بوشاپ كەتكەنلىكىنى ھىس قىلغان.

   ئاخىرىدا، 30كۈندىن كىيىن ئۇ تەجىربىسىنى ئاخىرلاشتۇرغان. بۇ ۋاقىتتا ئۇ بەدەن ئېغىرلىقىنى قايتا ئۆلچىگەندىن كىيىن، بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ 190قاداققا(172جىڭ) يەتكەنلىكىنى—يەنى، 19.6جىڭ سەمىرىپ كەتكەنلىكىنى بايقىغان. بۇندىن باشقا، ئۇنىڭ بەدەندىكى ماي نىسبىتى %16گە، قان بېسىمى 145/96گە كۆتۈرۈلگەن.
   بىز ئۇنىڭ تەجىربە قىلىشنىڭ ئالدى كەينىدىكى سېلىشتۇرما سۈرىتىگە قاراپ باقساق، ئۆزگىرىش نىسبەتەن كۆرۈنەرلىك بولغان. بۇ تەجىربە ئارقىلىق، ئادەتتە بۇنىڭغا ئوخشاش يۇقىرى قەنتلىك گازلىق ئىچىملىكلەرنى ئازراق ئىچىش كىرەكلىكىنى بىلەلەيمىز.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号