ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
سىناق | ئۆزىڭىزنىڭ ئەڭ چوڭ ئاجىزلىقىڭىزنى بىلىۋىلىڭ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-05-21 كۆرۈلىشى : قېتىم
    تۆۋەندىكى رەسىمدىكى گۈل سىۋەتلىرىنى كۆزىتىپ، قايسىسىنى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىزنى تاللاپ چىقىڭ.
A
B
C
جاۋاپ ئانالىزى
Aرەسىمنى تاللىغانلار
   سىزنىڭ ئاجىزلىقىڭىز جاپادا قالسىڭىزمۇ، ئابرويىڭىزنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش. غۇرورى كۈچلۈك كىشىلەر دىققەت مەركىزىگە ئايلىنىشنى ئۈمىد قىلىدىغان بولۇپ، سىز ئۆزىڭىزنى خەلق ئالەمگە تۇنۇتۇشنى ھەمدە باشقىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالايدىغان بولۇشنى ئويلايسىز. سىز ئادەتتە ناھايىتى ئۇچۇق قول، ئەمما سىز ئالاھىدە ئىتىبار بىرىدىغان تەرەپلەرگە چېتىلغان ۋاقىتتا، سىزنىڭ مۇرەسسە قىلىمىقىڭىز تەسكە توختايدۇ. چۈنكى، ئابرويىڭىزنى ساقلاپ قالغان بىلەنمۇ، سىز ئاسانلا تۇرمۇشتا زىيانغا ئۇچراپ قالىسىز؛ نۇرغۇن ئىشلارنى، سىز رەت قىلىشقا خىجىل بولغانلىقتىن، چىشىڭىزنى چىشلەپ بۇ ئىشلارنى تۈگىتىسىز، ھەرقانچە ھېرىپ چارچاپ كەتسىڭىزمۇ، ئاجىزلىقنى ئىپادىلەپ قويۇشنى خالىمايسىز. شۇڭا مۇۋاپىق تۈردە يول قويۇشنى ياكى كەينىگە يېنىپ بىرىشنى بىلىش، ئابروينى قوغداشنىمۇ مۇۋاپىق قىلىش ئەڭ ياخشى تاللاشتۇر.
Bجاۋابنى تاللىغانلار
    سىزنىڭ ئەڭ چوڭ ئاجىزلىقىڭىز، قارىغۇلارچە جاسارەتلىك بولىۋىلىشنى ياخشى كۆرۈش بولۇپ، سىز جاسارەتلىك بولۇشنى ياخشى كۆرىدىغان بىر ئادەم. سىز ھەمىشە دوستلىرىڭىزنىڭ ئالدىدا پو ئېتىپ، ئۆزىڭىزنىڭ ئىقتىدارىنى كۆز-كۆز قىلىشقا، ئۆزىڭىزنى تېخىمۇ كۈچلۈك كۆرسىتىشكە ئامراق. بىراق، سىزنىڭ ھەقىقى ئىقتىدارىڭىز ئۇنداق چوڭ ئەمەس؛ شۇڭا نۇرغۇن ۋاقىتلاردا، دوستلىرىڭىز سىزدىن ياردەم تەلەپ قىلسا، سىز ئىشلارنى ئەپلەشتۈرۈپ قىلالمايسىز ھەمدە ئاخىرىدا باشقىلارنىڭ ياردىمى ئارقىلىق ئاندىن ئىشنى يېغۇشتۇرىسىز. سىزنىڭ دوستلىرىڭىزمۇ سىزنى ناھايىتى بەك چۈشىنىدۇ. سىزنىڭ دوستلىرىڭىزمۇ ئەمىلىيەتتە سىزنىڭ قانداقلىقىڭىزنى بىلىدۇ، شۇڭا ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ، دوستلىرىڭىز بارغانسىرى سىزدىن يېراقلىشىپ كىتىدۇ. سىز پەقەت بۇ خىل كەمچىلىكىڭىزنى تۈزەتكەن ياكى تىرىشىپ ئۆگىنىپ ئىقتىدارىڭىزنى يۇقىرى كۆتۈرگەن ۋاقتىڭىزدا، سىزنىڭ دوستلىرىڭىز ئاندىن سىزدىن قاچمايدىغان بولىدۇ.
Cجاۋابنى تاللىغانلار
    سىزنىڭ ئاجىزلىقىڭىز، ئۆزىڭىزگە زىيادە بەك ئىشىنىپ كىتىش. سىز ئۆزىڭىزگە ئىنتايىن بەك ئىشىنىسىز، ئەمما كۆپىنچە ۋاقىتلاردا سىزنىڭ ئىقتىدارىڭىز، بۇ خىل ئىشەنچىڭىز بىلەن ماسلاشمايدۇ. سىز ناھايىتى قىزغىن بىر ئادەم، باشقىلار سىزدىن ياردەم سوراپلا قالسا، سىز كۈچىڭىزنىڭ يىتىشىچە يارەم قىلىسىز؛ بەزىدە ئەگەر كۈچىڭىز يىتىشمەي ياردەم قىلالماي قالسىڭىز، خۇددى ئوسال ئەھۋالغا قالغاندەك ھىس قىلىپ قالىسىز. خىزمەت جەريانىدا، رەھبىرىڭىز سىزگە ۋەزىپە ئورۇنلاشتۇرغان ۋاقىتتا، سىز بىرىنچى بولۇپ قولىڭىزنى كۆتۈرۈپ ۋەزىپىنى ئۆز ئالدىڭىزغا تارتىسىز؛ ئەمما بەزى ۋاقىتلاردا ۋەزىپىنى ئالدىڭىزغا تارتىپ بولۇپ ئورۇنلاشقا ئامالسىز قالسىڭىز، خىزمەتداشلىرىڭىز ۋە دوستلىرىڭىزنى ياردەمگە چاقىرىسىز. شۇنىڭ ئۈچۈن، سىزگە نىسبەتەن، ۋەدە بەرمەكچى بولغاندا، ئەڭ ياخشىسى، ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ ئەمىلىي ئىقتىدارىنى دەڭسەپ كۆرىشىڭىز كىرەك.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号