ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئوماققىنە بۇ قىزنىڭ ھەقىقى ئەھۋالى يۈرىكىڭىزنى ئېچىشتۇرىدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-05-19 كۆرۈلىشى : قېتىم
    يۈرەك، ئادەم بەدىنىدىكى ئەڭ مۇھىم ئەزا؛ چۈنكى، يۈرەك جانلىق ھالدا سوققان ۋاقىتتا، ئادەم بەدىنى ئاندىن بارلىق ھاياتلىق پائالىيەتلىرىنى نورمال داۋاملاشتۇرالايدۇ. ئەگەر يۈرەكتە مەسىلە كۆرۈلسە، بىر تۈرلۈك كىسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولۇپ، ھەريىلى نۇرغۇن كىشىلەر، يۈرەككە مۇناسىۋەتلىك كىسەللىكلەر سەۋەبىدىن ئالەم بىلەن خوشىلىشىدۇ. ئادەتتە، ئادەمنىڭ يۈرىكى بەدەننىڭ ئىچكى قىسمىدا، يەنى كۆكرەك بوشلۇقىدا بولىدۇ؛ ئەمما تۆۋەندىكى بۇ قىز ئالاھىدە بىر ئەھۋال بولۇپ، ئۇنىڭ يۈرىكى سىرتتا ئۆسكەن.
    بۇ قىزنىڭ ئىسمى ۋىيسا، روسىيەلىك، بۇ يىل ئالتە ياشقا كىرگەن. رەسىمدىن كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى، بۇ، ئادەمنىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۈرگۈدەك ئوماق بىر قىز.
    قىزنىڭ كۆزلىرى يوغان، كىرپىكلىرى ئۇزۇن ھەم قويۇق بولۇپ، كىچىك پەرىشتىنىڭ ئۆزىگىلا ئوخشايدۇ.
    بىراق، بۇ قىزنىڭ تاشقى قىياپىتى مۇشۇنداق ئوماق بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدىغان بىر خىل كىسەللىككە، يەنى كانتىلىر بىرلەشمە كىسەللىكىگە گىرىپتار بولۇپ قالغان.
    بۇ خىل كىسەللىكنىڭ ئەڭ كۆرۈنەرلىك ئالاھىدىلىكى، ئادەمنىڭ ئىچكى ئەزالىرى بەدەن ئىچىدە ئەمەس بەلكى بەدەن تېشىدا ئۆسۈپ قالىدۇ.
    ئوماق ۋىيسانىڭ يۈرىكىمۇ بەدەن سىرتىدا ئۆسكەن. ئۇنىڭ يۈرىكىنىڭ سىرتقى قىسمىنى ئىنتايىن نىپىز بىر قەۋەت تىرە ئوراپ تۇرغان بولۇپ، بۇ سەۋەپلىك ئۇنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ئىزچىل تۈردە كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان بىر مەسلىگە ئايلىنىپ قالغان.
    ۋىيسا ھۆتەلگەن ياكى چوڭقۇرراق نەپەسلەنگەن ۋاقىتتا، ئۇنىڭ يۈرىكىدە ناھايىتى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە سىلكىنىپ تەۋرىنىش كۆرىلىدۇ.
    ۋىيسا تۇغۇلغان ۋاقىتتا، ئۇنىڭ يۈرىكى ئادەمنى ئەندىشىگە سالىدىغان ئەھۋالدا بولغاچقا، دوختۇرلار ئۇنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. بىراق، ۋىيسا ھازىر ئالتە ياشقا كىرگۈچە سالامەت ياشاپ كەلدى.
    ۋىيسانىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭغا ئالاھىدە كۆيۈنىدىغان بولۇپ، ئۇنى ئامىرىكا بوستون شەھرىدىكى بالىلار دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ داۋالىتىشنى قارار قىلغان.
   بوستون بالىلار دوختۇرخانىسىدىكى دوختۇرلار بىر قاتار تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بارغاندىن كىيىن، ۋىيسانىڭ ئۆپكە ئارتىرىيە قان تۇمۇرىدىكى قان بېسىمى بەك يۇقىرى بولغاچقا ھازىر ۋاقتىنچە ئوپراتسىيە قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى، ئەمما ۋىيسا يەنە ئازراق چوڭ بولغاندىن كىيىن ئوپراتسىيە قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. نۆۋەتتە دوختۇرلارنىڭ پەرىزىچە، يەنە ئىككى يىلدىن كىيىن ئوپراتسىيە قىلىشقا بولىدىكەن؛ ئەگەر ئوپراتسىيە مۇۋەپپىقىيەتلىك بولسا، بۇ ئوماق قىز نورمال ئادەملەرگە ئوخشاش داۋاملىق ھايات كەچۈرەلەيدىكەن. ھازىر روسىيەدىكى نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزلىكىدىن پۇل يېغىش قىلىشىپ، ۋىيسانىڭ ئوپراتسىيە ھەققى ئۈچۈن پۇل توپلىغان.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号