ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
بۇ خىل ئىپادىلىرى بار ئەر كىشى سىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرىدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-05-11 كۆرۈلىشى : قېتىم
    زىددىيەتلىشىپ جىدەللىشىش، تويدىن كىيىنكى تۇرمۇشتىكى ئىنتايىن نورمال بىر ئىش؛ چۈنكى، ئىككى ئادەم بىرگە تۇرمۇش كەچۈرگەندە، ئازدۇر-كۆپتۇر پىكىر ئىختىلاپى بولۇپ قالىدىغان ۋاقىتلاردىن ساقلىنالمايدۇ. بىراق، جىدەللىشىش گەرچە نورمال ئىش بولسىمۇ، ئەمما جىدەللەشكەندىن كىيىن مۇناسىۋەتنى قانداق ياخشىلاش، ئەر-خوتۇنلار مىھىرى-مۇھەببىتىگە نىسبەتەن بىر سىناق ھىسابلىنىدۇ. ئادەتتە، ئەر-خوتۇنلار جىدەللىشىپ قالغاندىن كىيىن، تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىل ئىپادىسى بار ئەرلەر، سىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرىدىغان كىلىدۇ.
جىدەللىشىپ قالغاندىن كىيىن، سىزگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن باش ئەگسە
   تۇرمۇشتا شۇنداق بىر خىل ئەرلەر بار ئىكەنكى، ئۇلار سىزنى ياخشى كۆرگەنلىكىدىن، سىز بىلەن ئارتۇق ھىسابلىشىپ ئولتۇرۇشنى خالىمايدۇ؛ شۇڭا سىز بىلەن جىدەللىشىپ قالغاندىن كىيىن، ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىزدىن كەچۈرۈم سورايدۇ ھەمدە سۇغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئېلىپ بارمايدۇ.
   ئەلۋەتتە، يەنە بەزىبىر ئەرلەر بار بولۇپ، ئۇلار ئايالى بىلەن جىدەللىشىپ قالغاندىن كىيىن، ئايالىغا سۇغۇق مۇناسىۋەت قىلىشقا باشلاپ، ئايالىنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ھىسياتىنى قەتئى ئويلاشمايدۇ. ئەگەر سىزنىڭ ئىرىڭىز سىزگە بۇنداق مۇئامىلە قىلسا، ئىنىقكى ئۇ سىزنى يىتەرلىك دەرىجىدە ياخشى كۆرمەيدىكەن. سىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرىدىغان ئەر كىشى، سىزگە يول قويۇشنى خالايدۇ. شۇڭا، سىز بىلەن ھەرقانچە قاتتىق جىدەللىشىپ قالسىمۇ، ئۆزىنى بېسىۋالغاندىن كىيىن، ئۇ سىزگە باش ئىگىپ، سىزنىڭ كۆڭلىڭىزنىڭ بۇنداق بىئارام تۇرىۋىرىشىنى خالىمايدۇ.
سىز بىلەن جىدەللىشىپ قالغاندىن كىيىنمۇ، سىز ئۈچۈن تاماق تەييارلاپ بىرىشنى خالايدۇ
    سىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرىدىغان بىر ئەركىشى، تەبىئىلا سىز ئۈچۈن ئويلايدۇ؛ شۇڭلاشقا، سىز بىلەن جىدەللىشىپ قالغاندىن كىيىن، ئەگەر تاماق ۋاقتى كىلىپ قالسا، سىز ئاچچىقلىنىپ ئولتۇرۋىلىپ تاماق ئەتمىسىڭىز، ئۇنداقتا بۇ ۋاقىتتا ئىرىڭىز سىزنىڭ قورسىقىڭىزنىڭ ئاچ قېلىشىنى خالىماي، سىزگە يەيدىغان نەرسە تەييارلاپ بىرىدۇ. چۈنكى، ئۇ سىزنىڭ تاماق يىمەي سالامەتلىكىڭىزگە تەسىر يەتكۈزۈۋىلىشىڭىزدىن ئەنسىرەيدۇ.
جىدەللىشىپ قالغاندىن كىيىن، سىزنى يالغۇز تاشلاپ قويمايدۇ
    نۇرغۇن كىشىلەر، جىدەللىشىپ قالغاندىن كىيىن، ناھايىتى بەك قىزىققان بولۇپ كىتىپ، ئۆزىنىڭ كەيپىياتىنى كونتىرول قىلالمايدۇ. بىراق، ئەگەر ئىرىڭىز سىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرسە، ئۇنداقتا سىز بىلەن جىدەللىشىپ قالغان تەقدىردىمۇ سىزنى يالغۇز تاشلاپ قويمايدۇ؛ چۈنكى، ئۇ بۇنداق قىلسا سىزنىڭ بىرەر تاساددىبىيلىققا ئۇچراپ قېلىشىڭىزدىن ئەنسىرەيدۇ. ئەگەر ئىرىڭىزنىڭ سىزگە بولغان مۇھەببىتى سۇسراق بولسا، ئۇنداقتا سىلەر جىدەللىشىپ قالساڭلار، ئۇ شۇ يەردىلا سىزنى تاشلاپ قويۇپ، ئاچچىقلىنىپ كىتىپ قالىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号