ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئالتە يۈز ئادەم بىر قاچا چۆپنى تەڭ يەپ رىكورت ياراتتى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-05-09 كۆرۈلىشى : قېتىم
   قولايلىق چۆپ كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسىگە تۇنۇشلۇق. ماڭا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇ پەقەت بىر خىل ئۇششاق يىمەكلىك ھىسابلىنىدىغان بولۇپ، بەزىدە بىر قاچا تەييار چۆپ چالىسام تۈگىتىپ يەپ بولالمايمەن؛ پەقەت قورسىقىم بەك ئېچىپ كەتكەن ۋاقىتتا ئاندىن يەپ بولالايمەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، نۇرغۇن كىشىلەر تەييار چۆپنى ئاساسلىق تائام ئورنىدا ئىستىمال قىلىدۇ.
    يېقىندا، ياپونيەدىكى بىر شىركەت، تەييار چۆپنى تېخىمۇ ياخشى تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن بىر ئامال ئويلاپ چىققان بولۇپ، ئۇلار تەييار چۆپ ئارقىلىق بىر تۈرلۈك جىننىس دۇنيا رىكوتىنى بۇزۇپ تاشلىماقچى بولغان؛ بۇنىڭدا، ئۇلار ياپونيە تەييار چۆپلىرىنىڭ داڭقىنى يۇقىرى كۆتۈرەلەيتتى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار بۇ ئويىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، تەييار چۆپنى يەپ سىناپ بېقىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ بىر قاچا تەييار چۆپ تەييارلىغان بولۇپ، ئالتە يۈزگە يېقىن ئادەم بىرلا ۋاقىتتا بۇ بىر قاچا چۆپنى يىگەن.
    خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ بىر قاچا تەييار چۆپنىڭ ئېغىرلىقى 160كىلوگىرام بولۇپ، چوڭ بىر قاچىغا چىلاپ پىشۇرۇلغان. بۇندىن باشقا، بۇ "دەرىجىدىن تاشقىرى" بىر قاچا تەييار چۆپنى يۆتكەش ئۈچۈن كىران ئىشقا سېلىنغان.
   كەينىدىن، پائالىيەتكە قاتناشقان بىر قىسىم كىشىلەر ئۇنىڭ تېتىتقۇ ماتىرياللىرىنى ئۆز قولى بىلەن ئارىلاشتۇرغان. پائالىيەت قاتناشچىلىرى تۈركۈم-تۈركۈملەپ بۇ بىر قاچا تەييار چۆپنى يەپ سىناپ كۆرگەن. ئاخىرىدا 579ئادەم ئاندىن بۇ بىر قاچا چۆپنى يەپ تۈگەتكەن.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号