ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئەرلەرنى قوغلاشماقچى بولغان ئاياللار بۇ سۆزلەرنى ئۆگىنىۋىلىڭ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-05-06 كۆرۈلىشى : قېتىم
    ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدە، ئاياللارنىڭ ئەرلەرنى قوغلىشىشى نورمال ئىش ھىسابلىنىدىغان بولۇپ، بىر ئايال كىشىگە نىسبەتەن، ئەگەر بىر ئەر كىشىنى قوغلاشماقچى بولسا، بىۋاستىلا "مەن سىزنى ياخشى" كۆرىمەن دىمەي، تۆۋەندىكى سۆز ئىبارىلەرنى ئىشلەتسە، ئەرلەرنى تېخىمۇ بەكرەك جەلپ قىلالايدۇ.
ئىككىمىز ئوبدان كىلىشىدىكەنمىز
    ئەمىلىيەتتە، مۇھەببەتلىشىش جەريانىدا ئەڭ مۇھىم بولغىنى، ئۆز-ئارا ماسلىشالايدىغان بولۇشتۇر؛ ئەگەر ئوتتۇرلۇقتا ئورتاقلىق بار بولسا، بىرگە بولغان ۋاقتى ھەرقانچە ئۇزۇن بولسىمۇ، يىڭىلىق تۇيغۇسى يەنىلا يوقاپ كەتمەيدىغان بولۇپ، سىرتقى مۇھىت ئامىللىرىنىڭ تەسىرىگە ئاسانلىقچە ئۇچراپ قالمايدۇ. ئەگەر بىر ئەركىشىنى قوغلاشماقچى بولسىڭىز، دەسلىۋىدىلا "مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن" دىيىش، ئادەمگە بىر خىل ئىشەنگىلى بولمايدىغاندەك تۇيغۇ بىرىدۇ؛ ئەمما ئەگەر سىز "ئىككىمىز ئوبدان كىلىشىدىكەنمىز" دىگەنگە ئوخشاش مەنىدىكى سۆزلەرنى ئىشلەتسىڭىز،  ئەر كىشى بەلكىم سىزنى چۈشىنىشكە قىزىقىپ، سىزگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن يېقىنلىشىشى مۇمكىن.
سىزمۇ بۇنى ياقتۇرامسىز؟
    ئاياللار شۇنى بىلىپ يىتىشى كىرەككى، ئەر كىشى باشقىلار بىلەن مۇناسىۋەت ئورناتقان ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ ئالدى بىلەن ئويلىشىدىغىنى، ئارىدا ئورتاقلىق بار ياكى يوقلۇغى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەر كىشىنى قوغلاشماقچى بولغاندا، ئالدى بىلەن ئۇنىڭ نىمىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلىپ يىتىپ، ئاندىن ئورتاق بولغان قىزىقىش ھەۋەس يىتىلدۈرۈشى، ئوتتۇرلۇقتا پاراڭلىشىپ پىكىر ئالماشتۇرغۇدەك تېما پەيدا قىلىشى كىرەك.
سىزگە ياتلىق بولسا نىمە دىگەن بەخىتلىك ھە!
   ئەمىلىيەتتە، ھەرقانداق بىر ئادەم، شىرىن-شىكەر ياغلىما گەپ سۆزلەرنى ئاڭلاشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئاياللارغا سېلىشتۇرغاندا، ئەرلەر باشقىلارنىڭ ئۆزىنى ماختىشىنى بەكرەك ياخشى كۆرىدۇ؛ چۈنكى، بۇ بىر خىل ئىتراپ قىلىش بولۇپ، ئەرلەرنىڭ شۆھرەتپەرەسلىكىنى قانائەتلەندۈرىدۇ. سىز ئەركىشىگە بۇ گەپنى قىلغان ۋاقىتىڭىزدا، ئۇ سىزنى ئۇنى ئوبدان چۈشىنىدىغاندەك ھىس قىلىپ، سىز بىلەن تېخىمۇ كۆپرەك ئالاقىلىشىشنى ئارزۇ قىلىدۇ.
سىزنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ قويمايمەن
   بۇ دۇنيادىكى كۆپ قىسىم ئەرلەر، رىقابەت كۈچىگە ئىگە نەرسىلەرنى ياخشى كۆرىدۇ؛ چۈنكى، ئۇلار بويسۇندۇرۇش ئىستىكىدىن ئىنتايىن بەك ھۇزۇرلىنىدىغان بولۇپ، بۇ خىل تىرىشىش جەريانىدىن ھۇزۇر ئالىدۇ. ئۆزىگە مۇلايىملىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان ئاياللارغا قارىغاندا، ئەرلەر ھاياجانلىق قوغلىشىشنى ۋە ئۆزىگە ئاسانلىقچە بوي ئەگمەيدىغان ئاياللارنى تېخىمۇ بەكرەك ياخشى كۆرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، دەسلەپكى باشلانغان ۋاقىتتا، سىز ئۇلارنىڭ بويسۇندۇرۇش ئىستىكىنى قوزغىيالايدىغانلىقىڭىزنى ئۇلارغا بىلدۈرۈشىڭىز كىرەك. بۇنىڭدا، ئۇلارنىڭ سىزگە بولغان قىزىقىشى تېخىمۇ ئاشىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号