ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئاياللار ئىرىشىشنى ئويلايدىغان بىخەتەرلىك تۇيغۇسى قايسىلار؟
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-05-05 كۆرۈلىشى : قېتىم
    ئاياللارنىڭ كۆڭلىنى بىلىپ يەتكىلى بولمايدىغان ئىنتايىن مۇرەككەپ ھىس قىلامسىز؟ شۇنداق، ئاياللارنىڭ ئۆزلىرىمۇ شۇنداق قارايدۇ. ئەمىلىيەتتە، سىز پەقەت بەزىبىر كىچىك تاكتىكىلارنى بىلىۋالسىڭىز، ئاياللارنىڭ ئاتالمىش "بىخەتەرلىك تۇيغۇسى"نى قانائەتلەندۈرۈش ئۇنچە تەسكە توختىمايدۇ.
   ئايال كىشى سىزگە ئىھتىياجلىق بولغان ياكى ئاۋارىچىلىققا ئۇچرىغان ۋاقىتتا، سىز ۋاقتىدا  ئۇنىڭ يېنىدا پەيدا بولسىڭىز ھەمدە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇنىڭغا ھەمدەمدە بولۇپ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىپ بەرسىڭىز، ئاياللار ئۆزىنى كۆڭۈك بۆلۈشكە ۋە ئاسراشقا ئىرىشكەندەك ھىس قىلىدۇ.
    ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، ئاياللار "گېپىنىڭ تىگىدە گەپ بار" سۆزلەشكە ئىنتايىن ماھىر بولۇپ،  ئۇلار چاتاق يوق دىگەن ۋاقىتتا، بۇ بىرەر مەسىلە بارلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ؛ ئۇلار سىزنىڭچە بولسۇن، سىز ياخشى كۆرسىڭىزلا بولىدۇ دىگەن ۋاقىتتا بولسا، خالىغانچە بولسا بولمايدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئويى بويىچە كىلىش كىرەكلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
    ئۇنداقتا، ئاياللار زادى نىمىلەرگە ئىھتىياجلىق؟ تۆۋەندىكى تۆت نوقتىنى كۆرۈپ بېقىڭ.
ئۇ سىزنى ئىزدىگەن ۋاقىتتا سىزنى تاپالىشى كىرەك ھەمدە ئۇنىڭغا سۇغۇق زوراۋانلىق ئىشلىتىشكە ئۇرۇنماسلىقىڭىز كىرەك
    مۇھەببەتلىشىۋاتقان ئاياللار ناھايىتى چاپلاشقاق كىلىدۇ؛ بەزى ئەرلەر بولسا ھەرۋاقىت كۆزىتىش ئاستىدا تۇرغاندەك تۇيغۇنى ياقتۇرمايدۇ. ئەمما، ئۇ سىزنىڭ قەيەرگە بارغىنىڭىزنى ۋە نىمە ئىشلارنى قىلغانلىقىڭىزنى بىلمەكچى بولغان ۋاقىتتا، سىز ئۇنىڭغا پەقەت راست گەپنى قىلسىڭىزلا، ئۇلار ئالدانغاندەك ياكى بىخەتەرلىك تۇيغۇسى قالمىغاندەك ھىس قىلىپ قالمايدۇ.
    بۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشىدىن زىرىكىشمۇ ھىس قىلماڭ؛ چۈنكى، بۇ ئۇلارنىڭ سىزگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى. ئەگەر ئۇ سىزگە ئىتىبار بىلەن قارىمىغان بولسا ئىدى، ئۇنىڭ سىزنىڭ ھېچقانداق ئىشىڭىز بىلەن كارى بولمىغان بولاتتى.
بۇندىن باشقا بۇ ۋاقىتتا، ئۇچۇر قايتۇرماي ياكى تېلفوننىمۇ ئالماي سۇغۇق زوراۋانلىق ئىشلىتىشتىن ساقلىنىشىڭىز لازىم. نۇرغۇن ئاشىق مەشۇقلار، دەل سۇغۇق زوراۋانلىق سەۋەبىدىن ئايرىلىپ كىتىدۇ؛ مۇھەببەتلىشىۋاتقان ئاشىق-مەشۇقلار ئارىسىدا، قانداق گەپ بولسا ئۇچۇق دىيىشسە بولىدۇ، بۇنداق بېشىنى ئىچىگە تىقىپ باتناپ يۈرىۋىلىش، ئاياللارنى بىزار قىلىپ قويىدۇ.
باشقا ئاياللار بىلەن يېقىنلىشىپ قالماي ئارىلىق ساقلاش
    ئەگەر بىر ئادەم سىزگە يېقىنلىشىپ مۇھەببەت ئىزھار قىلماقچى بولسا، سىز بۇنى سىزىپ يىتەلەيسىز؛ بۇ ۋاقىتتا، ئەگەر سىز قىز دوستىڭىز بار تۇرۇپ يەنە قارشى تەرەپنى رەت قىلىشنى بىلمىسڭىز، ھەتتا ئەكسىچە ئۇلارغا ئىنكاس قايتۇرۇپ "زاپاس قوشۇن" تەشكىللەش ئويىدا بولسىڭىز، بۇ سىزنىڭ شاللاقلىق قىلغىنىڭىز بولماي نىمە؟
    پەقەت ئادەتتىكى دوستلاردىن بولغان تەقدىردىمۇ ئارىلىق ساقلاشقا دىققەت قىلىش كىرەك بولۇپ، ئۇقۇشماسلىق كىلىپ چىقىشىدىن ئىمكان قەدەر ساقلىنىش كىرەك. ئاياللارنىڭ ھەممىسى شىرىن شىكەر ياغلىما سۆزلەرنى ئاڭلاشنى ياخشى كۆرىدۇ، بولۇپمۇ سىز ئەگەر ئۇلارنىڭ ئۇچۇرىنى دەرھال قايتۇرسىڭىز، ئۇلار سىزنى ماڭا ئىتىبار بىلەن قارايدىكەن دەپ بىلىدۇ ھەمد سىزدىن يىتەرلىك دەرىجىدە بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىرىشەلەيدۇ.
ئۇنىڭ كەيپىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇنى يالغۇز تاشلاپ قويۇشتىن ساقلىنىش
   ئاياللار مۇھەببەتلىشىش جەريانىدا ئازدۇر-كۆپتۇر "ئەركىلەپ قويۇش"نى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، ھىسي كۆرسەتكۈچى يۇقىرى بىر ئەركىشى، ئايال كىشىنىڭ بۇ خىل "ئەركىلەشلىرى"گە قانداق تاقابىل تۇرۇشنى بىلىدۇ. مىجەزى تۈزلىكى زىيادە ئېشىپ كەتكەن ئەرلەر بولسا، ئاياللارنىڭ بۇ قىلمىشىنى چۈشەنمەيدۇ ھەمدە بۇ خىل قىلمىشتىن زىرىكىش ھىس قىلىدۇ.
   مۇھەببەتلىشىش جەريانىدا قىز دوستىڭىز بىلەن جىدەللىشىپ قالغان ۋاقىتتا، سىز ئۆرۈلۈپلا كىتىپ قالماسلىقىڭىز كىرەك؛ بولمىغاندا، ئايال كىشى سىزدىن قاتتىق ئۈمىدسىزلىنىپ كىتىدۇ. ئادەتتە، پىشىپ يىتىلگەن، كۈيۈمچان ئەرلەر ھەرگىز بۇنداق قىلمايدۇ.
پو ئاتماسلىق، يالغان سۆزلىمەسلىك، يۇشۇرماسلىق
    مۇھەببەتلىشىۋاتقان ئاياللارنىڭ 95پىرسەنتىنىڭ ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى ئىنتايىن ياخشى؛ سىزنىڭ ئېغىزىڭىزدىن چىققان چوڭ ئىشلار ۋە كىچىك ئىشلار، مۇھىم ئىشلار ۋە ئادەتتىكىچە ئىشلارنىڭ ھەممىسى، ئۇلارنىڭ ئىسىدىن ھەرگىز چىقىپ كىتىپ قالمايدۇ.
    ئەگەر سىز ئۇنىڭغا بىرەر ۋەدە بەرگەندىن كىيىن، ۋەدىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرمىسڭىز ياكى ئۇنىڭغا بۇ ھەقتە چۈشەنچە بەرمىسڭىز، ئۇنداقتا سىزنىڭ ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى نۇمۇرىڭىز بارغانسىرى تۆۋەنلەپ كىتىدۇ.
    ئاياللار، ئەرلەرنىڭ چىدىماسلىق قىلىپ دىگەن گېپىدىن يېنىۋىلىشىنى قەتئى ياقتۇرمايدۇ. بۇندىن باشقا يەنە، ئالداش ۋە يۇشۇرۇشتىن  ساقلانماق لازىم بولۇپ، مۇناسىۋەتنى ئىناق مۇھەببەتنى چوڭقۇر ساقلاشقا بولۇش ياكى بولماسلىقتا، سەمىمى مۇئامىلە قىلىش ۋە ئىشەنچ باغالاش ئەڭ مۇھىمدۇر.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号