ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
بۇ تۆت خىل ئىشتا سىزگە يول قويغان ئەر كىشى سىزگە ھەقىقى ئامراق
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-05-05 كۆرۈلىشى : قېتىم
    ئەر كىشى ئەگەر سىزنى چىن دىلىدىن ياخشى كۆرسە، ئۇلار سىزنى ئىنتايىن مۇھىم بىلىدىغان بولۇپ، بارلىق زىھنىنى سىزگە قارىتىدۇ؛ ئۇلار ئادەتتە سىزگە يول قويىدۇ، سىزگە كەڭ قوساقلىق قىلىدۇ، گېپىڭىزنى ئاڭلاپ نۇرغۇن ئىشلاردا سىزنىڭ دىگىنىڭىزنى ھىساب قىلىدۇ. ئەمىلىيەتتە، ئەركىشى سىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرگەن ۋاقىتتىلا ئاندىن سىزنى كۆڭلىنىڭ چوڭقۇر قېتىدا ساقلاپ، ھەممە ئىشتا سىزگە يول قويىدۇ ۋە سىزنىڭ گېپىڭىزنى ئاڭلايدۇ.
مائاش كارتىسىنى سىزگە تاپشۇرۇپ، ئىقتىسادنى سىزنىڭ باشقۇرىشىڭىزغا تاپشۇرىدۇ
    ئەرلەرنىڭ كۆڭلىدە سىز بار بولۇپ، ئۇ سىزنى مۇھىم بىلسە ھەمدە چىن كۆڭلىدىن سىز بىلەن بىرگە تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ئويلىسا، ئۇ ئۆزىنىڭ مائاش كارتىسىنى سىزگە تاپشۇرۇپ، ئىقتىسادنى سىزنىڭ باشقۇرىشىڭىزغا تاپشۇرىدۇ ھەمدە كۈندىلىك چىقىم قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە سىزنىڭ گېپىڭىزنى ئاڭلايدۇ. ئەر كىشى سىزگە پۈتۈنلەي ئىشەنگەن ۋاقىتتا ئاندىن ئۆزىنىڭ "ئىقتىسادى تۇمۇرى"نى سىزگە تاپشۇرىدىغان بولۇپ، ئۇلار چىن كۆڭلىدىن سىز بىلەن ئۆمۈرلۈك ھەمرا بولۇپ ئۆتۈشنى ئويلاشقان ۋاقىتتىلا ئاندىن سىزگە پۈتۈنلەي ئىشىنىدۇ.
سىز بىلەن ئوينىغىلى چىققاندا، سىزنىڭ پىكىرىڭىزنى ئاساس قىلىدۇ
    ئەر كىشى كۆڭلىدە سىزنى ئىنتايىن مۇھىم بىلسە، ئۇلار تۇمۇشتىكى ئىشلاردا سىزنى خۇشال قىلىشنى ئويلاپ، ھەمىشە سىزنى سىرتلارغا ئەپچىقىپ ئوينىتىدۇ؛ كونكىرتىنى قەيەرلەرگە بېرىپ نىمىلەرنى ئويلاش جەھەتتە، ئۇ يەنە پۈتۈنلەي سىزنىڭ پىكىرىڭىزنى ئاڭلايدۇ؛ سىز مەيلى ساياھەتكە چىقىشنى ئۈمىد قىلماڭ ياكى كىنو كۆرۈپ باغچىلارغا بېرىشنى ئويلىماڭ، پەقەت سىز ئوتتۇرغا قويغان پىكىر بولسىلا، ئۇ پۈتۈنلەي قوشۇلۇپ، سىزنىڭ كەيپىياتىڭىزنى ئۇچۇرمايدۇ.
بىللە تاماق يىگىلى چىققان ۋاقىتتا، سىزنىڭ تاماق بۇيرىشىڭىزغا بويسۇنىدۇ
   ئەر كىشى سىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرسە، سىز بىلەن مۇھەببەتلىشىۋاتقان مەزگىلدە، ئۇ سىزنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرىڭىز ۋە ياقتۇرىدىغان ياكى ياقتۇرمايدىغان ئىشلىرىڭىزنى كۆڭۈل قويۇپ ئىگەللەيدۇ ھەمدە سىزنىڭ ياقتۇرۇشىڭىزغا ئاساسەن سىزگە تاماقلارنى ئىتىپ بىرىدۇ؛ سىرتلارغا چىقىپ تاماق يىگەندە بولسا، سىزنىڭ تاماق بۇيرۇشىڭىزغا بويسۇنۇپ، سىز نىمىلا بۇيرۇتۇڭ، خۇشاللىق بىلەن يەيدۇ ھەمدە سىزنىڭ زوقلىنىپ يىگەنلىكىڭىزنى كۆرۈپ ئىچ-ئىچىدىن خۇشال بولىدۇ.
تۇرمۇشتىكى بەزىبىر ئىشلاردا، سىزنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىڭىزنى ئاڭلايدۇ
   ئەر كىشى سىزنى چىن كۆڭلىدىن سۈيۈپ، سىزگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن ۋاقىتتا، سىز ئورۇنلاشتۇرغان ئىشلارنى كۆڭۈل قويۇپ ئۇرۇنلايدۇ، ھەرگىز بىخۇتلۇق قىلمايدۇ؛ بۇنىڭ بىلەن بىرگە تۇرمۇشتىكى ئىشلاردا، پۈتۈنلەي سىزنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىڭىزنى ئاڭلايدۇ. ئۇ سىزنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىڭىزنىڭ ئاساسى بارلىقىغا ھەم ئىككىڭلار ئۈچۈن ئويلاشقانلىقىڭىزغا پۈتۈنلەي ئىشەنگەنلىكى ئۈچۈن شۇنداق قىلىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号