ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
بۇ تۆت خىل يىمەكلىك جىگەر ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-05-01 كۆرۈلىشى : قېتىم
    جىگەرگە ئاسانلا زەھەرلىك ماددىلار يېغىلىپ قالىدىغان بولۇپ، ئادەتتە گۆش-كاۋاپلارنى كۆپ يەۋەتكەنلىك سەۋەبىدىن، جىگەرنىڭ ماي مىقدارىنىڭ ئېشىپ كىتىش، زەھەرنى ھەيدەش قىيىنلىشىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، قانداق قىلغاندا جىگەردىكى زەھەرنى تېخىمۇ ياخشى تازلىغىلى بولىدۇ دىگەن مەسىلە، بىز چوقۇم ئەھمىيەت بىرىشكە تىگىشلىك بىر مەسىلىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. تۆۋەندىكى تۆت خىل يىمەكلىك بەدەن ئەھۋالىمىزنى ياخشىلايدىغان بولۇپ، جىگەردىكى زەھەرلەرنى ھەيدەش رولىنى ئوينايدۇ.
ئاپلىسىن
    ئاپلىسىن تەركىبىدە ۋىيتامىنلىق ماددىلار مول بولۇپ، بەدەننىڭ كىسەلگە قارشى تۇرۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ؛ بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بەدەندىكى ماي تەركىبلىرىنى بەلگىلىك دەرىجىدە ئازايتىپ، جىگەر ساغلاملىقىغا قارىتا بەلگىلىك پايدىلىق تەسىر كۆرسىتىدۇ.
سامساق
    سامساق تەركىبىدىكى سېلېن ماددىسى جىگەر ھۈجەيرىلىرىنى غىدىقلاپ، جىگەرنى تېخىمۇ جانلاندۇرىدۇ، بۇندىن باشقا يەنە باكتىرىيەلەرنى ئۆلتۈرۈپ ياللۇغ قايتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ.
پۇگۇڭيىڭ چېيى(蒲公英茶)
    پۇگۇڭيىڭ چېيى جىگەر قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، جىگەر ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆزلىكىدىن ياخشىلىنىپ ئوڭشىلىشىنى ئىلگىرى سۈرەلەيدۇ.
قۇرۇق ئۈزۈم
    قۇرۇق ئۈزۈمنىڭ قارىماققا ئالاھىدە ئۈنۈملىرى باردەك قىلمايدۇ، بىراق ئۇ بەدەندىكى ئارتۇق زەھەرلىك ماددىلارنىڭ بەدەن سىرتىغا چىقىرۋىتىلىشىگە پايدىلىق؛ دائىم قۇرۇق ئۈزۈم يەپ بەرگەندە، جىگەرگە يېغىلىپ قالغان زەھەرلەرنى ھەيدەپ، بەدەندىكى ئەخلەتلەرنى تازىلايدۇ ھەمدە جىگەرنىڭ يۈكىنى يىنىكلىتىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号