ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
تۇغۇلۇپلا ئۆلۈپ قالغان بوۋاق كىشىلەرنىڭ ھىسداشلىقىنى قوزغىدى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-04-26 كۆرۈلىشى : قېتىم
    ھىندىستان ئاجايىپ بىر دۆلەت بولۇپ، پويىزنىڭ ئۈستىگە قۇچقاچتەك چىقىۋالىدىغان، بىر موتوتسىكىلىتقا 8-7ئادەم مىنىدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى بۇ دۆلەتتە ئۇچرايدۇ. يېقىندا، ھىندىستاندىكى بىر دوختۇرخانىدا، يىڭى بىر بوۋاق تۇغۇلغان؛ بىراق ئادەمنى ئېچىندۇرىدىغىنى، بۇ بوۋاق ئانىسىنىڭ قوسىقىدا غەلىتە شەكىللىنىپ قالغان بوۋاق بولۇپ، تۇغۇلۇپ 15مىنۇتتىن كىيىن ئۆلۈپ كەتكەن.
    ئىگىلەشلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ بوۋاق تۇغۇلغان ۋاقتىدا ئاران 2.9جىڭ ئېغىرلىقتا بولۇپ، تۇغۇلغاندىن كىيىن ئۇنىڭ "سۇ پەرىسى ئونۋىرسال كىسەللىكى"گە گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقى ئىسپاتلانغان. "سۇ پەرىسى ئونۋىرسال كىسەللىكى" بىر خىل ھامىيلىنىڭ پۇتلىرى غەلىتە شەكىللىنىىپ قالىدىغان بىر خىل تۇغۇلما كىسەللىك بولۇپ، ئىنتايىن ئاز كۆرىلىدىغان بىر خىل كىسەللىك ئىكەن.
    بۇ خىل كىسەللىككە گىرىپتار بولغان بوۋاقلارنىڭ ئالاھىدىلىكى، ئۇلارنىڭ بەدىنىنىڭ ئاستىنقى يېرىمىدا، باشقا نورمال بالىلارنىڭكىگە ئوخشاش بىر جۈپ نورمال پۇتى بولمايدۇ؛ ئۇلارنىڭ بەدەن ئاستىنقى شەكلى، خۇددى مۇمىيانىڭ بىرگە تېڭىپ يۆگەپ قويغان پۇتلىرىغا ئوخشاپ كىتىدىغان بولۇپ، بۇنداق بوۋاقلارنىڭ ھەتتا جىنسى ئايرىمىسىنىمۇ بىلگىلى بولمايدۇ.
   بۇنىڭ بىلەن بىرگە، دوختۇرلار بۇ بوۋاقنىڭ ئەھۋالىنى ئىنچىكە كۆزىتىش ئارقىلىق، ئۇنىڭ پۇتلىرىنىڭ غەلىتە شەكىللىنىپ قېلىشىدىن باشقا، ئۇنىڭ يەنە ئۆپكە ۋە بۆرەك قىسمىدىمۇ ئېغىر دەرىجىدە غەلىتە شەكىللىنىپ قېلىش بارلىقىنى بايقىغان؛ دوختۇرنىڭ مۆلچەرلىشىچە، بۇ ئىككى ئەزانىڭ تۇلۇق يىتىلمىگەن بولۇشى، بوۋاقنىڭ 2.9جىڭلا ئېغىرلىقتا تۇغۇلۇشى ۋە تۇغۇلۇپ 15مىنۇتتىن كىيىنلا ئۆلۈپ كىتىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئىكەن.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号