ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئاجرىشىپ قايتا توي قىلغانلار چوقۇم بۇ ئۈچ ئۆتكەلدىن ئۆتىشى كىرەك
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-04-22 كۆرۈلىشى : قېتىم
    بەزىلەر، يېرىم يولدا ئۇچراشقان ئەر-خوتۇنلار(بىر توي قىلىپ ئاجراشقاندىن كىيىن قايتا تويلاشقان ئەر-خوتۇنلار) بىر-بىرىگە مەڭگۈ چىن كۆڭلىنى بەرمەيدۇ دىيىشىدىكەن؛ يەنە بەزىلەر بولسا، مۇھەببەتنىڭ گۆرىستانلىقى بولغان تويلىشىشتىن قۇتۇلۇپ چىققان ئىكەن، يەنە نىمە ئۈچۈن ئۆزىنى ئوتقا ئىتتىرىپ ئىككىنچى قېتىم توي قىلماقچى بولىدۇ دەپ سۇئال قويىشىدۇ. مىنىڭچە بولغاندا، بۇنداق قاراشلار ئەمىلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس، چەكتىن ئاشقان ئۈمىدسىزلىك كەيپىياتىنىڭ ئىپادىسىدۇر. سىزنىڭ ئاجرىشىپ كىتىشىڭىز، پەقەت قارشى تەرەپنىڭ توغرا ئادەم ئەمەسلىكىنىلا بىلدۈرىدىغان بولۇپ، سىزنىڭ يەنىلا بەختىڭىزنى قوغلىشىش ھوقۇقىڭىز بار. ئەلۋەتتە، سىزمۇ بىرىنچى قېتىملىق تويلىشىشتا مەغلۇپ بولغان ئىكەنسىز، ئۇنداقتا ئىككىنچى قېتىملىق تويلىشىشتا تېخىمۇ بەكرەك ئۆسۈپ يىتىلىشىڭىز كىرەك.
    ئاجرىشىپ تويلاشقان ئەر-خوتۇنلار ئەگەر بۇ ئۈچ ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ كىتەلىسە، ئۇنداقتا ئۇلار بىر ئۆمۈر بەخىتلىك ئۆتۈپ كىتەلەيدۇ.
مۇداپىئە كۆرۈش پىسخىكىسى
    يېرىم يولدا ئۇچراشقان ئەر-خوتۇنلار ھالقىپ ئۆتۈشكە تىگىشلىك بولغان بىرىنچى ئۆتكەل، قارشى تەرەپكە بولغان مۇداپىئە پىسخىكىسىدۇر. نۇرغۇن كىشىلەر مۇھەببەتكە ئىشەنمەس بولۇپ قالغان بولۇپ، ھەمىشە قارشى تەرەپنى بىرەر مەقسەتلىك ھالدا ئۆزى بىلەن تويلاشقاندەك ھىس قىلىپ، ئالدىنقى قېتىملىق تويلىشىشتىكى ئازاپ بىلەن ئۆزىگە ئەسكەرتىش بىرىدۇ. ئەگەر، قايتا تويلاشقان ئەر-خوتۇنلار، بىر-بىرىگە بولغان مۇداپىئە كۆرۈش پىسخىكىسىنى قويۇپ قويالمىسا، ئۇنداقتا قارشى تەرەپ مەڭگۈ سىرتنىڭ ئادىمى بولۇپ ھىسابلىنىپ قالىدۇ؛ ئەگەر سىز ئوغرىدىن مۇداپىئەلەنگەنگە ئوخشاش قارشى تەرەپتىن مۇداپىئەلىنىپ ئۆتسىڭىز، بۇنداق توي تۇرمۇشى ناھايىتى بەك ھارغىنلىقتا ئۆتىدۇ. سىلەر بىر-بىرىڭلارغا سەمىمىي بولۇپ، قارشى تەرەپنى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادىمىڭلار قاتارىدا كۆرسەڭلار، ئىلگىرىكى تويلىشىشتىكى ياخشى بولمىغان كەيپىياتنى قارشى تەرەپكە ئەكىلىپ بەرمەسلىككە كاپالەتلىك قىلىش كىرەك. بۇنىڭدا ئاندىن توي تۇرمۇشۇڭلار ئۇزۇنغا سوزىلىدۇ.
پۇل-مالنى ئاشكارە تۇتۇش
    بىر ئاجرىشىپ قايتا تويلاشقان ئەر-خوتۇنلار ئارىسىدىكى ئەڭ چوڭ مەسىلە، پۇل مەسىلىسى بولۇپ، قارشى تەرەپنىڭ مۇھەببەت ئۈچۈن ئەمەس ئۆزىنىڭ پۇلىنى كۆزلەپ تويلاشقان بولۇشىدىن ئەنسىرەپ قالىدۇ؛ شۇڭا ئەركىشى مائاشىنىمۇ ئايال كىشىگە ساقلاشقا بەرمەيدۇ، ئايال كىشىمۇ ئۆزىگە كىيىنلىك يول قالدۇرۇپ، خۇسۇسى "بانكا" قۇرۋالىدۇ. بۇنداق ئەر-خوتۇنلارنىڭ قەلبلىرى ئەسلا بىريەردە ئەمەس بولۇپ، ھەر ئىككى تەرەپ ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىگىلا كۆڭۈل بۆلىدۇ. ئەمىلىيەتتە، بىر ئاجرىشىپ قايتا تويلاشقان ئەر-خوتۇنلار، تېخىمۇ بەك پۇلنى ئاشكارە ئورۇنغا قويۇپ سۆزلىشىپ، ئارىدا ئۇقۇشماسلىق پەيدا بولۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىش كىرەك. ئەر-خوتۇنلارغا ئورتاق بولغان مال-مۈلۈك، تويلىشىشقا بىلدۈرگەن ھۆرمەت بولۇپ، سىلەر پەقەت قارشى تەرەپكە ھەقىقى تۈردە ئىشەنگەن ۋاقتىڭلاردىلا، بۇ بىر بۆلەك ھىسيات ئاندىن تېخىمۇ مۇستەھكەم بولىدۇ.
ھازىرقى ئائىلىسىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش
    ھەرقانداق بىر ئادەم، ئۆزىنىڭ تويلاشقان جۈپتىنىڭ يەن ئىلگىرىكى ئىرى ياكى ئايالى(ئوغۇل دوستى ياكى قىز دوستى) بىلەن ئالاقىنى ساقلىشىنى خالىمايدۇ. ئاجرىشىپ قايتا تويلاشقان ئەر-خوتۇنلار تېخىمۇ شۇنداق بولۇپ، ئوتتۇرلۇقتىكى بالا سەۋەپلىك ھەمىشە يۈز كۆرىشىپ تۇرىدىغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ كونا مۇھەببىتىنىڭ قايتا يالقۇنجاپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. شۇڭلاشقا، قايتا تويلاشقاندىن كىيىنكى تۇرمۇشىمىزنى تۇراقلىق بولسۇن دىسەك، ھەر ئىككى تەرەپ ھازىرقى ئائىلىسىنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشىنىپ يىتىشى كىرەك. زۈرۈر بولغان بالا يوقلاش ئىشىدىن باشقا، ئىلگىرىكى ئايالى ياكى ئىرى بىلەن بولغان بارلىق مۇناسىۋەتنى ئۈزۈل-كىسىل ئۈزۈپ، ھازىرقى توي جۈپتىگە بولغان مەسئۇلىيىتىنى تۇلۇق ئادا قىلىشى لازىم.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号