ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئاياللار ئىلگىرىكى ئوغۇل دوستىنى ئۇنتۇپ كىتەلەمدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-04-21 كۆرۈلىشى : قېتىم
    بىر ئادەم، بىر بۆلەك ھىسياتقا بەك كۆپ مۇھەببىتىنى سىڭدۈرۈش، ناھايىتى بەك جاسارەت تەلەپ قىلىدىغان بىر ئىش.
    بىر ئادەمنى ياخشى كۆرۈپ قېلىش ئاسان، ئەمما ئۇ ئادەمنى سۆيۈش بولسا، ئۇزۇن بىر جەريان؛ بىراق مۇھەببەتتە ئەڭ قورقۇنچلۇق بولغىنى، سىز قارشى تەرەپنى ئەمدى ياخشى كۆرۈپ قالغان ۋاقتىڭىزدا، قارشى تەرەپنىڭ تۇيۇقسىزلا ئايرىلىپ كىتىپ قېلىشى.
   ئۇ خىل تاشلىۋىتىلگەنلىك تۇيغۇسى ناھايىتى بەك ئازاپلىق بولىدۇ. مۇھەببەتلەشكەن ۋاقىتتا ئەزەلدىن ئايرىلىپ كىتىشنى ئويلاپ باقمايمىز، ئەمما رەسمى ئايرىلىدىغان ۋاقىتتا، قارشى تەرەپنى قانچىلىك ئۇزۇن ۋاقىتتا ئاندىن ئۇنتۇپ كىتەلەيدىغانلىقىمىزنى بىلمەيمىز.
    بەزىلەرنىڭ دىيىشىچە، ئەرلەر ئايرىلىپ كەتكەندىن كىيىن دەسلىۋىدە ئۇنچە بەك ئازاپلانمايدىكەن، ئەمما ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ بارغانسىرى ئازاپ ئىچىدە قالىدىكەن؛ ئايال كىشى بولسا، ئايرىلىپ كەتكەن دەسلەپكى مەزگىلدە ناھايىتى بەك ئازاپلانسىمۇ، ئەمما ئۆتۈپ كەتكەن ئۇ بىر بۆلەك ھىسياتتىن ناھايىتى تىزلا ئۆزىنى تارتىپ چىقىرىپ، يىڭى تۇرمۇش باشلاپ كىتىدىكەن.
    بىراق، بۇ خىل قاراش راستىنلا توغرىمۇ؟ بىر ئايال كىشىگە نىسبەتەن، ئۇ ئوغۇل دوستى بىلەن ئايرىلىپ كەتكەندىن كىيىن ئۇنى راستىنلا ئۇنتۇپ كىتەلەمدۇ؟ تۆۋەندە بىر نەچچەيلەننىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن جاۋابىنى كۆرۈپ باقايلى.
Aخانىم، 25ياش، بويتاق
    "مەن ئالدىنقى بىر بۆلەك مۇھەببەتتىن تېخىمۇ ئۆزۈمنى تارتىپ چىقىرىپ بولالمىدىم"

    ئالى مەكتەپكە چىققاندىن باشلاپ مۇھەببەتلەشكەن، ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرىدىغان ۋاقىتتا ئايرىلىپ كەتتۇق؛ تۆت يىللىق مۇھەببەتكە مەن بارلىقىمنى ئاتىغان، بىراق تۆت يىللىق مۇھەببىتىم مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشتى.
    ئايرىلىپ كەتكەندىكى كىيىنكى ئىككى يىل ئىچىدە، باشقىلاردىن ئۇنىڭ يىڭى قىز دوست تېپىۋالغانلىقىنى، خۇددى ئىلگىرى مەن بىلەن مۇھەببەتلەشكەن ۋاقىتتىكىگە ئوخشاش، دوستلار چەمبىرىكىگە قىز دوستى بىلەن ئىككىسىنىڭ سۈرىتىنى چىقىرىپ كۆز-كۆز قىلىپ يۈرگەنلىكىنى ئاڭلىدىم؛ يەنە كەينىدىن ئۇنىڭ توي قىلغانلىقىنى ھەمدە ئايالىنىڭ ھامىلدار بولغانلىقىنى ئاڭلىدىم.
    بۇلارنىڭ ھەممىسى مەن ئاڭلاشنى خالايدىغان مەزمۇنلار ئەمەس؛ ئەمما ئەتراپىمدىكى ئىككىمىزگە ئورتاق بولغان دوستلار ئۇنى تىلغا ئالغاندا، مەن يەنىلا ئىختىيارسىز قولىقىمنى دىڭ تۇتۇپ دىققەت قىلىمەن.
   ئەمىلىيەتتە، ئەينى ۋاقىتتا ئايرىلىپ كىتىشنى تاللىشىمىز، ئىككىمىز ئىككى جايدا بولۇپ قالغانلىقتىن ئىدى؛ ھەر ئىككىمىز ياشقا بىرقەدەر كىچىك بولغاچقا، كەلگۈسىگە قارىتا ھېچنىمىنى بىلەلمەيتتۇق ھەمدە بۇ سەۋەپلىك قارشى تەرەپكە ئۆمۈرلۈك بىرگە بولۇش ۋەدىسىنى بىرىشكە جۈرئەت قىلالمايتتۇق. شۇڭا، ئاخىرىدا تىنچ ئۇسۇلدا ھەر ئىككىمىز ئۆز رازىلىقىمىز بويىچە ئايرىلىپ كەتتۇق.
    بىراق ھازىر ئىككى يىل ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى، ئەمما مەندە باشقا ئوغۇللارغا قارىتا مۇھەببەت، ياخشى كۆرۈش دىگەنلەر يوق، ھەتتا مۇھەببەتلىشىش ئىستىكى ۋە كەيپىياتىممۇ يوق ئىدى؛ مەن قانچىلىك ۋاقىتتا ئاندىن ئۇنى ئۇنتۇپ كىتەلەيدىغانلىقىمنى بىلمەيمەن، مەن ئۇ بىر بۆلەك مۇھەببەتتنى راستىنلا ئۇنتۇپ كىتەلمەيدىغان ئوخشايمەن.
Bخانىم، 26ياش، مۇھەببەت ئىچىدە
    "ئىلگىرىكى ئوغۇل دوستىنى ئەسلەپ ئۆتۈش شەرت ئەمەس، باشقا بىر ئۇسۇل ئارقىلىق، ئىلىگىرىكى ئوغۇل دوستىمىز بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشى بىتەرەپ قىلىشقا بولىدۇ"

    24ياش ۋاقتىمدا ئۇنىڭ بىلەن ئايرىلىپ كەتكەندىن كىيىن، بىر يىل ۋاقىتنى ئازاپ ئىچىدە ئۆتكۈزۈپ، بىر يىلدىن كىيىن ھازىرقى ئوغۇل دوستۇم بىلەن مۇھەببەتلەشتىم؛ كىيىنكى ئايدا بىر-بىرىمىزنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن كۆرۈشمەكچى بولىۋاتىمىز، ئالاھىدە ئەھۋال بولمىسا تىزلا چاي ئىچۈرۈپ تويغا كىلىشىمىز.
    ئەمدى ئايرىلىپ كەتكەن ۋاقىتتىكى قاتتىق ئازابلىنىشتىن ھەمدە ئۆزۈمنى تاشلىۋىتىشتىن، ھازىرقى ئۆزۈم بىلەن ۋە ئىلگىرىكى ئوغۇل دوستۇم بىلەن ئەپلىشىپ قېلىش جەريانىدا، مەن شۇنى ھىس قىلدىمكى، ئۇنى ئەزەلدىن ياخشى كۆرۈپ باقمىغان دەپ ھەرگىز ئۆزىمىزنى ئالدىيالمايدىكەنمىز.
    بىراق بىز باشقا بىر ئۇسۇل بىلەن ئۇنى ئەسلەپ ئۆتسەك بولىدۇ؛ يەنى ئۇنى كۆڭلىمىزدىن چىقىرۋىتەلمەي ئۆزىمىزنى قىيناپ ئۆتكۈچە، ئۇنى ئۇنتۇپ كىتەلمىگەن ئەمىلىيەتنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنىڭ پۈتۈنلەي تۈگىكەنلىكىنى قوبۇل قىلساق، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ تەدرىجى ھالدا سۇسلىشىپ كىتىدۇ.
    ئىلگىرىكى ئوغۇل دوستىڭىزدىن نەپرەتلەنمەي، ھەم ئۇنىڭغا قارىتا ھەرقانداق خام-خىياللاردا بولماي، پەقەت كۆڭلىڭىزدىكى ئاشۇ بىر مەزگىللىك خاتىرىلەر ئىچىدە ئۆتسىڭىز، بۇمۇ ناھايىتى گۈزەل بىر ئەسلىمە بولالايدۇ.
Cخانىم، 25ياش، مۇھەببەت ئىچىدە
    "ئىلگىرىكى ئوغۇل دوستۇم ماڭا نىسبەتەن بىر ياغاچ ئادەم، ھېچقانداق تەسىرى يوق"

    مەن ئىلگىرىكى ئوغۇل دوستۇمنىڭ تۇرمۇشۇمدا قايتا پەيدا بولۇپ، مىنىڭ ھازىرقى مۇھەببەت تۇرمۇشۇمغا تەسىر يەتكۈزۈشىنى ئۈمىد قىلمايمەن.
    ئايرىلىپ كىتىشىنى ئۇ ئاۋال ئوتتۇرغا قويغان، ئايرىلىپ كەتكەندىن كىيىن مەن ناھايىتى تەسلىكتە ئۇ بىر بۆلەك پىسخىكىلىق چۈشكۈنلۈكتىن قۇتۇلۇپ چىقتىم؛ ئەمما ئۇ مىنىڭ تۇرمۇشۇمدا قايتا پەيدا بولۇپ، مىنىڭ كۆڭلۈمنى قالايمىقانلاشتۇرۋەتتى.
    نەچچە رەت قايتىلانغاندىن كىيىن، مەندە ئۇنىڭغا قارىتا ھېچقانداق بىر ياخشى تەسىر تۇيغۇ دىگەنلەر قالمىدى، ھەتتا ئۇنىڭدىن بىزار بولۇشقا باشلىدىم.  ئايرىلىپ كەتكەندىن كىيىن، مەن ئۇنىڭ نەزىرىدە بەلكىم ئۇ يالغۇز قالغاندا پاراڭلىشىپ ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىدىغان ئوبىكىت بولۇپ قالغان بولسام كىرەك.
    ھازىر مەن يىڭى بىر بۆلەك مۇھەببەتنى باشلىدىم، شۇڭلاشقا ئۇنىڭ قايتىدىن تۇرمۇشۇمدا پەيدا بولۇپ قالماسلىقىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号