ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئاياللارنىڭ بۇ قىلمىشىدىن ئەرلەر ئەڭ بىزار
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-04-09 كۆرۈلىشى : قېتىم
    نۇرغۇن كىشىلەر، ئەر كىشى قورسىقىدا كىمە قاتنايدىغان كەڭ قوساق بولۇشى كىرەك، بولۇپمۇ مۇھەببەتلەشكەن ۋاقىتتا تېخىمۇ ھەم شۇنداق دەپ قارايدۇ. چۈنكى، ئاياللار ناھايىتى سەزگۈر كىلىدۇ، بەزىدە تېخى ئىچى تار ھەم ئاداۋەت ساقلايدىغان كىلىدۇ؛ شۇڭلاشقا ئەرلەر ئادەتتە، ئەخلاپ پىرىنسىپقا تاقاشمىغان ئاساستا، ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئايال كىشىگە كەڭ قوساق بولۇپ، ئۇنى ئەپۇ قىلىشنى تاللايدۇ. بىراق، ئەركىشى ھەرقانداق ئىشتا كەڭ قوساقلىق قىلىۋەرمەيدۇ، بولۇپمۇ ئايال كىشىنىڭ تۆۋەندىكى ئۈچ ئىشى، ئەر كىشىنى ئەڭ بىزار قىلىدۇ.
ياسىنىشنى بىلمەيدىغان، رەتسىز ھەم مەينەت يۈرۈش
    ئەرلەرنىڭ قەلبىدە، ئۆزىنىڭ جۈپتىگە قارىتا بىر ئۆلچەم بار؛ ئۇلارنىڭ كۆپ قىسىمنىڭ خىيالى بولسا، ئايال كىشى بەك چىرايلىق بولمىسىمۇ بولىدۇ، بەدەن شەكلى ئادەتتىكىچە بولسىمۇ ھېچۋەقەسى يوق، ئەمما ئۆزىنى ياساندۇرماي، رەتسىز ھەم مەينەت يۈرسە بولمايدۇ. ئەگەر ئايال كىشى، ئەر كىشى بىلەن مۇھەببەتلىشىش جەريانىدا، ئۆزىنىڭ ئوبرازىغا دىققەت قىلمىسا، ئۇلارنى ھەرقانچە ياخشى كۆرىدىغان ئەركىشىمۇ، قىزغىن مۇھەببەت مەزگىلى ئۆتۈپ كەتكەندىن كىيىن، ئۇلارنى كۆرسىلا ئىچى پۇشىدىغان بولۇپ قالىدۇ، ئايرىلىپ كىتىشمۇ، پەقەت ۋاقىت مەسىلىسىلا بولۇپ قالىدۇ.
باشقا ئەر كىشى بىلەن قاش كۆز ئوينىتىش
    ئەگەر ئايال كىشى ئوغۇل دوستى بار تۇرۇپ، يەنىلا باشقا يات جىنىسلىقلار بىلەن ئارىلىق ساقلاشنى بىلمەي، باشقا ئەرلەر بىلەن قاش كۆز ئوينىتىپ يۈرسە، ئۇنداقتا ئەر كىشى ئۇلارنى ھەرقانچە ياخشى كۆرسىمۇ بۇنىڭغا بەرداشلىق بىرەلمەيدۇ؛ ئۇلارنىڭ كۆڭلى بىئارام بولۇپ، قەلبى ئازاپلىنىدۇ. چۈنكى، مۇھەببەت شەخسىيەتچى كىلىدۇ؛ ئايال كىشىنىڭ بۇنداق قىلمىشى، ئۇ ئەر كىشىنى ياخشى كۆرمەيدىغان تۇيغۇ بىرىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ يۈزىنى چۈشىرىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، ئەر كىشىنىڭ قەلبىدە ئۇ ئايال كىشىگە قارىتا يىرگىنىش پىسخىكىسى پەيدا بولۇپ، ئۇنىڭدىن بىزارلىق ھىس قىلىدۇ.
گەپ قىلغاندا ئەر كىشىنىڭ ھىسياتىنى ئويلاشماسلىق
    گەپ قىلىش بىر خىل سەنئەتتۇر. سىزنىڭ مۇلايىم گەپ سۆزلىرىڭىز، ئەر كىشىگە خۇددى يازدىكى مەيىن شامالدەك ھۇزۇر بېغىشلايدۇ؛ ئەمما قوپال سۆزلەر بولسا، ئادەمنى بىئارام قىلىپ، قارشى تەرەپكە ساپاسى تۆۋەندەك تۇيغۇ بىرىپ قويىدۇ. بولۇپمۇ ئەر كىشىنىڭ ئالدىدا، ئايال كىشى چوقۇم ئۆزىنىڭ گەپ-سۆز ۋە يۈرۈش-تۇرۇشىغا دىققەت قىلىشى كىرەك؛ چۈنكى، ئەرلەرنىڭ ھەممىسى مۇلايىم ھەم يېقىشلىق گەپ-سۆزلەرنى ئاڭلاشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئەگەر سىز ئۇنىڭ ھىسياتىنى ئويلاشماي، باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ يۈزىنى ئاۋايلىمىسىڭىز ھەمدە ئۆزىڭىزنىلا مەركەز قىلىۋالسىڭىز، ئۇنداقتا ھامان بىر كۈنى ئەر كىشىنىڭ غۇرورىغا تىگىپ قويىسىز. سىلەرنىڭ مۇناسىۋىتىڭلاردا مەسىلە كۆرۈلۈشىمۇ مۇقەررەر بىر ئىش بولۇپ قالىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号