ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ساۋاقدىشىغا ياتلىق بولغانلار قانچىلىك
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-04-06 كۆرۈلىشى : قېتىم

    مەن ئىلگىرى مۇنداق بىر ھىكايە كۆرگەن، بىر تۈپ دەرەخ يولنىڭ قارشىسىدىكى يەنە بىر تۈپ دەرەخكە ئاشىق بولۇپ قاپتۇ، كەينىدىن... ... كەينىدىن ھېچنىمە يوق.
    كىچىك ۋاقتىمدا بۇنى چۈشەنمەپتىكەنمەن، ھازىر چۈشەندىم؛ ئەگەر بىرگە بولالماسلىق پىشانىگە پۈتۈلۈپ كەتكەن بولسا، ئۇنداقتا باشلىنىشتىلا ئاياغلاشقان بولىدۇ.
-1-
    ئالى مەكتەپنىڭ بىرىنچى يىللىقىدا مۇھەببەتلىشىپ، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن، ئىككىڭلار ئىككى جايغا كىتىپ قېلىپ، باشقا-باشقا ئىككى جايدا تۇرۇپ مۇھەببەتلىشىشنى باشلىدىڭلار؛ ئۇ سىزگە توختىماي تېلفون قىلىپ سىزنى سېغىنغانلىقىنى دەيدۇ، ئەمما بىرەر قېتىم كىلىپ سىزنى كۆرۈپ كىتەي دىمەيدۇ. مۇشۇنداق ھالەتتە يېرىم يىل داۋاملاشقاندىن كىيىن، ئىككىڭلارنىڭ مۇناسىۋىتى ئاخىرى ئاياغلاشتى. ئەمىلىيەتتە، ئۇ سىزنى ئۇنداق بەك ياخشى كۆرۈپ كەتمەيدۇ، سىزمۇ ھەم شۇ.
-2-
    تۇلۇقسىزدىكى ساۋاقداشلار، ئالدى كەينى پارتىدا ئولتۇراتتۇق. سەككىز يىللىق مۇھەببەتلىشىش جەريانىدا، كۆپ قىسىم ۋاقىت ئىككىمىز ئىككى جايدا تۇرۇپ مۇھەببەتلىشىش بىلەن ئۆتتى. بىز ئەسلىدە بىللە ئوينىشىپ ئۆتىدىغان ساۋاقداشلاردىن ئىدۇق، كىيىنچە ياخشى دوستلاردىن بولۇپ  قالدۇق؛ مەلۇم بىر كۈنى، ئۇ مىنى ناھايىتى مۇلايىم، گۈزەل، كۈيۈمچان ھىس قىلىپ، قولدىن چىقىرۋەتسەم بولمايدىكەن دىگەن قارارغا كەلگەنلىكتىن، بىز ئاشىق-مەشۇقلاردىن بولۇپ قالدۇق. ھازىر بولسا، بىز توي قىلغىلى بەش ئاي بولدى.
-3-
    مەن ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا توي قىلدىم، ئىرىم بولسا، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى پارتىدىشىم ؛ بىراق ئۇ ۋاقىتتا ھەر ئىككىمىز ناھايىتى "ساپ" ئىدۇق، ئۇنىڭ قىز دوستى بار ئىدى، مىنىڭمۇ ئوغۇل دوستۇم بار ئىدى. كىيىنچە ئۇ ئالى مەكتەپ ئىمتاھانىدىن ئۆتەلمەي قايتا ئوقۇشقا قالدى. ماڭىدىغان ۋاقىتتا ماڭا "مىنى ساقلاڭ، مەن پۇل تېپىپ چوقۇم سىزنى ئىزدەپ تاپىمەن، ئىسىڭىزدىن چىقارماڭ" دىدى. كىيىن ئۇ ئىككىنچى قېتىم ئالى مەكتەپ ئىمتاھانىغا قاتنىشىپ ناھايىتى يۇقىرى نۇمۇر ئالدى، ئەمما مىنى ئىزدەش ئۈچۈن، ئادەتتىكى بىر ئالى مەكتەپتە ئوقۇدى؛ كىيىنكى ئىشلار ئەلۋەتتە ئوڭۇشلۇق بولۇپ كەتتى، مەن مۇھەببەتنىڭ نىمىلىكىنى چۈشىنىپ، ئۆزۈمنى تۇتۇۋىلىشقا باشلىدىم ھەمدە ئۇنىڭ بىلەن قول تۇتۇشۇپ، جاھاننىڭ تۇرمۇشىغا قەدەم قويدۇق.
-4-
    مەن ئۇنىڭ بىلەن ئالى مەكتەپنىڭ بىرىنچى يىللىقىدىكى ئىنگىلىز تىلى دەرسلىكىدە پارتىداش بولۇپ  ئولتۇرغان، كىيىن ئۈچىنچى يىللىققا چىققاندا مۇھەببەتلەشتۇق. ئەمىلىيەتتە، نىمىشقا ئۇنىڭ بىلەن مۇھەببەتلەشكىنىمنى مەنمۇ بىلمەيمەن، بەلكىم غېرىپلىقتا قالغان ئىككەيلەن ئۆز-ئارا يار يۆلەك بولۇشۇپ ئىللىقلىق يەتكۈزۈشنى ئويلاشقان بولساق كىرەك. مىنىڭ قەلبىمدە ئۆتمۈشتىكى باشقا بىر ئوغۇل بالا—يەنى مەن يۈرەك باغرىمدىن ياخشى كۆرگەن ئۇ ئوغۇل بالا ساقلىنىپ قالغان؛ ئۇنىڭ قەلبىدىمۇ ئۆتمۈشتىكى مەلۇم بىر قىزبالا ساقلىنىپ قالغاندەك قىلاتتى. بىز بىرلىكتە ئاسپىرانتلىققا تەييارلىق قىلىشقا باشلىدۇق، بەلكىم ئوقۇش پۈتتۈرسەكلا ئايرىلىپ كىتىشىمىز مۇمكىن. ئۇ ۋاقىتتا مەن بەلكىم، ئۇنىڭ ئىلگىرىكى ئاشۇ قىز بىلەن بىريەرگە كىلەلىشىگە تىلەكداش بولۇشۇم مۇمكىن.
    بەزىلەر، ياش ۋاقتىدا زىيادە ياخشى ئادەمگە ئۇچرىماسلىق كىرەك، بولمىسا بىر ئۆمۈر تىنچىلىنالمايدۇ دەپ ئېيتىدۇ. چۈنكى، بەك بالدۇر ئۇچراتقاندا، ياخشى كۆرىشى چوڭقۇر بولىدۇ، نەتىجىدە ئاقىۋىتى ئىنتايىن ئازاپلىق كىلىدۇ.
    ئۆزىنىڭ تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ساۋاقدىشىغا ياتلىق بولالىغان ئادەمدىن زادى قانچىلىكى بار؟
   كىيىنچە بىز مۇھەببەت تاكتىكىلىرىغا ئۇستا بولۇپ، ھەر خىل ئاماللارنى ئىشلىتىدىغان، پۈتكۈل جەرياننى ئۆز قولىمىزدا كونتىرول قىلىدىغان بولغان ۋاقتىمىزدا، بىزگە بىرىنچى قېتىم ياخشى كۆرۈشنى ئۈگەتكەن ئۇ ئادەم، ئاللىبۇرۇن كىشىلەر دېڭىزىدا غايىپ بولغان بولىدۇ.
    بىز ئاخىرى بىرگە بولالمىدۇق، ئەمما كۆڭلىمىزنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا، بىر-بىرىمىزگە ساپ بوشلۇقتىن بىر پارچە قالدۇردۇق.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号