ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
بىرازىلىيەدىكى ئالتە بارماقلىقلار ئائىلىسىگە يىڭى ئەزا قوشۇلدى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-04-04 كۆرۈلىشى : قېتىم
    يېقىندا، بىرازىلىيەدىكى داسىلۋا جەمەتى يىڭى بىر ھاياتلىقنى كۈتىۋىلىپ، ئۇنىڭغا ۋىنشۇس دەپ ئىسىم قويدى. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇ بوۋاق ئۇلارنىڭ جەمەت ئالاھىدىلىكىگە ۋارسلىق قىلغان—يەنى، ئالتە بارماقلىق تۇغۇلغان.
   غەلىتە شەكىللىنىپ قېلىش، مۇتلەق كۆپ قىسىم ئائىلىلەرگە نىسبەتەن قاباھەتلىك چۈش ھىسابلىنىدۇ. ئەمما داسىلۋا جەمەتىدىكىلەر، ئۆزلىرىنىڭ جەمەتتىن ئىرسىيەت قالغان ئالتە بارمىقىنى گۆھەردىن ئارتۇق بىلىدۇ. ھازىر بۇ جەمەتتە، 23نەپەر ئائىلە ئەزاسىنىڭ ئىچىدە 14ئادەم كۆپ بارماقلىق غەلىتە شەكىللىنىپ قېلىشقا گىرىپتار بولغان بولۇپ، ئۇلار قول ۋە پۇت بارماقلىرى ئادەتتىكى نورمال كىشىلەرنىڭكىگە قارىغان ئىككىسى ئارتۇق كىلىدۇ.
   نورمال ئەھۋال ئاستىدا، كۆپ قىسىم كۆپ بارماقلىق بىمارلار، ئۆزىنىڭ ئارتۇق شەكىللىنىپ قالغان بارمىقىنى ئىشلىتەلمەيدۇ؛ ئەمما داسىلۋا جەمەتىدىكىلەر، ئارتۇق بارمىقىنى نورمال ئىشلىتەلەيدۇ. بۇ سەۋەپلىك، بۇ خىل غەلىتە شەكىللىنىپ قېلىش ئۇلار ئۈچۈن توسۇققا ئايلانمايلا قالماي، ئەكسىچە بىر خىل بايلىق ھىسابلىنىدۇ. چۈنكى، ئۇلار ئارتۇق بارماقلىق ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ، مۇزىكا ۋە پۇتبول ساھەسىدە باشقىلار يىتىشەلمەيدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە بولالايدۇ. مەسىلەن، يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ ئاكىسى جوئاسسى، پۇتبول تەنھەركىتىدىكى ۋارتا ساقلىغۇچى؛ ئۇنىڭ دىيىشىچە، ئۇنىڭ ئالتە بارمىقى سەۋەبلىك، ئۇ توپنى تۇتقان ۋاقىتتىكى كۈچ چۈشۈش نوقتىسى باشقىلارغا قارىغاندا كۆپ بولىدىكەن، شۇڭا توپ ئۇنىڭ قولىدىن ئاسانلىقچە چىقىپ كەتمەيدىكەن.
    شۇڭلاشقا، ۋىنشۇس تۇغۇلماستىنلا، ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنىڭمۇ ئالتە بارماقلىق تۇغۇلۇشىنى ۋە "ئالتە بارماقلىق" ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ، داڭلىق ئادەم بولۇپ يىتىشىپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلغان.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号