ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئەر كىشى ياخشى كۆرگەن ئايالنى قانچىلىك ۋاقىتتا ئۇنتۇپ كىتەلەيدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-04-04 كۆرۈلىشى : قېتىم
-1-
    بىز ھەقىقى مۇھەببەتنى ئۇچراتتىم دەپ ئويلىغان ۋاقتىمىزدا، مۇھەببەت ھەمىشە رەھىمسىزلىككە تولغان رىئاللىق ئارقىلىق بىزگە شۇنى ئېيتىدۇ: ياق، بۇ ھەقىقى مۇھەببەت ئەمەس!
   لى ۋىن ئەسلىدە، چېن نەن بىلەن مەڭگۈ ئايرىلماي ئۆتۈپ كىتىمەن دەپ ئويلىغان ئىدى. چۈنكى، ئىلگىرى ئۇلار بىر-بىرىنى شۇنداق ياخشى كۆرىشىدىغان بولۇپ، ئۇلار ئىلگىرى كەچكى شەپەق ئاستىدا، ئۆمرىدە پەقەت قارشى تەرەپ بىر ئادەمنىلا ياخشى كۆرىدىغانلىقى ھەققىدە قەسەميات قىلىشقان.
   بىراق ھېلىقى كۈنى، لى ۋىن چىن نەننىڭ باشقا بىر ئەر كىشى بىلەن قول تۇتۇشۇپ يولدا كىتىپ بارغىنىنى كۆرگەن ۋاقىتتا، ئۇنىڭ شىرىن چۈشلىرى پۈتۈنلەي بەربات بولدى. ئۇ تۇرغان ئورنىدا داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالغانلا بولۇپ، ئۇلارنىڭ قول تۇتۇشۇپ بارغانسىرى يېراقلاپ كەتكەنلكىنىمۇ تۇيمايلا قالغان ئىدى.
    چىن ۋىن خۇددى بىرسى ئۇنى تىرىك تۇرغۇزۇپ يۈرىكىدىن بىر پارچە گۆشنى شىلىپ ئېلىۋالغاندەك بولۇپ، قەلبى ئۆرتىنىپ، يۈرەك باغرى پارە-پارە بولۇپ كەتتى.
    لى ۋىن ئۇلارغا دەخلى قىلمىدى؛ ئۇ سۈكۈت ئىچىدە ئاستاغىنا چىن نەن بىلەن بىرگە تۇرۋاتقان ئۆيىگە كىلىپ، نەرسە-كىرەكلىرىنى يېغىشتۇردى دە، كۆزلىرىدىن ياشلار ئاققۇزغۇنىچە، ئازاپلىق ئەسلىمىلەرگە تولغان بۇ شەھەردىن ئايرىلدى.
-2-
    بىز ھەمىشە ۋاقىت ھەممىنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ دەپ قارايمىز؛ لىكىن ئەمىلىيەتتە، بەزى نەرسىلەر ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ سۇسلىشىپ قالماي، ئەكىسچە بارغانسىرى ئاغرىيىدىغان بولۇپ قالىدۇ.
    چىن نەندىن ئايرىلغاندىن كىيىن، لى ۋىن باشقا بىر شەھەرگە كىلىپ مائاشى بەك يۇقىرى ھىسابلانمايدىغان خىزمەتتىن بىرنى تاپتى ھەمدە بىر توپ يەپ قاچار ئاغىنىلەر بىلەن دوستلۇشۇپ، كۈنلىرىنى ھاراق ئىچىش بىلەن ئۆتكۈزدى.
    ئۇ ئۆزىنىڭ چىن نەنگە ئالاقىدار ئەسلىمىلىرىنى ئويلاپ قېلىشىدىن قورقاتتى؛ چۈنكى، چىن نەننىڭ سىماسىنىڭ ئۇنىڭ كاللىسىدا شۇنداق بىر پەيدا بولۇشى، ئۇنىڭ قەلبىگە بولغان بىر قېتىملىق جازا ھىسابلىناتتى.
    بىراق، لى ۋىن ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە شۇنى بايقىدىكى، ئۇ چىن نەننى ئۇنتىيالمايلا قالماي، ئەكسىچە ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ، ئۇ چىن نەن بىلەن ئۆتكۈزگەن كۈنلىرىنى بارغانسىرى ئەسلەپ قالىدىغان بولۇپ قالدى.
    ھاراق ئۇنى پەقەت قاتتىق ئۇيقۇغا باشلىيالايتتى، ئەمما ئۇنىڭ كاللىسىنى بۇزىۋىتىشكە ۋە چىن نەنگە ئائىت خاتىرىلىرىنى يۇۋىتىشكە ئامالسىز ئىدى.
    لى ۋىن بۇ ۋاقىتتا قاتتىق ئۈمىدسىزلىككە تولدى؛ ئۇ ئۆزىنى پىسخىكىلىق كىسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالغاندەك ھىس قىلىپ، پىسخىكىلىق دوختۇرغا كۆرۈنمەكچى بولدى.
-3-
    بەلكىم، ئىلگىرى بىزگە ئىنتايىن مۇھىم ھىسابلىنىدىغان ئادەملەرنى ئۇنتۇپ كىتەلمەسلىكىمىز مۇمكىن. بولۇپمۇ بىر ئەركىشىگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇ ھەقىقى ياخشى كۆرگەن بىر ئەر كىشى، ئۇنىڭ ئىسىدىن مەڭگۈ چىقىپ كەتمەيدۇ.
    دوختۇر لى ۋىنغا ئۇنىڭدا كىسەل يوقلۇقىنى، پەقەت ئىلگىرىكى ئاشۇ بۆلەك مۇھەببەتكە بەك چۆكۈپ قېلىپ، ئۆزىنى تارتىپ چىقىرالمايۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
    كەچقۇرۇن. لى ۋان كۆۋرۈك بېشىدا ئولتۇرۇپ، تەدرىجى زىمىن قوينىغا چۆكۈپ كىتىپ بارغان قۇياشقا قاراپ، چىن نەن بىلەن بولغان ئەسلىمىلىرىنى يەنە ئىسىگە ئالدى.
   ئۇ ۋاقىتلاردا ئۇلار ناھايىتى ئىجىل بولۇپ، بىر-بىرىنى شۇنداق ياخشى كۆرەتتى. خۇددى پەقەت قارشى تەرەپ يېنىدا بار بولسىلا ھېچنىمىدىن قورقمايدىغاندەك، پەقەت قارشى تەرەپ يېنىدا بار بولسىلا، ئۆزىنىڭ ھاياتلىقى ئەڭ چوڭ قانائەتلىنىشكە ئىرىشەلەيدىغاندەك ھىس قىلىشاتتى.
    ئۇ ئاخىرى چۈشىنىپ يەتتى. ئەمىلىيەتتە ئۇنىڭ كاللىسىدا ئىزچىل تۈردە ئەگىپ كىتەلمەي قالغان قاباھەتلىك چۈش، چىن نەننىڭ ئۆزىگە ئاسىيلىق قىلىشى ئەمەس ئىكەن. ئەكسىچە، ئۇلار ئىلگىرى شۇنداق گۈزەل ئەسلىمىلەرنى قالدۇرغان تۇرۇپ، ھازىر بىراقلا ناتۇنۇش كىشىلەردەك بولۇپ مەڭگۈ يۈز كۈرۈشەلمەيدىغان بولۇپ قالغان ئىدى؛ لى ۋىن دەل مۇشۇ سەۋەپلىك ئۈمىدسىزلىككە تولغان ئىدى.
    بىراق، ھەرقانداق قاباھەتلىك چۈشتىن ئويغىنىدىغان ۋاقىت بولىدۇ؛ لى ۋاىن ئورنىدىن تۇرۇپ، قولىدىكى ھاراق بوتولكىسىنى پىقىرىتىپ تاشلىۋەتتى.
    ئۇ كۆڭلىدە بارغانسىرى شۇنى چۈشىنىپ يەتتىكى، چىن نەن، لى ۋىن بۇ ئۆمرىدىكى ئۇنتۇپ كىتەلمەيدىغان ئايال كىشى؛ بىراق لى ۋىننىڭ ئۇنى ئۇنتۇپ كىتىشى ھاجەتسىز، چۈنكى ئۇلار ئىلگىرى بىر-بىرىنى شۇنداق ياخشى كۆرىشەتتى.
-4-
    چىن نەننىڭ، لى ۋىننىڭ ئۆتمۈشتىكى ئەسلىمىسىگە ئايلىنىشى مۇقەررەرلىشىپ بولغان؛ بىراق لى ۋىننىڭ تۇرمۇشى، چىن نەن سەۋەپلىك دەخلىگە ئۇچرىسا بولمايدۇ. شۇڭلاشقا ئۇ قايتىدىن ئورنىدىن تۇرۇپ، ئىلگىرىكى ئۆزى بولۇپ ئۆتكۈشكە بەل باغلىدى.
   ھەر قانداق بىر بۆلەك مۇھەببەت ئاخىرىدا ياخشى نەتىجە ئېلىپ كىلىپ ئۆمۈرنىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملىشىشى ياكى ئوتتۇرا يولدا گۇمران بولۇشى مۇمكىن. بىراق بىر ئەر كىشىگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئەگەر ئۇلارنىڭ ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئايال كىشىنى ئۇنتۇپ كىتىشىگە قانچىلىك ۋاقىت كىتىدۇ دەپ سورالسا، مىنىڭ بىرىدىغان جاۋابىم: "ياخشى كۆرگەن بولغاچقا، بىر ئۆمۈر ئۇنتۇپ كىتەلمەيدۇ".

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号