ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئۆلۈپ كىتىپ ئۈچ ئايدىن كىيىن قوسىقىدىكى بالىسىنى تۇغقان ئايال
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-04-03 كۆرۈلىشى : قېتىم
     3-ئاينىڭ 28-كۈنى، پورتىگالىيەدىكى سان جون دوختۇرخانىسىدا، مىڭىسى ئۆلۈپ كەتكىلى ئۈچ ئاي بولغان ھامىلدار ئايال، ئوڭۇشلۇق ھالدا ساغلام بوۋاقتىن بىرنى تۇغۇپ مۆجىزە ياراتتى.
    26ياشلىق بۇ ئانىنىڭ ئىسمى كاتىرىنا.سىكۇرىرا بولۇپ، ئۇ بىر قېيىق ھەيدەش تەنھەرىكەتچىسى ئىكەن، ھەم ئىلگىرى دۆلىتىگە ۋەكىل بولۇپ خەلقئارالىق مۇسابىقىگە قاتناشقان ئىكەن. ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا، كاتىرىنانىڭ زىققا كىسىلى تۇيۇقسىز تۇتۇپ قېلىپ، شۇ ئاينىڭ 26-كۈنى دوختۇرخانا تەرەپ ئۇنىڭ چوڭ مىڭىسىنىڭ ئۆلۈپ كىتىشى سەۋەپلىك قازا قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
    ئەينى ۋاقىتتا كاتىرىنا ھامىلدار بولغىلى 19 ھەپتە بولغان بولۇپ، دوختۇرلار ئامالسىز ئۈسكىنە ئەسۋاپلارغا تايىنىپ ئۇنىڭ نەپەسلىنىشىنى ساقلاپ قالغان. بىراق، ھامىيلىگە 32 ھەپتە توشۇشقا بىر كۈن قالغان ۋاقىتتا، ئۇنىڭ كىسەللىك ئەھۋالى تۇيۇقسىز ئېغىرلاپ كىتىپ، دوختۇرلار ئامالسىز، بالىنى ئوپراتسىيە قىلىپ ئالغان.
     3-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئېغىرلىقى 3.75قاداق كىلىدىغان بوۋاقتىن بىرسى ساق-سالامەت ھالدا بۇ دۇنياغا كۆز ئاچتى. بالىنىڭ دادىسى بۇ بوۋاقنى "مۆجىزە بوۋاق" دەپ ئاتىدى.
    دوختۇرخانا كىلىنكا مەركىزىنىڭ مۇدىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىر بوۋاقنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ئىنتايىن ياخشى ئىكەن. بىراق، بوۋاق ھازىر ۋاقتىنچە، ئۈسكىنىنىڭ ئۇنىڭ نەپەسلىنىشىگە ياردەم بىرىشىگە مۇھتاج بولۇپ، دوختۇرلارنىڭ مۆلچەرلىشىچە ئۈچ ھەپتە ئىچىدە دوختۇرخانىدىن چىقىپ ئۆيىگە قايتىپ كەتكۈدەك بولالايدىكەن.
    ئەپسۇسلىنارلىقى، كاتىرىنانىڭ ئەھۋالى قۇتقۇزىۋالغىلى بولمىغۇدەك دەرىجىدە يامانلىشىپ كەتكەن بولۇپ، ئوغلى تۇغۇلغان كۈننىڭ ئەتىسى، ئۇنىڭ دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن.
    كاتىرىنانىڭ ئانىسىنىڭ دىيىشىچە، ئۇ ھەم ئازابلانغان ھەم خۇشال بولغان؛ ئۇ بۇ خىل قايغۇ-ھەسرەت ئىچىدە نەۋرىسى بىلەن يۈز كۆرۈشۈشنى خالىمىغان. بۇندىن باشقا ئۇ يەنە، نەۋرىسىنىڭ دۇنياغا كۆز ئېچىشى بىلەن قىزىنى يوقىتىپ قويغانلىق ئازابىنىڭ ئورنىنى تولدۇرغىلى بولمايدىغانلىقىنى ھەمدە قايغۇ-ھەسرەت ئۆتۈپ كەتكەندىن كىيىن، قىزىنى كۆڭلىدە ساقلاپ، يەنىلا داۋاملىق ئالدىغا قاراپ ماڭماي بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.
 

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号