ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
بۇ موماي 80دىن ئارتۇق يىلاننى ئۆلتۈرۈپ توردا داڭ چىقاردى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-03-31 كۆرۈلىشى : قېتىم
    تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ! ئەگەر سىزنىڭ ئالدىڭىزدا تۇيۇقسىزلا سەكسەن نەچچە تال يىلان پەيدا بولۇپ قالسا، سىز قانداق ئىنكاستا بولىسىز؟ چىقىراپ قېچىپ كىتەمسىز ياكى "قۇتقۇزۇڭلار" دەپ توۋلاپ ئادەم چاقىرامسىز؟ بۈگۈنكى بۇ باش قەھرىمانىمىز موماي، بايام ئېيتقاندەك ئەھۋالغا دۇچ كەلگەن ۋاقىتتا، قولىدىكى كۈرەك(铲子) بىلەن ئۇلارنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۋىتىشنى تاللىغان... ...
    خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا، روسىيەدىكى داجىستانلىق دېھقان ئايال ساجىبات.گىمدوۋا ھويلىسىدا ياڭيۇ تېرىۋاتقان ۋاقىتتا، بىر يىلان ئۇۋىسىنى بايقاپ قالغان بولۇپ، قولىدىكى تۈمۈر كۈرەك بىلەن سەكسەندىن ئارتۇق يىلاننى ئۇرۇپ ئۆلتۈرگەن، يەنە ئاز ساندىكى نەچچە يىلان تەلىيى كىلىپ قېچىپ قۇتۇلغان. ئوغلى ئۇنىڭ ئىككى قولىدا ئۆلۈك يىلانلارنى تۇتۇپ تۇرۇپ چۈشكەن سۈرىتىنى تورغا چىقارغاندىن كىيىن، بۇ قېتىملىق ئىش ئاخبارات ۋاستىلىرى ۋە تورداشلارنىڭ زور كۆلەملىك دىققىتىنى قوزغىغان. ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇنداق قورقۇنچلۇق ئەھۋال ئاستىدا، ساجىبات ھۇدۇقۇپ كەتمەستىن، يىلانلار بىلەن جەڭ قىلىشنى تاللىغان ھەمدە ئاخىرىدا جەڭدە يىڭىپ چىقىپ، سەكسەندىن ئارتۇق يىلاننى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۋەتكەن.
    ساجىباتنىڭ دىيىشىچە، ئۇ دەسلىۋىدە ئون نەچچە تال يىلاننى كۆرۈپ، ئاۋال ئۇلارنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرگەن؛ ئەمما كەينىدىن يەنە، ھويلىدا يىلاننىڭ ئۇۋىسى بار بولۇشى بەلكىم ياخشى ئىش بولۇشى مۇمكىن دەپ ئويلاپ، ئالدىدا ئۇرۇپ ئۆلتۈرۋەتكەن يىلانلارغا ئازراق ئىچى ئاغرىپ قالغان. كىيىن ئۇ يەرنى تىگىگە قارىتىپ كولاۋەرگەن، ئاخىرىدا يىلانلار بارغانسىرى كۆپلەپ چىقىشقا باشلىغان. ساجىباتنىڭ مۇخبىرلارغا بىلدۈرىشىچە، ئۇ يىلانلار بەك ئاجىز بولۇپ، ساجىبات ئۇلارنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈش جەريانىدا ئازراقمۇ قورقۇپ قالمىغان، ھەتتا ناھايىتى ھاياجانلىق ھىس قىلغان.
    ئۆزىنىڭ توردا نامى چىقىپ كەتكەنلىكىنى بىلگەندىن كىيىن، ساجىبات ناھايىتى ھەيران قالغانلىقىنى ئېيتقان؛ چۈنكى، ئۇ باشتا سۈرەتكە تارتقاندا بۇنچىلىك كۆپ ئويلاپ كەتمىگەن. ئەينى جايدىكى ئاھالىلەر بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كىيىن، ساجىتنىڭ قىلمىشىنىڭ ناھايىتى باتۇرانىلىق ئىكەنلىكىنى، ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ئۇنى مۇكاپاتلىشى كىرەك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشكەن. ئەمما بۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇ قېتىملىق ۋەقە ھايۋاناتشۇناسلارنىڭمۇ دىققىتىنى تارتقان بولۇپ، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇنداق زور كۆلەمدە يىلان يوقىتىش قىلىمىشى، بەلكىم ئىكىلوگىيىلىك ئاپەت ئېلىپ كىلىشى مۇمكىن ئىكەن.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号