ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئەر-خوتۇنلار ئارىسىدا مۇھەببەت قالمىغاندا كۆرۈلىدىغان ئىپادىلەر
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-03-18 كۆرۈلىشى : قېتىم
     ئىككى ئادەمنىڭ قول تۇتۇشۇپ تويلىشىشقا قەدەم قويۇپ، بىر-بىرىنىڭ ئۆمۈرلۈك ھەمراھى بولۇش ئاسان ئەمەس؛ شۇڭا تويلىشىپ بىرگە بولغاندىن كىيىن، بىر-بىرىنى قەدىرلەشنى چوقۇم بىلىشى كىرەك.
    بىراق، داۋالىنى ھەممە ئادەم چۈشىنىدۇ، ئەمما ھەممىلا ئادەمنىڭ ئەمەلدە ياخشى قىلالىشى ناتايىن. نۇرغۇن كىشىلەر باشلىنىشتا قارشى تەرەپنى ئۆزىنىڭ ھاياتىدىكى ئاشۇ ئۆمۈرلۈك جۈپتى دەپ بىلىدۇ؛ ئەمما ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ئىككى تەرەپنىڭ كەمچىلىك ۋە يىتەرسىزلىكلىرى ئاشكارىلىنىپ چىقىشقا باشلايدۇ. ئەگەر بۇ ۋاقىتتا توغرا چۈشىنىش ۋە كەڭ قوساقلىق بولمىسا، ئۇنداقتا بۇنداق ئەر-خوتۇنلار مۇناسىۋىتى چوقۇم ئۇزۇنغا داۋاملىشالمايدۇ.
     ئەلۋەتتە، يەنە بىر بۆلەك مۇھەببەتلەردە، ۋاقتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئىككى تەرەپنىڭ مۇھەببىتى سۇسلىشىپ كىتىدۇ. ئەمىلىيەتتە، بۇ سىزنىڭ تويلىشىشقا تۇتقان پوزىتسىيىڭىزدىكى مەسىلە بولۇپ، ئەگەر ئىككى تەرەپ ئۆز-ئارا ياخشى كۆرۈشۈپ، قارشى تەرەپ بىلەن بىر ئۆمۈر بىرگە ئۆتۈشنى ئويلاشسا، توي قىلغاندىن كىيىن تەبىئىلا مۇناسىۋىتىنى ياخشى ساقلاشقا ۋە تەرەققى قىلدۇرۇشقا تىرىشىدۇ؛ ئەگەر ئىككىلا تەرەپ توي قىلغاندىن كىيىنلا بىر ئۆمۈر ئۆتۈپ كىتەلەيمىز دەپ ئويلاپ، كۈندىلىك تۇرمۇش جەريانىدا، ئەر-خوتۇنلۇق مىھرى-مۇھەببىتىنى ياخشى ساقلاش ۋە تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تىرىشمىسا، ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ مۇھەببىتىنىڭ ئۇزۇنغا داۋاملىشىشى ھەقىقەتەن تەسكە توختايدۇ.
    كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا، مۇنداق بىر خىلدىكى ئەر خوتۇنلار بار. ئۇلارنىڭ ئوتتۇرلۇقىدا ئىنىقلا ھېچقانداق مۇھەببەت قالمىغان بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا داۋاملىق بىرگە ئۆتۈشنى تاللايدۇ؛ بۇنداق توي مۇناسىۋىتىدە، ئىككى تەرەپ بىرگە تۇرغان تەقدىردىمۇ بەخىتلىك بولالمايدۇ. ئادەتتە، ئەر-خوتۇنلار ئارىسىدا مۇھەببەت قالمىسا، تۆۋەندىكىدەك ئىپادىلەر كۆرىلىدۇ.
ئوتتۇرلۇقتا يېقىنچىلىق قىلىشىش قىلمىشلىرى قايتا بولمايدۇ
    تويلاشقاندىن كىيىن، ئىككەيلەننىڭ ھەر ۋاقىت بىرگە چاپلىشىپ يۈرىشى مۇمكىن بولمىسىمۇ، ئەمما نورمال ئەھۋال ئاستىدا، سۈيۈشۈش، قۇچاقلىشىش دىگەن قىلمىشلار چوقۇم بار بولىدۇ؛ مەسىلەن، ئىرى كاماندۇرۇپكىغا چىقىپ قايتىپ كەلگەندىن كىيىن، ئايالى ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگرەپ كىلىپ، ئىرىنىڭ ئۆزىنى چىڭ قۇچاقلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، شۇنچە ئۇزۇن ۋاقىت ئايرىلغاندىن كىيىن، ئىرىنى ئەلۋەتتە سېغىنىدۇ.
    يەنە مەسىلەن، ئىرى ئىشتىن قايتىپ كىلىپ، ئايالىنىڭ ئاشخانىدا تەرلەپ پىشىپ ئالدىراش تاماق تەييارلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئايالىغا تۇيۇقىسز مۇھەببىتى قوزغىلىدۇ ھەمدە ئىختىيارسىز ئايالىنى كەينىدىن قۇچاقلاپ قويىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەر-خوتۇنلار تۇرمۇشىدىكى ناھايىتى نورمال بىر قىلمىشلاردۇر.
    بىراق ئەگەر، ئەر-خوتۇنلار ئارىسىدا مۇھەببەت قالمىسا، ئۇنداقتا يۇقىردا ئېيتىلغاندەك يېقىنچىلىق قىلىشىدىغان قىلمىشلار ئەلۋەتتە قايتا كۆرۈلمەيدۇ؛ ئىشتىن قايتىپ كەلگەندىن كىيىن، ھەر ئىككى تەرەپ بىر-بىرىگە ئارتۇق پىسەنت قىلىپ كەتمەي ئۆزلىرىنىڭ ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولىدۇ؛ خۇددى ناتۇنۇش ئادەملەرگە ئوخشاش بىر-بىرى بىلەن كارى بولماي ئۆتىدۇ.
ئوتتۇرلۇقتىكى پىكىر ئالماشتۇرۇش بارغانسىرى ئازلاپ كىتىدۇ
    كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسىگە مەلۇملۇق، مۇھەببەتلىشىۋاتقان ئەر ئاياللار بىريەرگە كەلگەندە، ھامان قىلىشىدىغان پاراڭلىرى چىقىدۇ؛ ھەر قېتىمدا تۈگىمەس پاراڭلىرى بار بولۇپ، قىلغىلى گەپ تاپالماي قالىدىغان ئەھۋاللار ئەسلا كۆرۈلمەيدۇ.
    ئەگەر بىر-بىرىنى ياخشى كۆرۈشسە، تويلاشقاندىن كىيىن، ئىككى تەرەپنىڭ قىلىشىدىغان گەپلىرى تېخىمۇ كۆپىيىدۇ؛ چۈنكى، توي قىلغاندىن كىيىن، ئىككەيلەننىڭ ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت تېخىمۇ يېقىنلاشقان بولىدۇ؛ شۇڭلاشقا بىرگە تۇرغان ۋاقىتتا، مەيلى نىمە توغۇرلۇق پاراڭلاشمىسۇن، ھەر ئىككى تەرەپ كۆڭۈل قېتىدىن خوشاللىق ھىس قىلىشىپ كىتىدۇ.
    ئەمما ئوتتۇرلۇقتا مۇھەببەت قالمىغان بولسا، ئۇنداقتا ھەر ئىككى تەرەپ قارشى تەرەپكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئېغىز ئېچىشنى خالىمايدۇ؛ بۇ سەۋەپلىك ئۇلارنىڭ ئارىلىقىدىكى پىكىرلىشىش بارغانسىرى ئازلاپ كىتىدىغان بولۇپ، ھەتتا ئەڭ ئاساسلىق بولغان گەپ-سۆز ئالاقىسىمۇ قالمايدۇ؛ ئىشتىن كىلىپلا ھەر ئىككى تەرەپ ئۆز ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولۇپ، ئۆز ئالدىغا ياكى تېلىۋىزور كۆرىدۇ ياكى يانفون ئوينايدۇ. بۇ ئارىلىقتا قىلچىلىك مۇھەببەت قالمىغاننىڭ ئىپادىسى بولۇپ، بۇنداق ئەھۋالدا ئەڭ ياخشىسى ۋاقىت ئىسراپ قىلىپ ئۆتكەننىڭ قىلچىلىك ئەھمىيىتى بولمايدۇ.
بىر-بىرىدىن بىزارلىق ھىس قىلىشقا باشلايدۇ
    ئەگەر بىر-بىرىنى چىن دىلىدىن ياخشى كۆرسە، ئونداقتا تويدىن كىيىن ئىككى تەرەپنىڭ كەمچىلىك ۋە يىتەرسىزلىكلىرى ئاشكارىلىنىپ چىقىشقا باشلىغان تەقدىردىمۇ، ھەر ئىككى تەرەپ بىر-بىرىنى ئومۇميۈزلۈك قوبۇل قىلىشنى ۋە توغرا چۈشىنىشنى خالايدۇ ھەمدە قارشى تەرەپنىڭ كەمچىلىكى تۈپەيلىدىن ئۇنى قايتا ياخشى كۆرمەي قالىدىغان ئىش بولمايدۇ.
    چۈنكى، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ كۆڭلىدە قارشى تەرەپ بار بولغاچقا، قارشى تەرەپنىڭ ئارتۇقچىلىقى ئۇلارنىڭ كەمچىلىكلىرىنى يېىپىپ كىتىشكە ياكى ئەڭ كىچىك دەرىجىگە ئەكىلىشكە يىتەرلىك بولىدۇ. بىراق ئەگەر ئوتتۇرلۇقتا مۇھەببەت قالمىغان بولسا، ئۇنداقتا بۇ كەمچىلىك ۋە يىتەرسىزلىكلەر ئۆزلىكىدىن يوغىناپ، ئارتۇقچىلىقىنى يېپىپ كىتىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا قارشى تەرەپنىڭ ئۈسىتدە كۆرىدىغىنى ئۇنىڭ كەمچىلىكىلا بولىدۇ.
    شۇڭلاشقا، بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا قارشى تەرەپتىن بىزارلىق ھىس قىلىش مۇقەررەر بولۇپ قالىدۇ؛ ئۇلار خاتا ئادەمنى ياخشى كۆرۈپ قالغاندەك، ئۆزى ئەسلىدە ئويلىغاندەك ئادەمگە ئۇچرىماي قالغاندەك ھىس قىلىشقا باشلايدۇ. بۇ ۋاقىتتا، ئەلۋەتتە بىر-بىرىدىن بىزار بولۇشقا ۋە بىر-بىرىنى ياراتماسلىققا باشلايدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号