ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
جىدەللىشىپ قالغاندىن كىيىن بۇ خىل ئىپادىسى بار ئاياللار خەتەرلىك
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-03-17 كۆرۈلىشى : قېتىم
    ئىككى ئادەم تويلىشىپ بىر ئۆيگە كىرگەندىن كىيىن، ئوتتۇرلۇقتىكى مۇھەببىتى ھەرقانچە چوڭقۇر بولغان تەقدىردىمۇ، تويدىن كىيىن تۇرمۇشتا بەزىبىر كىچىك سۈركىلىشلەرنىڭ بولۇپ قېلىشىدىن ساقلىنالمايدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، تەبىئىلا جىدەللىشىش بولىدۇ، شۇڭلاشقا ئەر-خوتۇنلار ئوتتۇرسىدا جىدەللىشىپ قېلىش ناھايىتى نورمال بىر ئىش ھىسابلىنىدۇ؛ بۇ جەرياندا مۇھىم بولغىنى، جىدەللىشىپ قالغاندىن كىيىن قانداق بىتەرەپ قىلىشتۇر.
    مۇناسىۋىتى ياخشى بولغان نۇرغۇن ئەر-خوتۇنلار، قانداق جىدەللىشىپ سوقۇشىشىدىن قەتئىنەزەر، ئاسانلىقچە ئايرىلىپ كەتمەيدۇ؛ چۈنكى بۇنداق ئەر-خوتۇنلار، قانچىلىك ئېغىر دەرىجىدە جىدەللىشىپ قالمىغان بولمىسۇن، شۇ كۈنى زىددىيەتنى ھەل قىلىپ ئەتىسىگە قالدۇرمايدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۆزىنى بېسىۋالغاندىن كىيىن، ھەر ئىككى تەرەپ ئۆز خاتالىقىنى تۇنۇپ، قارشى تەرەپتىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئەپۇ سورايدۇ.
    بىراق، بەزىبىر مۇناسىۋىتى تازا ياخشى ئەمەس ئەر-خوتۇنلار بولسا، ھەر قېتىم جىدەللىشىپ قالغاندىن كىيىن، ھەر ئىككى تەرەپ باش ئىگىشنى خالىماي، ئىزچىل تۈردە كەينىگە سوزۇپ سۇغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئېلىپ بارىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، ئۇلار ئوتتۇرسىدىكى مۇھەببەتنى خورىتىپ، ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ تەبئىلا سۇسلىشىپ كىتىدۇ.
    ئەر-خوتۇنلار جىدەللىشىپ قالغاندىن كىيىن، تۆۋەندىكى ئۈچ خىل قىلمىشى بار ئاياللار، ئىرىدىن ئاسانلا ئايرىلىپ قالىدۇ.
ھەر قېتىمدا كونا خاماننى سورۇپ قوپىدىغان ئاياللار
    بەزى ئاياللارنى چۈشەنمەك ھەقىقەتەن تەس؛ چۈنكى ئۇلار، ئىرى بىلەن سوقۇشۇپ قالغان ھامانلا كونا خاماننى سورۇپ، بۇرۇنقى ئىشلارنى تىلغا ئېلىپ قوپىدۇ ھەمدە بۇرۇنقى ئىشلارنى دەستەك قىلىپ تۇرۇپ، ئىرىنى ئەيىبلەپ بىر پۇلغا ئەرزىمەس قىلىۋاتىدۇ. ئۇلار بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق، بارلىق مەسئۇلىيەت ۋە خاتالىقنى ئەر كىشىگە ئارتىپ قويۇشنى ئويلاپ، ئۆزىنى خاتا ئادەمگە ياتلىق بولۇپ قالغاندەك ھىس قىلىدۇ.
    ئەگەر ئايال كىشى بۇنداق قىلىۋەرسە، ئۇنداقتا ئەر كىشى ئەلۋەتتە بۇنىڭغا چىداپ بولالمايدۇ؛ چۈنكى، ئادەم خاتالىق ئۆتكۈزۈشتىن قۇتۇلالمايدۇ، ئەمما خاتالىقىنى تۇنىسا ھەمدە ئۆزگەرتسە، يەنىلا ئەپۇ قىلىشقا بولىدۇ، شۇڭا بۇنداق ئەھۋالدا ئەڭ ياخشىسى ئۆتكەنگە سالاۋات قىلغان ياخشى. ئەگەر بىر ئايال كىشى ئىرى بىلەن گەپ تالىشىپ قالسىلا، ئۇنىڭ ئىلگىرىكى خاتالىقىنى تىلغا ئېلىپ قوپسا، بۇ ئىرىنى سىرتقا ئىتتىرگەنلىككە باراۋەر بولۇپ، قېتىم سانىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئىرى ئۇنىڭدىن زىرىكىپ، راستىنلا ئۇنى تاشلاپ كىتىپ قېلىشى مۇمكىن.
ھەر قېتىملىق جىدەلدىن كىيىن، سۇغۇق مۇناسىۋەت ئۇرۇشى باشلاش
    ئەر-خوتۇنلار تەگىشىپ جىدەللىشىپ قېلىش، راستىنلا ئىنتايىن نورمال بىر ئىش. ئەگەر جىدەل ئۆتۈپ كەتكەندىن كىيىن، ھەر ئىككى تەرەپ ئۆزىنى تەكشۈرۈپ، قارشى تەرەپكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن بويۇن ئىگىپ ئۆز خاتالىقىنى تۇنىيالىسا، ئۇنداقتا بۇلار ئوتتۇرسىدىكى مۇھەببەت بارغانسىرى چوڭقۇرلاپ بارسا بارىدۇكى ھەرگىز سۇسلىشىپ قالمايدۇ. چۈنكى ھەر ئىككى تەرەپنىڭ كۆڭلىدە قارشى تەرەپ بار بولغاچقا، ئۇلار ھەر ئىككىسى ئۆز خاتالىقىنى تۇنۇشقا جۈرئەت قىلىپ، مەسئۇلىيەتتىن قاچمايدۇ ياكى قارشى تەرەپكە ئىتتىرمەيدۇ.
    ئەمما، بەزىبىر نادان ئاياللار، جىدەللىشىپ قالغاندىن كىيىن، ئىرىگە دومسىيىپ سۇغۇق مۇناسىۋەت ئۇرۇشى ئېلىپ بارىدۇ؛ ھەتتا ئىرى باش ئىگىپ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئەپۇ سورىسىمۇ، ئۇلار تېخىمۇ ئېشىۋىلىپ، ئىرىنىڭ بۇنداق ئەھۋال ئاسىتىدىكى تۇيغۇسىنى قەتئى ئويلاشمايدۇ. ئەگەر ئايال كىشى ھەمىشە بۇنداق قىلىۋەرسە، ئەر كىشى ھامان بىر كۈنى بەرداشلىق بىرىپ بولالمايدىغان بولۇپ، ئاخىرىقى نەتىجىدە ئۆرۈلگىنىچە ئايال كىشىنى تاشلاپ كىتىپ قېلىشى مۇمكىن.
ھەر قېتىم جىدەللىشىپ قالغاندا ئاجرىشىشنى ئېغىزىغا ئېلىپ قوپىدىغان ئاياللار
    تويدىن كىيىنكى تۇرمۇشتا، قىلىشتىن ئەڭ ساقلىنىشقا تىگىشلىك سۆزلەرنىڭ بىرى "ئاجرىشىش" دىگەن سۆزدۇر. چۈنكى، تويدىن كىيىن، ھەر ئىككى تەرەپ قارشى تەرەپ بىلەن ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە قول تۇتۇشۇپ بىرگە ئۆتۈشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، "ئاجرىشىش" سۆزىنى كۆپ تىلغا ئېلىۋەرسە، قارشى تەرەپ بۇنى راست ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قالىدۇ.
    شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەگەر ئايال كىشى ئىرى بىلەن جىدەللىشىپ قالغاندىن كىيىن، ھەمىشە "ئاجرىشىش" سۆزىنى ئېغىزىدىن چۈشۈرمىسە، ئۇنىڭ بىردەملىك ئاچچىقىدا دىگەن گېپى بولغان تەقدىردىمۇ، قېتىم سانىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئەرلەر بۇنى راست دەپ ئويلاپ قالىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، ئەر كىشىنىڭ ئايالىغا بولغان مۇھەببىتىمۇ بارغانسىرى كېمىيىپ مېڭىشقا يۈزلىنىدىغان بولۇپ، بەلگىلىك چەككە يەتكەندىن كىيىن، ئايال كىشى قايتا "ئاجرىشىش" سۆزىنى ئېغىزىغا ئالغاندا، ئىرى بۇنىڭغا قوشۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号