ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
تەربىيىۋى ئەھمىيىتى چوڭقۇر قىزىقارلىق مىكرو ھىكايىلەر
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-03-02 كۆرۈلىشى : قېتىم
-1-
    ساپال كومزەك ساتىدىغان بىر بوۋاي، كومزەك ئېسىلغان ئەپكىشىنى كۆتۈرۈپ كىتىپ بارسا، ئەپكەشتىكى ساپال كومزەكتىن بىرسى چۈشۈپ كىتىپ، كۈكۈم-تالقان بولۇپ كىتىپتۇ؛ ئەمما بوۋاي كەينىگە قاراپمۇ قويماي، ئالدىغا قاراپ مېڭىۋىرىپتۇ.
    يولدا كىتىپ بارغان بىر ئادەم بۇنى كۆرۈپ، ئەجەبلىنىپ سوراپتۇ:
    "كومزىكىڭىز يەرگە چۈشۈپ سۇنۇپ كەتكەن تۇرسا، نىمىشقا قاراپمۇ قويماي كىتىۋىرىسىز؟"
    بوۋاي جاۋاپ بىرىپتۇ: "مەن ھەرقانچە توختاپ كەينىمگە قارىغان بىلەنمۇ، ئۇ يەنە سۇنۇق پېتى تۇرىۋىرىدۇ.
   بىرەر نەرسىنى يوقاتقان ياكى بىرەر نەرسىڭىزدىن ئايرىلىپ قالغان ۋاقىتتا، ئۇنى قوبۇل قىلىشنى ھەم كۆڭلىڭىزدىن چىقىرۋىتىشنى ئۆگىنىۋىلىشىڭىز كىرەك. نۇرغۇن ئىشلار، سىزنىڭ ھەسرەت چەككىنىڭىز سەۋەپلىك ياخشىلىنىپ قالمايدۇ ياكى نەتىجىسى ئۆزگىرىپ قالىدىغان ئىش بولمايدۇ.
-2-
     شاتۇت بىلەن  قاغا ئۇچرىشىپ قاپتۇ. قەپەز ئىچىدىكى شاتۇتنىڭ كۈنلىرى خاتىرجەم ئۆتىدىكەن؛ دالادا ياشايدىغان قاغا بولسا ئەركىن ئىكەن.
    شاتۇت قاغىنىڭ ئەركىنلىكىگە ھەۋەس قىلىدىكەن؛ قاغا شاتۇتنىڭ ھېچنىمىدىن غەم قىلماي خاتىرجەم ئۆتىدىغانلىقىغا ھەۋەس قىلىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئىككى قۇش مەسلىھەتلىشىپ، ئورۇنلىرىنى ئالماشتۇرۇپتۇ.
    قاغا، ھېچنىمىدىن غەم قىلمايدىغان خاتىرجەم تۇرمۇشقا ئىرىشىپتۇ، ئەمما ئىگىسىنىڭ كۆڭلىنى خوش قىلالماي، خامۇشلىشىپ ئۆلۈپ قاپتۇ.
    شاتۇتمۇ ئەركىنلىككە ئىرىشىپتۇ؛ ئەمما ئۇ ئۇزۇن مەزگىل خاتىرجەمچىلىكتە كۈن ئۆتكۈزگەن بولغاچقا، مۇستەقىل ھالدا ھايات كەچۈرەلمەي، ئاخىرى ئاچلىقتىن ئۆلۈپ قاپتۇ.
    باشقىلارنىڭ بەختىگە قارىغۇلارچە ھەۋەس قىلماڭ، چۈنكى ئۇ سىزگە ماس كەلمەيدۇ. باشقىلار بىلەن بەسلىشىمەن دىمەڭ؛ ئۆزىڭىزنىڭ كۈنلىرىنى ياخشى ئۆتكۈزگىنىڭىز ھەممىدىن ئەۋزەلدۇر.
-3-
     مۈشۈك بىلەن چوشقا ياخشى دوستلاردىن ئىكەن.
     بىر كۈنى مۈشۈك چوڭقۇر بىر ئورەككە چۈشۈپ كىتىپتۇ؛ چوشقا مۈشۈكنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئارغامچا تېپىپ كەپتۇ. مۈشۈك چوشىقىغا دەپتۇ: "ئارغامچىنى تاشلا".
    چوشقا ئارغامچىنى ھەممىنى بىراقلا مۈشۈككە تاشلاپ بىرىپتۇ.
    مۈشۈك جىلە بولۇپ، "سەن بۇنداق ھەممىنى تاشلاپ بەرسەڭ، مىنى قانداق تارتىپ چىقىرۋالىسەن؟" دەپتۇ.
   چوشقا دەپتۇ: "ئەمىسە قانداق قىلسام بولىدۇ؟"
    مۈشۈك دەپتۇ: "ئۆزۈڭ ئارغامچىنىڭ بىر ئۇچىنى تۇتىۋىلىپ، يەنە بىر ئۇچىنى ئاندىن ماڭا تاشلاپ بەرمەمسەن؟"
    چوشقا چۈشەندىم دىگىنىچە، ئورەككە سەكرەپ چۈشۈپتۇ ھەمدە ئارغامچىنىڭ بىر ئۇچىنى ئۆزى تۇتۇپ، يەنە بىر ئۇچىنى مۈشۈككە تەڭلەپ تۇرۇپ "ئەمدى بولغاندۇ؟" دەپتۇ.
    بۇ ۋاقىتتا مۈشۈك جىلە بولغىنىدىن يىغلاپ تاشلاپتۇ؛ ئەمما يىغلاپ تۇرۇپمۇ ئۆزىنى ناھايىتى بەخىتلىك ھىس قىلىپتۇ...
    بەزى ئادەملەرنىڭ ئەقىللىق بولۇپ كىتىشى ناتايىن، ئەمما ئۇلار سىزنىڭ بىر ئۆمۈر قەدىرلەپ ئۆتىشىڭىزگە ئەرزىيدۇ.
-4-
    بىر ئادەم دىھقاندىن سوراپتۇ: "بوغداي تېرىدىڭىزمۇ؟"
    دىھقان جاۋاپ بىرىپتۇ: "ياق، يامغۇر ياغماي قۇرغاقچىلىق بولۇپ قالارمىكىن دەپ تېرىمىدىم".
    ئۇ ئادەم يەنە سوراپتۇ: "ئۇنداقتا كىۋەز تېرىدىڭىزمۇ؟"
    دېھقان جاۋاپ بىرىپتۇ: "ياق، قۇرت-قوڭغۇزلارنى كىۋەزنىڭ غوزىسىنى غاجىلىۋىتەرمىكىن دەپ ئەنسىرەپ تېرىمىدىم".
    ئۇ ئادەم قايتا سوراپتۇ: "ئۇنداقتا سىز نىمە تېرىدىڭىز؟"
    دېھقان جاۋاپ بىرىپتۇ: "ھېچنىمە تېرىمىدىم، مەن چوقۇم بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا ئاندىن تېرىمىسام بولمايدۇ".
    بەك كۆپ ئىشلاردىن ئاساسسىز ئەنسىرەپ، ئىككىلىنىپ ئولتۇرسىڭىز، ھەرىكەتلىنىشڭىز چەكلىمىگە ئۇچراپ، ھېچقانداق بىر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالمايسىز.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号