ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
بىل.گايتىس بىلەن بۇففىتنىڭ مۇۋەپپىقىيەتكە بەرگەن ئىنىقلىمىسى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-02-24 كۆرۈلىشى : قېتىم
    مۇۋەپپىقىيەت قازىنىپ نام قازىنىش ئادەمنى شۇنچە مەپتۇن قىلىدىغان بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەر بىر ئۆمۈر ئۇنى قوغلىشىپ ئۆتىدۇ.
   مۇۋەپپىقىيەت قازىنىش دىگەن نىمە؟ قانداق ئادەم ئاندىن مۇۋەپپىقىيەت قازانغان ئادەم ھىسابلىنىدۇ؟ بەزىلەر ياخشى بىر ئەرگە تىگىپ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشنى مۇۋەپپىقىيەت قازىنىش دەپ قارايدۇ؛ بەزىلەر بولسا كاتتا پۇلدار بايلارغا ئايلىنىش مۇۋەپپىقىيەت قازانغانلىق دەپ بىلىدۇ؛ يەنە بەزىلەر بولسا، ئىگىلىكى نەتىجە قازىنىپ، نام-ئابروي ۋە پايدا-مەنپەئەتكە تەڭ ئىرىشىشنى مۇۋەپپىقىيەت قازىنىش دەپ بىلىدۇ.
    بەزى كىشىلەر 100مىڭ يۈەن پۇل تاپسا، ئۆزىنى ئىنتايىن مۇۋەپپىقىيەت قازانغاندەك ھىس قىلىۇ؛ يەنە بەزى كىشىلەر بولسا، مىليۇنلاپ پۇل تاپسىمۇ، ئۆزىنى مۇۋەپپىقىيەت قازانغاندەك ھىس قىلمايدۇ ھەمدە ئۆزىنىڭ كۆڭلىدىكى مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشقا قاراپ داۋاملىق ئىلگىرلەيدۇ.
 
    يەرشارىدىكى ئەڭ باي ئادەمگە ئايلىنىش، ئىشىنىمەنكى نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ قارىشىدىكى مۇۋەپپىقىيەت قازانغانلىقنىڭ بەلگىسى. ئۇنداقتا بىز، تۆۋەندە بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى، ئىلگىرىكى يەرشارىدىكى بىرىنچى باينىڭ، مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشقا قويغان ئۆلچىمى قانداق؟
   ئاتاقلىق مەبلەغ سېلىش مۇتەخەسسىسى ۋارىن.بۇففىت، يەرشارىدىكى ئۈچ چوڭ باينىڭ بىرى. بىراق، ئۇنىڭ مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشقا قارىتا ئوخشىمايدىغان بىر خىل ئىنىقلىمىسى ۋە ئۆلچىمى بار؛ ھەتتا يەنە بىر دەرىجىدىن تاشقىرى باي، مىكروسوفىت شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى بىل.گايتىسمۇ، بۇففىتنىڭ بۇ ئىنىقلىمىسى ۋە ئۆلچىمىنى  ئەڭ توغرا بولغان ئۆلچەم دەپ ئاتىغان.
    بۇففىت ئىككى قولىغا تايىنىپ ئىگىلىك تىكلىگەن بولۇپ، زىرەكلىك بىلەن مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق توپلىغان بايلىقلىرىغا تايىنىپ، ئۇ دۇنيادىكى ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان بايلارنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. ئەمما، بۇ مىلياردنىرغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشنىڭ ئىنىقلىمىسىنى بىكىتىشتە، پۇلنى ئۆلچەم قىلىۋالماي، تۇرمۇشتىكى كىشىلىك مۇناسىۋىتىنى ئۆلچەم قىلىش كىرەك ئىكەن.
   مىكروسوفت شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى بىل.گايتىس، ئىلگىرى ئۆزىنىڭ بىر مىكرو بىلوگ ئۇچۇرىدا مۇنداق دەپ يازغان: بۇففىتنىڭ مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچىمى، "سىز كۆڭۈل بۆلگەن ئادەم، سىزنى ئوخشاشلا ياخشى كۆرەمدۇ؟" دىگەن سۇئالدۇر.
     بىل.گايتىسنىڭ دىيىشىچە، بۇففىتنىڭ مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشقا بولغان قارىشى، ئۆزىنىڭ مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشقا بولغان قارىشىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشكە ياردەم قىلغان ئىكەن.
    ھەر يىلى يىل ئاخىرىدا، بىل.گايتىس ئۆتكەن بىر يىللىق خىزمىتى ۋە تۇرمۇشىغا قايتا قاراپ چىقىدۇ. بۇ يىل ئۇ، بۇففىت بىلەن ئۇنىڭ ئايالى مىلانداغا بولغان مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە ھازىرقى ۋاقىتتىكى يىل ئاخىرىدىكى قايتا قاراپ چىقىش، ئۇ 20 نەچچە ياش مەزگىلىدىكى مىكروسوفت شىركىتىنى قۇرۇپ چىققان ۋاقتىدا قىلغان باھالىشى بىلەن كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئوخشىمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.
    بىل.گايتىسنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ۋاقىتتا، يىل ئاخىرىقى باھالاشتا، پەقەت بىر مەسىلىنىلا، يەنى مىكروسوفت يۇمشاق دىتالى زادى شەخسى ھىسابلاش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالامدۇ يوق دىگەن بىرلا مەسىلىنى قايتا قاراپ چىقىدىكەن.
    بۇ يىل بولسا، گەرچە خىزمەت يەنىلا بىل.گايتىسنىڭ يىل ئاخىرىقى باھالىشىنىڭ مۇھىم نوقتىسى بولسىمۇ، ئەمما بۇففىت بىلەن مىلاندانىڭ ئىگىلىگەن سالمىقىمۇ ئاز ئەمەس بولۇپ، ئۇلار بىل.گايتىسنى تۇرمۇش جەھەتتىكى باشقا مەسىلىلەر ئۈستىدىمۇ ئويلىنىپ قويۇشقا رىغبەتلەندۈرگەن؛ مەسىلەن، "مەن ئائىلەمدىكىلەرگە يىتەرلىك بولغان بىرگە تۇرۇش پۇرسىتى بەردىممۇ يوق؟"، "مەن يىتەرلىك دەرىجىدە يىڭى ئىشلارنى ئۆگىنەلىدىممۇ يوق؟" ۋە "مەن يىڭى بىر دوستلۇققا ئىرىشەلىدىممۇ يوق ھەمدە كونا دوستلۇق مىھرىنى چوڭقۇرلاشتۇرالىدىممۇ يوق؟" دىگەندەك مەسىلىلەر ئۈستىدىمۇ مۇلاھىزە قىلىپ قويۇش تەكلىۋىنى بەرگەن.
     بىل گايتىسنىڭ دىيىشىچە، يۇقىردا ئېيتىلغاندەك باھالاش مەزمۇنلىرى، ئۇنىڭ 25ياش ۋاقتىغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا كۈلكىلىك بىلىنىدىكەن؛ ئەمما يېشىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، بۇ مەزمۇنلار ئۇنىڭغا نىسبەتەن تېىىمۇ ئەھمىيەتلىك بولۇپ ئۆزگىرىدىكەن.
2017-يىلى، بىل.گايتىس بىر يېغىنغا قاتناشقان ۋاقتىدا، ئۆزىنىڭ نەچچە يىللاردىن بىرى، ئىزچىل تۈردە بۇففىتنىڭ تۇرمۇشتا مۇۋەپپىقىيەت قازىنىش ھەققىدىكى ئىنىقلىمىسىنى ئىشلىتىپ كەلگەنلىكى ھەققىدە خاتىرە قالدۇرغان؛ ئۇنىڭ خاتىرسىغا يازغان مەزمۇنلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇففىتنىڭ مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشقا ئىنىقلىما بىرىشتىكى ئۆلچىمى بولسا، "سىزگە يېقىنلاشقا ئادەم  بەخىتلىكمۇ ياق، سىزنى ياخشى كۆرەمدۇ يوق" دىگەن بىرلا مەسىلە ئىكەن.
    بىل.گايتىس، ئۆزىنىڭ مىكروبىلوگىدا قالدۇرغان ئۇچۇرىدىمۇ، "بۇففىتنىڭ مۇۋەپپىقىيەتكە بەرگەن ئىنىقلىمىسى، سىز ئۇچرىتالايدىغان ئەڭ ياخشى ئۆلچەمدۇر" دەپ يازغان.
    بىزنىڭ بۇففىت ۋە بىل.گايتىسنىڭكىدەك بايلىقىمىز ۋە ئابرويىمىز يوق، بىراق ئۇلار ئوتتۇرغا قويغان ۋە ئىتراپ قىلغان مۇۋەپپىقىيەت قازىنىش ئۆلچىمىگە قارىتا، بىز ئۇنىڭدىن پايدىلانساق بولىدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئوتتۇرغا قويغىنى، ھاياتلىقنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىقىپ، دۇنيا مەنزىرىلىرىنى تۇلۇق كۆرۈپ چىققاندىن كىيىن خۇلاسىلاپ چىققان تۇيغۇسىدۇر؛ شۇڭا بىزنىڭ ھەممىمىزنىڭ پايدىلىنىپ كۆرۈشىگە ئەرزىيدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号