ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئېغىزى غەلىتە پۇراپ قېلىش ھادىسىسى ۋە ئۇنى ياخشىلاش ئۇسۇللىرى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-02-24 كۆرۈلىشى : قېتىم
    ئەتىگەنلىكى ئورنىدىن تۇرغاندا، ئېغىزىدا غەلىتە پۇراق پەيدا بولۇپ قېلىش ئەھۋالى بەلكىم ھەممەيلەنگە تۇنۇشلۇق؛ چۈنكى، كۆپ قىسىم كىشىلەر سەھەردە ئورنىدىن تۇرغان ۋاقىتتا، ئېغىزىدا بىر خىل غەلىتە پۇراق بار ھالەتتە ئورنىدىن تۇرىدىغان بولۇپ، بۇ خىل غەلىتە پۇراقنى ئەتراپتىكى كىشىلەر ئەمەس، ئۆزىمۇ پۇراپ ھىس قىلالايدۇ.
    بىراق سىز ئويلاپ باقتىڭىزمۇ يوق؟ نىمىشقا بەزىلەر ئەتىگەنلىكى ئورنىدىن تۇرغاندا، ئېغىزىدا غەلىتە پۇراقلار بولمايدۇ ياكى بولسىمۇ ئۇنچە ئېغىر بولمايدۇ، ئەمما يەنە بەزىلارنىڭ بولسا ئېغىزىدا ئېنتايىن ئېغىر غەلىتە پۇراق بار بولىدۇ؟ قانداق قىلغاندا بۇ خىلدىكى ئېغىزدا غەلىتە پۇراق بار ھالەتتە ئورنىدىن تۇرۇشتىن قۇتۇلغىلى بولىدۇ؟ بۇنىڭدا، ئېغىزدا غەلىتە پۇراقنىڭ شەكىللىنىش سەۋەبىدىن قول تىقىشقا كىلىدۇ.
    ئەتىگەنلىكى ئورنىدىن تۇرغاندا ئېغىزىدا غەلىتە پۇراق بار بولۇشنى شەكىللەندۈرىدىغان سەۋەپ ئاساسلىقى ئۈچ تۈرلۈك بولۇپ، بۇ ئۈچ مەسىلىنى ھەل قىلغاندا، ئۇنداقتا ئېغىزدىكى غەلىتە پۇراق مەسىلىسى ئۆزلىگىدىن ھەل بولىدۇ.
قەۋزىيەت
   قەۋزىيەت بار كىشىلەردە، بولۇپمۇ ئۇزۇن مەزگىل قەۋزىيەتتىن قۇتۇلالمىغان كىشىلەردە، ئېغىز پۇراش مەسىلىسى باشقىلارغا قارىغاندا ئېغىرراق بولىدۇ. بۇ ئاساسلىقى، ئۈچەي يولىدىكى زەھەرلىك ماددىلار ۋە ئەخلەتلەر ۋاقتىدا بەدەن سىرتىغا چىقىرۋىتىلمىگەنلىكتىن، نۇرغۇنلىغان كىرەكسىز گازلارنىڭ شەكىللىنىشى پەيدا قىلىدۇ؛ بۇ كىرەكسىز گازلار قەۋزىيەت سەۋەپلىك، ۋاقتىدا مەقئەت يولىدىن بەدەن سىرتىغا چىقىرۋىتىلىلەلمەيدۇ ھەمدە بەدەننى بويلاپ ئېغىز بوشلۇقىغا يىتىپ كىلىپ، ئېغىز بوشلۇقىدىن ئىبارەت بۇ "چىقىش ئېغىزىدىن" چىقىپ كىتىدۇ. چۈنكى، كىرەكسىز گازغا چىقىپ كىتىش ئېغىزى لازىم بولىدىغان بولۇپ، ئادەم قەۋزىيەت بولۇپ قالغان ئەھۋال ئاستىدا، ئادەمنىڭ ئېغىز بوشلۇقى، بۇ كىرەكسىز گازلارنىڭ "چىقىش ئېغىزىغا" ئايلىنىپ قالىدۇ. شۇڭا ئېغىز پۇراشتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، ئاۋال قەۋزىيەتتىن قۇتۇلىشىڭىز كىرەك.
ئاشقازان قوقاقلاش
    ئاشقازاننىڭمۇ قوقاقلايدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ ئەگەر سىز ئۇزۇن مەزگىل ئىزچىل تۈردە تۇزلۇق، مايلىق دىگەنلەرگە ئوخشاش ئېغىر تەملىك يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلسىڭىز، سىزنىڭ ئاشقازىنىڭىز قوقاقلاپ قالىدۇ. بۇنىڭ ئەڭ كۆرۈنۈرلىك ئىپادىلىرىنىڭ بىرى چىش مىلىكى قاناش بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا كۆپىنچە ئېغىز پۇراش بىللە ئەگىشىپ كىلىدۇ. شۇڭا ئەگەر ئېغىز پۇراش مەسىلىسىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، ئالدى بىلەن ئاشقازان قوقاقلاش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىڭىز كىرەك.
جىگەر فونكىسىيىسى قالايمىقانلىشىش
   جىگەر فونكىسىيىسى قالايمىقانلىشىش، ھازىرقى 30-20ياش ئەتراپىدىكى كىشىلەردە دائىم كۆرۈلىدىغان مەسىلە بولۇپ، كۆپىنچە كىچىلىرى ئۇخلىماسلىق، ئېغىر تەملىك يىمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلىش قاتارلىق سەۋەپلەردىن پەيدا بولىدۇ. بۇ خىل كشىلەردە، كۆپىنچە مىجەز كەيپىياتى تۇراقسىز ھەم ناچار بولۇپ قېلىش بىللە ئەگىشىپ كۆرىلىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە بىر ناچار ئەھۋالغا دۇچار بولىدۇ، يەنى ئېغىزىدا ئېغىر دەرىجىدە غەلىتە پۇرايدىغان بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا، ئەگەر ئېغىز پۇراش مەسىلىسىنى ياخشىلىماقچى بولسىڭىز، ئۇنداقتا ئۆزىڭىزنىڭ تۇرمۇش ئادىتىنى تەرتىپكە سېلىپ، كىچىسى ئۇخلىماي تۈنەيدىغان ئادىتىڭىزنى ئۆزگەرتىشتىن باشلاپ سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ.
    يۇقارقى ئۈچ تۈرلۈك ئەھۋال، ئەتىگەنلىكى ئورنىدىن تۇرغاندا ئېغىزدا غەلىتە پۇراق بار بولۇپ قېلىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەپلىرى بولۇپ، كۆپچىلىك ئەگەر ئېغىز پۇراش مەسىلىسنى ھەل قىلماقچى بولساق، بۇ ئۈچ نوقتىدىن قول تىقىپ سىناپ باقساق بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号