ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئەر كىشى سىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرەمدۇ يوق، بۇلاردىن بىلىۋىلىڭ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-02-24 كۆرۈلىشى : قېتىم
    مۇھەببەت جەريانىدا، قىزلار ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئوغۇل بالىنى ئۇچراتقان ۋاقتىدا، ئۇنىڭدا ياخشى بىر تەسىر قالدۇرۇشقا تىرىشىپ، ھەرقايسى جەھەتلەردىن ئۆزىنىڭ مۇكەممەللىكىنى نامايەن قىلىشقا ئۇرىنىدۇ ھەمدە ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ كۆڭۈل چۈشىنىدىغان بىر قىز ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدۇرۇشقا تىرىشىدۇ؛ بۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇلار يەنە ئوغۇل بالىدىن ھېچنىمە تەلەپ قىلمايدۇ. بىراق، ئەمىلىيەتتە قىزلارنىڭ بۇ خىل قىلمىشى، ئوغۇللاردا "بۇ ئەسلىدىلا سىزنىڭ شۇنداق قىلىشقا تىگىشلىك ئىشىڭىز" دىگەندەك تۇيغۇ پەيدا قىلىپ قويىدۇ. ئەگەر بىر ئەر كىشى سىزنى ھەقىقى تۈردە ياخشى كۆرسە، ئۇنىڭدا تۆۋەندىكىدەك بىر نەچچە خىل ئىپادىلەر بولىدۇ.
سىزنى دوست-بۇرادەرلىرىگە تۇنۇشتۇرىدۇ
    ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ مۇھەببىتىگە نىسبەتەن ئىنتايىن ئىپتىخارلىق ھىس قىلىدۇ؛ شۇڭلاشقا ئۇلار مۇھەببەتلەشكەن ۋاقتىدا، چوقۇم بۇ خۇشاللىقىنى ھەممە ئادەم بىلەن تەڭ بەھىرلىنىشنى ۋە ئۇلارنىڭ گۈزەل تىلەكلىرىگە ئىرىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، دوستلىرى بىلەن بىرگە بولغان ۋاقىتتا، ئىختىيارسىز ھالدا مۇھەببىتىنىڭ گېپىنى چىقىرىدۇ؛ ئەلۋەتتە، بۇنىڭ ئىچىگە بەلگىلىك دەرىجىدە كۆز-كۆز قىلىش مەقسىتىمۇ يۇشۇرۇنغان بولىدۇ. بىراق، سىلەر مۇھەببەتلەشكەن مۇناسىۋىتىڭلارنى بىكىتىپ بولغاندىن كىيىنمۇ، ئۇ بۇ ئەھۋالنى دوستلىرىدىن يۇشۇرسا، سىز ئۇنداقتا ئىھتىيات قىلمىسىڭىز بولمايدۇ؛ چۈنكى بۇنداق قىلمىش، ئۇنىڭ كۆڭلىدە سىزنى ئۇنچە بەك مۇھىم بىلىپ كەتمەيدىغىنىنى بىلدۈرىدۇ؛ ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشى، باشقىلارغا ئۆزىنى تېخى بويتاق ھالەتتە كۆرسىتىشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، بۇنداق مەقسەتتە بولۇشتا، ئۇنىڭ بەلكىم باشقىچە مەقسىتى بولۇشى مۇمكىن.
سىزنى بىردەم ئىزدىمىسە چىدىمايدۇ
    يىڭى مۇھەببەتلىشىشكە باشلىغاندا، ئىككى تەرەپ ئاساسى جەھەتتىن بىر-بىرىگە چاپلىشىپ دىگۈدەك ئۆتىدىغان بولۇپ، پەقەت ۋاقتى بولسىلا بىريەرگە كىلىۋالىدۇ، ھەتتا خىزمىتى ئالدىراش بولۇپ قالغان ئەھۋالدىمۇ، ئۇچۇر ئەۋەتىپ بولسىمۇ، بىر-بىرىنى ئىزدىشىدۇ. بىراق، مۇھەببەتلىشىش جەريانىدا، ئەگەر پەقەت سىزلا قارشى تەرەپنى ئىزدەپ، ئۇنىڭغا ئۇچۇر ئەۋەتسىڭىز، ئەمما قارشى تەرەپ سىزگە ئۇچۇر قايتۇرمىسا، ياكى سىز ئۇنى ئىزدىمىسڭىز، ئۇ سىزنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىزدىمىسە، ئۇنداقتا سىز ئىھتىيات قىلىشىڭىز كىرەك. ئەگەر بىرەر ئىككى قېتىم بولسا كارايىتى چاغلىق، ئەمما ھەر دائىم بۇنداق بولىۋەرسە، بۇ بەلكىم ئۇنىڭ سىز بىلەن قايتا ئالاقىلىشىش نىيىتىنىڭ يوقلىقىدىن دىرەك بىرىشى مۇمكىن.
سىزنىڭ ئېيتقانلىرىڭىزنى كۆڭلىدە ساقلايدۇ
   ئىككەيلەن مۇھەببەتلىشىش جەريانىدا، چوقۇم تۇرمۇشنىڭ ھەرقايسى جەھەتلىرى ئۈستىدە پاراڭلىشىپ قالىدۇ؛ پاراڭلىشىش مەزمۇنى خۇشاللىقلارنى ھەم خاپىلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ، ھەتتا يەنە تېخى كەلگۈسىدىكى پىلانلىرىڭلار ھەققىدە سۆزلىشىپ قېلىشىڭلار مۇمكىن. بىراق، ئەگەر ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىش جەريانىدا، ئۇ بەك كۆڭۈل بۆلمىگەن ھالەتنى ئىپادىلىسە، ياكى سىز ئۆزىڭىز ئۇچرىغان بىرەر ئاۋارىچىلىق ھەققىدە توختالسىڭىز، ئۇ ئۆزىڭىزنىڭ ھەل قىلىشىنى ئېيتسا، ئۇنداقتا سىزمۇ ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىز ئالداپ يۈرمەسلىكىڭىز كىرەك؛ چۈنكى بۇنداق ئەھۋال، ئۇنىڭ سىزگە بولغان مۇھەببىتىنىڭ ھەقىقەتەن بەك سۇس ئىكەنلىكىنى، سىزنى ئەسلا ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号