ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
چەتئەللىكلەرنى ئۈچ سائەتتىن ئارتۇق تۇرغۇزمايدىغان دۆلەت
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-02-20 كۆرۈلىشى : قېتىم
    كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، بارغانسىرى كۆپلىگەن كىشىلەر سىرتلارغا چىقىپ ساياھەت قىلىشنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ قالدى. ئەمىلىيەتتە، ساياھەتكە چىقىش ئادەتتىكى بىر ئىش بولۇپ، ئەگەر سىز سىرتلارغا ساياھەتكە چىقىپ كۆرۈپ باقسىڭىز، دۇنيادا ئەسلىدە سىز بىلمەيدىغان ئىشلارنىڭ ساناقسىز ئىكەنلىكىنى بايقايسىز. بۈگۈن كۆپچىلىككە تۇنۇشتۇرماقچى بولغان بۇ دۆلەت، ئىنتايىن ئاز بىر قىسىم كىشىلەرلا مەۋجۇتلۇقىنى بىلىدىغان بىر دۆلەتتۇر.

    ئامىرىكا دۆلەت ئىچىگە جايلاشقان مولسىيا جۇمھۇرىيىتى، 1977-يىلى قۇرۇلغان بىر خۇسۇسىي دۆلەت بولۇپ، بۇ دۆلەتنىڭ ئومۇمى يەر كۆلىمى ئاران 0.025كۋادىرات كىلومىتىر كىلىدۇ. بۇ دۆلەت گەرچە ئىنتايىن كىچىك بىر دۆلەت بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ سىرتقا ئاشكارىلىشىچە، ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل ئاساسى قانۇنى، دېڭىز ئارمىيىسى ۋە بانكا قاتارلىق ئەسلىھەلىرى بار ئىكەن.

    بۇنداق قىزىقارلىق يەرگە بېرىپ ساياھەت قىلىدىغان ئاز بولمايدۇ ئەلۋەتتە. بىراق، بەلكىم ئىلگىرىكى ئۇرۇشنىڭ سەۋەبىدىن بولسا كىرەك، بۇ دۆلەت، ئۆز دۆلىتىدىن باشقا دۆلەتتىن بولغان كىشىلەرنى چەتكە قاقىدىغان ئادەت شەكىللەندۈرۋالغان بولۇپ، كىشىلەر بۇ كىچىك دۆلەتكە ساياھەتكە كەلسە بولىدىكەن، ئەمما ئۇزۇن تۇرۇپ قالسا بولمايدىكەن؛ مەيلى دۇنيادىكى قايسى دۆلەت تەۋەلىكىدىن بولمىسۇن، ساياھەتچىلەرنىڭ تۇرغان ۋاقتى ئۈچ سائەتتىن ئېشىپ كەتسىلا، دۆلەت چىگراسىدىن مەجبۇرى قوغلاپ چىقىرىلىدىكەن. مولسىيا جۇمھۇرىيىتىنىڭ بۇنداق قىلىشى بەلكىم دۆلىتىنىڭ يەر مەيدانىنىڭ كىچىك بولغانلىقى سەۋەبىدىن بولسا كىرەك، سىزنىڭچىچۇ؟

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号