ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئالاھىدە ئىقتىدار ۋە ئۆزگىچە ئۈنۈمگە ئىگە شاكىلات يىيىش ماشىنىسى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-02-17 كۆرۈلىشى : قېتىم
    بۈگۈن ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر خەۋەرنى ئاڭلىدىم. ئەسىلىدە شاكىلاتنىمۇ ئىس سۈمۈرگەنگە ئوخشاش سۈمۈرۈپ ئىستىمال قىلىشقا بولىدىكەن.
    بىلگىيەدە، دومىنىكو.پىرسىن دەيدىغان شاكىلاتچىلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر ئادەم بار بولۇپ، ئۇ ئۆزگىچە بولغان شاكىلات قويۇپ بىرىش ماشىنىسىدىن بىرنى كەشىپ قىلغان.
    ياق! ئىنىقىنى قىلىپ ئېيتقاندا، شاكىلات سۈمۈرۈش ماشىنىسى.
    ئۇنداقتا بۇ ئۈسكۈنىنى قانداق ئىشلىتىمىز؟ ئالدى بىلەن بۇ ئىككى كىچىك قوشۇقتا شاكىلات تالقىنى ئۇسۇپ ئالىمىز.
    كەينىدىن ياندىكى ئۇزۇنچاق تۇتقىنى شۇنداقلا باسساق، قۇشۇپ ئىچىدىكى شاكىلات، بۇرنۇمىزغا ئېتىپ كىرگۈزىلىدۇ.
    يەنە كەينىدىن، بۇرنىمىزدا ئۇنى سۈمۈرۋالساقلا بولىدۇ.
    نىمە ئۈچۈن بۇ خىل ئۈسكۈنىنى ياساپ چىققانلىقى سورالغاندا، شاكىلاتچىلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللانغۇچى بۇ كىشى، شاكىلاتنى بەك كۆپ يەۋىلىپ سەمىرىپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دەپ جاۋاپ بەرگەن.
    ئۇنىڭ ئۈستىگە، شاكىلاتنى ئېغىزغا ئېتىپ كىرگۈزمەي، بۇرنىغا ئېتىپ كىرگۈزۈشنى تاللاشنىڭمۇ سەۋەبى بار ئىكەن....
    ئالدى بىلەن، بارلىق تۈردىكى شاكىلاتلارنىڭ ھەممىسىلا بۇ ئۈسكۈنە ئارقىلىق سۈمۈرۈشكە ماس كىلىدىغان ئەمەس؛ بۇ سەۋەپلىك، دومىنىكو.پىرسىن ئالاھىتەن ئىككى خىل شاكىلات ياساپ چىققان بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا يالپۇز تەملىك ۋە زەنجىۋىل تەملىك شاكىلات ئىكەن ھەمدە ئۇلارنىڭ نەملىك قۇرۇقلۇق دەرىجىسىمۇ، ئېتىپ كىرگۈزۈشكە دەل ماس كىلىدىكەن.
    بۇ ئىككى خىل شاكىلاتنىڭ بۇرۇنغا ئېتىپ كىرگۈزۈلىشىدىكى ھالقىلىق سەۋەپ، ئۇلارنىڭ تەمىدە ئىكەن.
    دومىنىكو.پىرسىن مۇنداق دىگەن: شاكىلات ئېتىپ چىقىرىلغاندىن كىيىن، يالپۇز بىلەن زەنجىۋىل بۇرۇننى غىدىقلىغاندىن كىيىن، زەنجىۋىل تەمى پەسكە قاراپ ماڭىدۇ، ئەمما شاكىلات تەمى بولسا مىڭىدە قالىدۇ، بۇ خىل تۇيغۇ شۇنداق يېقىشلىق....
    ئۇنداقتا، بۇ ئۇسۇلدا شاكىلاتنى سۈمۈرگەندە، بۇرۇن ماڭقىسىنىڭ رەڭگى شاكىلات رەڭگە ئۆزگىرىپ قالماسمۇ؟

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号