ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
دۇنياغا مەشھۇر داڭلىق كوچىلار
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-01-28 كۆرۈلىشى : قېتىم
    يىڭى زىللاندىيە جەنۇبى ئارىلى دەننىدىن شەھرىدىكى باۋدىۋىن كوچىسى، دۇنيادىكى ئەڭ تىك بولغان يول دەپ نام ئالغان. باۋدىۋىن كوچىسىنىڭ ئۇمومى ئۇزۇنلۇقى 350 مىتىر بولۇپ، ئەڭ تىك بولغان بۆلىكىنىڭ يانتۇلۇقى 19گىرادوس كىلىدۇ؛ يەنى، بۇ يولدا ھەر 2.86مىتىر ئالغا ئىلگىرلىگەندە، يول يۈزى بىر مىتىر ئىگىزلەپ ماڭىدۇ؛ بۇ سەۋەپلىك، باۋدىۋىن كوچىسى، جىننىس دۇنيا رىكوتى تەشكىلاتى تەرپىدىن، دۇنيادىكى ئەڭ تىك يول بۆلىكى دەپ ئەنگە ئېلىنغان.
   ئامىرىكىنىڭ سان-فىرانسىسكو شەھرىدە، شەرقتىن غەرپكە سوزۇلغان، ياسەي باغچىسى ۋە نىيۇتۇن رايونىنى كىسىپ ئۆتىدىغان يول—لىنبادى كوچىسى بار. بۇ يولنىڭ لانبا كوچىسى ۋە لىۋىن كوچىسى ئارلىقىدىكى بۆلىكى يانتۇ يول بۆلىكى بولۇپ، شەھەر مەمۇرىيىتى، قاتناش ھادىسىسى يۈز بىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، 1923-يىلى ئالاھىتەن بۇ يول بۆلىكىگە گۈللۈك ياساپ، ئۇنى توختىماي ئەگىلىدىغان ئەگمىلىك يول قىلىپ ئۆزگەرتكەن. ئادەتتە، ماشىنىلار بۇ يول بۆلىكىگە كەلگەندە، تولغىما شەكىلدە ماڭىدىغان بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى سۈرئەت 8كىلومىتىر سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى بەلگىلەنگەن. بۇ بۆلەك يولنىڭ ئەمىلى مۇساپىسى 180 مىتىر، تۈز سىزىق ئۇزۇنلۇقى 125.7مىتىر بولۇپ، دۇنيا بوليىچە ئەگمىسى ئەڭ كۆپ يول بۆلىكى دەپ نام ئالغان.
    كانادانىڭ تورىنتو شەھرىدىكى جونگىر كوچىسى، ئىلگىرى دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن كوچا دەپ نام ئالغان. شەھەر رايونىنى كىسىپ ئۆتىدىغان جونگىر كوچىسى، تورىنتو شەھرىدىكى ئاساسلىق سودا كوچىسى بولۇپ، 1793-يىلى ياسالغان. 1998-يىلىدىن بۇرۇن، جونگىر كوچىسى ئانتالولى 11-نۇمۇرلۇق ئۆلكە يولى دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئومۇمى ئۇزۇنلۇقى 1896كىلومىتىر كىلەتتى. بۇ سەۋەپلىك، جونگىر كوچىسى، جىننىس دۇنيا رىكوتى تەشكىلاتى تەرپىدىن، دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن كوچا دەپ نام ئالغان.
    ئارگىنتىنانىڭ بويىنىس ئايرىس شەھرىدىكى "توققۇزىنچى ئىيۇل" كوچىسى، دۇنيادىكى ئەڭ كەڭ بولغان كوچا يولى بولۇپ، ئارگىنتىنانىڭ 1816-يىلى 7-ئاينىڭ 9-كۈنى مۇستەقىل بولغانلىقىنى خاتىرلەش يۈزۈسىدىن، "توققۇزىنچى ئىيۇل كوچىسى" دەپ نام بىرىلگەن. بۇ يولنىڭ ئۇزۇنلۇقى 4.6 كىلومىتىر، كەڭلىكى 148مىتىر بولۇپ، جەمئى 18 ماشىنا يولى بار، نۆۋەتتە دۇنيادىكى ئەڭ كەڭ كوچا يولى ھىسابلىنىدۇ.
   شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتۇنۇم ئوبلاستىغا جايلاشقان تىكەس ناھىيىسىنىڭ باگۇا شەھەرچىسى، ھازىرغىچە دۇنيادا ساقلىنىپ كىلىۋاتقان، بىردىنبىر ساقلىنىشى مۇكەممەل، قۇرلۇش ئۇسلۇبى مۇنتىزىم، كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان باگۇا شەھەرچىسىدۇر. بۇ باگۇا شەھەرچىسى مەركەزدىن سىرتقا ئېتىلغان نۇرسىمان چەمبەر شەكلىدە لايىھەلەنگەن بولۇپ، كوچا-يول ئورۇنلاشتۇرۇلىشى سىرلىق ئېزىتقۇ قەلئەلىرىگە ئوخشايدۇ ھەمدە ھەممە يوللار بىر-بىرىگە ئۇلىشىپ تۇتاشقان كەلگەن. بۇ سەۋەپلىك، تېكەس ناھىيىسى باگۇا شەھەرچىسى، دۇنيادا داڭ چىقارغان.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号