ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
بۇ يىمەكلىكلەردىن دوختۇرلارمۇ يېراق قاچىدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-01-22 كۆرۈلىشى : قېتىم
    راك كىسەللىكى، ئىنسانلارنىڭ ھاياتىغا تەھدىت ئېلىپ كىلىدىغان جاللات؛ ئەگەر بۇ كىسەللىك بىلەن ئالاقىدار بولساق، بەزىدە ھاياتىمىزنى ساقلاپ قالالىغان تەقدىردىمۇ، كىسەللىك جەريانىدىكى ئازاپقا ھېچنىمە توغرا كەلمەيدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بويان، دۆلىتىمىزدىكى ھەر خىل راك كىسەللىكىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ سانى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشكە قاراپ يۈزلەنگەن بولۇپ، بۇنى بىزنىڭ يىمەك-ئىچمەك ۋە تۇرمۇش ئادەتلىرىمىزدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. بۇندىن باشقا، راك كىسەللىكىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ئالامەتلىرى تازا كۆرۈنەرلىك بولمىغاچقا، نۇرغۇن كىشىلەر كىچىك كىسەل ئوخشايدۇ دەپ ئىتىبار بەرمەي، سىرتقى ئالامەتلىرى ئېغىرلاشقاندا تەكشۈرتسە، بۇ ۋاقىتتا راك كىسەللىكى ئاللىقاچان ئوتتۇرا ياكى ئاخىرقى مەزگىللەرگە بېرىپ قالغان بولىدۇ. راك كىسەللىكى كۆپىنچە ناچار يىمەك-ئىچمەك ئادىتىدىن كىلىدىغان بولۇپ، تۆۋەندىكى ئۈچ خىل يىمەكلىكلەردىن، دوختۇرلارمۇ يېراق قاچىدۇ.
1. گازىر
    گازىر تۇرمۇشىمىزدا كۆپ ئۇچرايدىغان بولۇپ، كىشىلەر بىر قېتىمدا جىڭلاپ جىڭلاپ سېتىۋىلىپ، ئۆيگە قايتقاندىن كىيىن تېلىۋىزور كۆرۈگەچ ئولتۇرۇپ گازىر چاقىدۇ. بىراق، ئىشىنىمەنكى، كۆپچىلىك گازىر چاققان ۋاقىتتا، ئاچچىق بولۇپ قالغان گازىر چېقىپ سالىدىغان ياكى نەملىشىپ قالغان گازىر چېقىپ سالىدىغان ئەھۋالغا ئۇچراپ باققان؛ ئەمىلىيەتتە بۇ راك كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللاردۇر. بۇزۇلۇپ قالغان گازىرنىڭ تەركىبىدە ئافلاتوكسىن بار بولۇپ، بۇ ماددىنىڭ زەھىرى خېلىلا يۇقىرى كىلىدۇ ھەمدە راك ھۈجەيرىلىرىنى ئاسانلا قوزغىيالايدۇ. ئاچچىق بولۇپ قالغان گازىر بولسا، قورۇش جەريانىدا كۆيدۈرۋەتكەن ياكى ساقلاش جەريانىدا قۇرت يىگەن گازىر بولۇپ، ئۇنىڭ تەركىبىدە زور مىقداردا ياغ بار، بۇنداق گازىرنى ئۇزۇن قويۇپ ئوكسىدلىنىپ قالغاندىن كىيىن چېقىپ سالساق، جىگەر ئىقتىدارىنىڭ نورمال ئايلىنىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
2. پەمىدۇر كونسىرۋاسى 
    كونسىرۋالىق يىمەكلىكلەرنىڭ تۈرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، بەزى كىشىلەر قولايلىقنى كۆزلەپ، بىر قېتىمدىلا نۇرغۇن كونسىرۋالىق يىمەكلىكلەرنى سېتىۋىلىپ زاپاس قويۇپ، تاماق ئەتكۈسى كەلمىگەن ۋاقىتلاردا كونسىرۋالىق يىمەكلىكەرنى يەيدۇ ھەمدە بۇنىڭ سالامەتلىككە ھېچقانداق تەسىرى يوق دەپ قارايدۇ. بىراق، ئەمىلىيەتتە پەمىدۇر كونسىرۋاسى بولسا بىر خىل راك پەيدا قىلغۇچى يىمەكلىكتۇر. چۈنكى، كونسىرۋانىڭ ئىچكى قەۋىتىدە، جۈپ فىنول ماددىسى بار بولۇپ، كىسلاتالىق پەمىدۇر بىلەن بىرلەشكەندىن كىيىن، بۇ خىل زەھەرلىك ماددا تىزلا ئاجرىلىپ چىقىدۇ. بۇندىن باشقا، پەمىدۇرنىڭ پوستى نىسبەتەن نىپىز بولغاچقا، ھاشارەت يوقىتىش دورىلىرىنى ئۆزىگە ئاسانلا سۈمۈرۋالىدۇ، بۇ ئادەمنىڭ سالامەتلىكىگە زور زىيان ئېلىپ كىلىدۇ.
3. مىكرو دولقۇنلۇق ئېتىلدۇرۇلغان كۆممىقوناق
    ھازىرقى كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ھۇرۇن بولۇپ قالدى؛ بۇ سەۋەپلىك كۆپ مىقداردىكى مىكرو دولقۇنلۇق يىمەكلىكلەر پەيدا بولغان بولۇپ، ئېتىلدۇرۇلغان كۆممىقوناق دەل شۇنىڭ ئىچىدىكى بىر خىلىدۇر. بىراق بۇ خىل يىمەكلىكلەرنىڭ ئورام خالتىسىنىڭ ئىچكى قىسىمىدا چاپلاشماس قەۋەت بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى خېمىيىلىك ماددىلار پارچىلىنىپ،  پىرفىتورلۇق كىسلاتادىن ئىبارەت خەتەرلىك بىرىكمە ماددا ھاسىل قىلىدۇ. بۇ خىل ماددا ئادەمنىڭ جىگىرى ۋە ئىممونت سېستىمىسىغا ھۇجۇم قىلىپ، بۇ ئارقىلىق ئادەم بەدىنىدىكى ھورمۇنغا تەسىر كۆرسىتىپ، راك كىسەللىكى پەيدا قىلىش ئىھتىماللىقى يۇقىرى بولىدۇ.
راك كىسەللىكى بىكاردىنلا پەيدا بولۇپ قالمايدۇ، شۇڭا يۇقاردا ئېيتىلغان يىمەكلىكلەرنى ئىمكان قەدەر ئاز ئىستىمال قىلىش، ئۆز ساغلاملىقىمىز ئارقىلىق تەجىربە قىلىشتىن ساقلىنىشىمىز كىرەك.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号