ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئۈچ ياشلىق ئوغۇل چۈشىدە تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كىتىپ، ئۆيىدىكىلىرى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-01-21 كۆرۈلىشى : قېتىم
   خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ئۈچ ياشلىق ئوغۇل بۇرايىن.ئاندىرۇ چۈشىدە تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كەتكەن بولۇپ، ئۇ ئۇخلاشتىن ئىلگىرى ئانىسىغا تىلفون قىلىپ، "خەيرىلىكەچ، سىزنى سۆيىمەن" دىگەن؛ بىراق ئويلىمىغان يەردىن، بۇ بىر جۈملە سۆز بۇرايىننىڭ بۇ دۇنيادىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر جۈملە سۆزى بولۇپ قالغان. دوختۇرلارنىڭ دىئاگونوز قويىشىچە، كىچىك بۇرايىن بالىلار تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كىتىش ئونۋىرساك كىسەللىكى سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىكەن.
    بۇرايىن ئۆلۈپ كىتىشتىن ئىلگىرى تارقىلىشچان قولاق ئالدى بېزى ياللۇغى بولۇپ قالغان؛ بۇ كىسەلنىڭ بۇرايىننىڭ ئەمدى تۆت ئايلىق بولغان ئۇكىسىغا يۇقۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئانىسى جاسمىن، بۇرايىننى بوۋىسىنىڭ ئۆيىدە بىر ھەپتە تۇرۇپ كىلىشكە ئاپىرىپ قويغان. ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى كەچتە، بۇرايىن ئادەتتىكىگە ئوخشاش، ئانسىغا تېلفون قىلىپ "خەيرىلىكەچ" دەپ خوشلاشقان؛ جاسىمن بولسا، بۇ قېتىملىق خوشلىشىشنىڭ ئانا-بالا ئىككىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى سۆزلىشىشى بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان.
    جاسمىننىڭ ئەسلىشىچە، بۇرايىن ئەينى كۈنى كەچتە ئۇنىڭغا تىلفون قىلغاندىن كىيىن بىرىنچى بولۇپ ئۆزىنىڭ ئازراق بىئارام بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتقان؛ جاسمىن بولسا ئۇ سەل ياخشىلانغاندىن كىيىن، ئۇنى قايتۇرۇپ ئەكىلىۋالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە ئۆز-ئارا خوشلاشقاندىن كىيىن، بۇرايىن ئۇخلاش ئۈچۈن يېتىپ قالغان؛ ئەمما جاسمىننىڭ ئۇنى قايتۇرۇپ ئەكىلىۋىلىشى مەڭگۈ مۇمكىن بولمايدىغان ئىشقا ئايلىنىپ قالغان.
    ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەندە، جاسمىن ئەر-خوتۇن تېخى ئورنىدىن تۇرماستا، بۇرايىننىڭ بوۋىسى كىلىپ ئىشىكنى قېقىپ ئۇلارنى ئويغاتقان ھەمدە يىغلىغىنىچە بۇرايىننىڭ ئالەمدىن ئۆتكەنلىكىنى ئېيتقان؛ بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كىيىن، جاسمىن چىقىرغىنىچە يېقىلىپ چۈشۈپ ھۇشىدىن كەتكەن. بۇرايىننىڭ بوۋىسىنىڭ دىيىشىچە، شۇ كۈنى ئەتىگەن بۇرايىننىڭ مومىسى، بۇرايىننىڭ ئادەتتىكىدەك ئەتىگەنلا ئورنىدىن تۇرۇپ كەتمىگەنلىكىنى بايقاپ، ئۇنىڭ ياتاق ئۆيىگە قاراپ بېقىش ئۈچۈن كەلگەندە، ئۇنىڭ ئاللىقاچان نەپەستىن قالغانلىقىنى بايقىغان؛ ئۇ ۋاقىتتا بوۋاي بىلەن موماي ئىككىسى كۈچىنىڭ يىتىشىچە جىددى قۇتقۇزۇش ئۇسۇلىنى قوللانغان بولىسمۇ، يەنىلا بۇرايىننى قۇتقۇزۇپ قالالمىغان.
    كەينىدىنلا بۇرايىن تىز سۈرئەتتە دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان، بىراق بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ يۈرەك سوقۇشى ئاللىقاچان توختاپ قالغان ئىدى. دوختۇرنىڭ بۇرايىننىڭ ئۆيىدىكىلىرىگە دىيىشىچە، بۇرايىننىڭ بالىلار تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كىتىش ئونۋىرسال كىسەللىكى سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتكەن بولۇشى ئىھتىمالغا ئىنتايىن يېقىن بولۇپ، بۇ خىل كىسەل ئادەتتە تۇيۇقسىز قوزغىلىدىغان ھەمدە ئالدىن پەرەز قىلىشقا بولمايدىغان ئىكەن، سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈشكىمۇ ئامال يوق ئىكەن ھەمدە بەزىبىر ئىنتايىن ساغلام بالىلارمۇ، بۇ كىسەل سەۋەبىدىن تۇيۇقسىزلا ئۆلۈپ كىتىشىمۇ مۇمكىن ئىكەن.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号