ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
مۇھەببەتكە سادىق كىشىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-01-19 كۆرۈلىشى : قېتىم
    مۇھەببەتكە سادىق كىشىلەر ئادەمنىڭ ھىسداشلىقىنى قوزغايدۇ؛ چۈنكى، ئەگەر ئۇلار توغرا بولغان بىر ئادەمگە ئۇچرىمىسا، ئۇنداقتا مۇھەببەت جەريانىدا، ئۇلارنىڭ قەلبى ئازاپ جاراھەتلىرىگە تولۇپ كىتىدۇ.
    ئۇنداقتا، مۇھەببەتكە سادىق كىشىلەرنى قانداق تونۇشقا بولىدۇ؟ تۇرمۇشىمىزدا، مەيلى ئايال ياكى ئەر بولسۇن، مۇھەببەتكە سادىق كىشىلەردە تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلەر بولىدۇ!
سۈكۈت ئىچىدە بەدەل تۆلەيدۇ
    مۇھەببەتكە سادىق كىشىلەرنىڭ كۆرۈنەرلىك ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ بىرى، ئۇلار سۈكۈت ئىچىدە بەدەل تۆلەشنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇنداق كىشىلەر مۇھەببەت جەريانىدىمۇ، قارشى تەرەپ ئۈچۈن سۈكۈت ئىچىدە بەدەل تۆلەيدۇ؛ ئەگەر ئۇلار مۇھەببەتنى ھەم ئۆزىنى چۈشەنمەيدىغان بىرەر ئادەمگە ئۇچراپ قالسا، قارشى تەرەپ بەلكىم ئۇلارنى مىنى ياخشى كۆرمەيدىكەن دەپ خاتا ئويلاپ قېلىشى مۇمكىن. ئەمىلىيەتتە بولسا، ئۇلار ياخشى كۆرمەيدۇ ئەمەس،بەلكى ئىنتايىن بەك ياخشى كۆرىدۇ، ئۇلار پەقەت مۇھەببىتىنى كۆرۈنەرلىك ئىپادىلەپ چىقىشنى بىلمەيدۇ خالاس.
ئۈندىدار باش سۈرىتىنى ئالماشتۇرمايدۇ
    مەيلى ئايال ياكى ئەر بولسۇن، مۇھەببەتكە سادىق كىشىلەر ئۈندىدار باش سۈرىتىنى ئاساسى جەھەتتىن ئالماشتۇرمايدۇ. چۈنكى، بۇنداق كىشىلەر ئىلگىرىنى ئۇنۇتالمايدىغان ھەمدە جاھىل كىلىدىغان بولۇپ، ئۇلار بىر قېتىم بىكىتكەن ئىشنى ئاسانلىقچە قايتا ئۆزگەرتمەيدۇ. شۇڭلاشقا، ئۈندىدار باش سۈرىتىگە ئوخشاش بۇنداق كىچىك ئىشلاردىنمۇ، ئۇلارنىڭ مۇھەببەتكە سادىق ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ مۇھەببەتكە تۇتىدىغان پوزۇتسىيەسىنى كۆرىۋىلىشقا بولىدۇ.
كۆڭلى ئاسان يۇمشاپ قالىدۇ
    مۇھەببەتكە سادىق كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئاجىزلىقى بولسا، دىلى يۇمشاق كىلىشتۇر. ئۇلار دىلى يۇمشاق بولغانلىقتىن، بەك ئىنچىكە ھىسابلىشىپ ئولتۇرماي، ھەمىشە ئەينى ۋاقىتتىكى گۈزەللىكلەرنى ئەڭ كۆرۈنەرلىك ئورۇنغا قويۇپ، ھەرۋاقىت ئۆزىگە مۇھەببەتنى قەدىرلەش ھەققىدە ئەسكەرتىش بىرىپ تۇرىدۇ.
     ھەقىقەتەن شۇنداق، مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن، پەقەت مۇھەببەتكە سادىق كىشىلەردىلا يۇقارقىدەك ئالاھىدىلىكلەر بولىدۇ. ئەگەر سىزنىڭ يېنىڭىزدىكى ئادەممۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مۇھەببەتكە سادىق ئادەم بولسا، ئۇنداقتا ئۇنى چوقۇم قەدىرلەڭ. ئۇنى ياخشى كۆرسىڭىز، چوڭقۇر ياخشى كۆرۈڭ؛ ئەگەر ياخشى كۆرمىسىڭىز، ۋاقتىدا ئۇنىڭدىن يېراقراق بولۇپ، ئۇنىڭ كۆڭلىگە تېخىمۇ كۆپ ئازاپ ئېلىپ كىلىشتىن ساقلىنىڭ!

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号