ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئەرلەر ئاشنا تۇتىۋالسا، ئايالىغا قانداق پوزۇتسىيەدە بولىدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-01-16 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ئەرلەر نىمە ئۈچۈن تالاغا قارايدۇ؟ نىمە ئۈچۈن توي قىلىپ ئۆيگە ئەكىرگەن ئايالى باشتىكىگە ئوخشىمايدىغان بولۇپ قالىدۇ؟ نۇرغۇن ئەرلەر، ئۆزىنىڭ توي تۇرمۇشى ئىچىدە تالاغا قاراش سەۋەبىنى ئايالىغا يۈكلەپ، ئۇلارنى ئۆزگىرىپ قالدى، توي قىلىشتىن ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدىغان بولۇپ قالدى دىيىشىدۇ.
   بۇ گەپلەرنى ئاياللار ئاڭلىسا ئاچچىقى كىلىدۇ، ئەرلەر ئاڭلىسا چوقۇم توغرا ھىس قىلىدۇ. نۇرغۇن ئەرلەر توي تۇرمۇشىدا تەدرىجى ھالدا بەخىت تۇيغۇسى تاپالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئەمما ئۇلار ئاشنىسى تەرەپتىن بۇنداق تۇيغۇغا ئىرىشىپ، بارغانسىرى پېتىپ قالىدۇ. ئەرلەر سىرتتا ئاشنا تۇتىۋالغاندىن كىيىن، ئۆيىدىكى ئايالىغا قارىتا قانداق تۇيغۇدا بولىدۇ؟ تۆۋەندىكىلەرنىڭ ھەقىقى كۆڭۈل سۆزلىرىنى ئاڭلاپ بېقىڭ!
     لىيۇ پېڭ(37ياش): ئايالىمغا نىسبەتەن خاتالىقىمنىڭ ئورنىنى تولدۇراي دەيمەن، ئەمما ئۆيگە قايتقاندىن كىيىن بۇنداق قىلىشنىڭ ھاجىتى يوقتەك ھىس قىلىمەن
    ئايالىم بىلەن توي قىلغىلى 8يىل بولدى؛ ئوتتۇرلۇقتا مۇھەببەت يوق ئەمەس، پەقەت شۇ، تۇرمۇشتىن بارغانسىرى زىرىكىش ھىس قىلىدىغان بولۇپ قالدىم؛ كۈندە دىگۈدەك ئۇن،ياغ،گۈرۈچ دىگەندەك كىچىك ئىشلار، ئازراقمۇ قىزغىنلىق يوق. ھازىرقى ئاشنام ماڭا ئوخشىمايدىغان بىر خىل تۇيغۇنى ھىس قىلدۇردى؛ دەسلىۋىدە ئايالىمغا يۈز كىلەلمەيدىغاندەك ھىس قىلىپ، بىر ئاماللارنى قىلىپ ئۆتكۈزگەن خاتالىقمنىڭ ئورنىنى تولدۇراي دەپ ئويلۇدۇم. ئەمما ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كىيىن، ئايالىمنىڭ يەنە مىنى ئەيىپلەشنى باشلىغانلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇنداق قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق دىگەن نىيەتكە كەلدىم. مەن ئۇنىڭغا سوۋغا قىلىشقا گۈل سېتىۋالسام، ئۇ مىنى قالايمىقان پۇل خەجلىدىڭىز دەيدۇ؛ بالىغا يەيدىغان ئۇششاق يىمەكلىك سېتىۋالسام، ئۇ ئۇششاق يىمەكلىكنىڭ ھەممىسى زىيانلىق دەپ ئاغرىنىدۇ.
    ئوتتۇرلىقىمىزدىكى پىكىرلىشىش بىر چاستوتىدا بولمىغاچقا، مەن ئامال بار ئۇنىڭدىن ئۆزۈمنى قاچۇرىمەن. كىيىنچە ئاشنام بىلەن بولغان مۇناسىۋەت بارغانسىرى ياخشىلىنىپ بارغاچقا، ئۆيگە قايتقۇم كەلمەيدىغان بولۇپ قالدى.
    ۋاڭ ئەپەندىم(31ياش): توي قىلغىلى ئۈچ يىل بولدى، نىمىشقا خوتۇن بىلەن ئاشنا ئوخشىمايدىغاندۇ؟
    مىنىڭ ئايالىمنىڭ بەدەن شەكلى ئىنتايىن ياخشى بولۇپ، كىيىم مودىللىرىدىن قېلىشمايتتى؛ ئەمما ئۇ بالا تۇغقاندىن كىيىن، پۈتۈنلەي رەتسىز بولۇپ، ئازراقمۇ ئاياللىق نازاكىتى قالمىدى، ئۆيگە قايتسام ھەممە يەر بالىنىڭ زاكىسى، قارىسىلا ئادەمىنىڭ بېشى ئاغرىيدۇ. مەن بىر كۈن ئىشلەپ قايتىپ كەلسەم، ئۇ مىنى ئازراقمۇ ئويلاپ قويماي، بىرەر ئىشقا خاپا بولۇپ قالسىلا، مىنى ئەيىپلەپ تەنقىدلەشكە باشلايدۇ، بەزىدە ھەتتا ئاپام بىلەنمۇ جىدەللىشىدۇ. ئەجەپ دەيمەن، ئىلگىرىكى مۈشۈكتەك مۇلايىم كەلگەن ئايال، ھازىر نىمانداق چىشى يولۋاسقا ئايلىنىپ قالدىكىنە؟
    كىيىنچە مىنىڭ ئىچىم پۇشۇپ قالسىمۇ پاراڭلاشقۇدەك ئادەم يوق، بۇنداق ئەھۋالدا بىر خىزمەتدېشىم بىلەن چىقىشپ قالدۇق. ئۇنىڭ ئىلگىرىلا ماڭا ئاز-تولا كۆڭلى بار ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىرمۇ توي قىلمىغان؛ ئۇ ئايالىمغا پەقەت ئوخشىمايدىغان بولۇپ، ئىككىمىزنىڭ نۇرغۇن ئورتاقلىقلىرى، ئېيتىپ تۈگىتىپ بولالمايدىغان گەپلىرىمىز بار ئىدى، شۇڭا بارغانسىرى ئۆيگە قايتقۇم كەلمەيدىغان بولۇپ قالدى؛ چۈنكى ئۆيگە قايتساملا، چوقۇم قولاق ئاغرىش باشلىناتتى. ئوخشاش ئايال كىشى تۇرسا، ئوتتۇرلۇقتىكى پەرق نىمانداق بۇنداق چوڭ بولىدىغاندۇ؟
    ئەمىلىيەتتە، ئايالىڭىزمۇ، ئىلگىرى سىزنىڭ ئەقلىڭىزنى لال قىلغان ئاشىقىڭىز ئىدى، ئەمما ئۇ نىمە ئۈچۈن توي قىلغاندىن كىيىن باشقا بىر خىل ھالەتكە ئۆزگىرىپ قالدى، بۇنى سىز ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟ ئاياللارنىڭ توي قىلغاندىن كىيىن قانداق بولۇپ ئۆزگىرىپ قېلىشىنىڭ ئەرلەر بىلەن بولغان مۇناسۋىتى، ئەمىلىيەتتە خېلىلا چوڭ.
    ئەرلەر ئۆزىنىڭ تالاغا قارىشىنىڭ سەۋەبىنى ئايالىغا يۈكلەپ قويماسلىقى كىرەك؛ ھەر ئىككى تەرەپ ئۆزىدىكى مەسىلىلەرنى ئىزدەپ تېپىشى ۋە كۆپرەك پىكىر ئالماشتۇرۇشى كىرەك؛ بولمىغاندا، ھەرقانداق ئەر-خوتۇنلار مۇناسىۋىتىدە مەسىلە كۆرۈلىدۇ. توي تۇرمۇشىنىڭ بەخىتلىك بولۇش بولماسلىقى، ئۆزىمىزنىڭ پوزۇتسىيىسىگە باغلىق بولۇپ، ئايالىغا ياخشى مۇئامىلە قىلغان ئەركىشى، ئاندىن ئايالىنىڭ ۋە تۇرمۇشنىڭ ياخشى مۇئامىلىسىگە ئىرىشەلەيدۇ.
 

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号