ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئوتتۇرا ياش ئاياللار ئاسان مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈپ قويىدىغان ئەرلەر
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-01-13 كۆرۈلىشى : قېتىم
    ئاياللار ھەربىر ياش مەزگىلىدە زوقلىنىدىغان ئەرلەر ئوخشاش بولمايدىغان بولۇپ، ئاياللار ئوتتۇرا ياش مەزگىلىگە يەتكەن تەقدىردىمۇ، كۆڭلىدە يەنىلا باشقىلارغا دىگىلى بولمايدىغان غەرەزلىرى بار بولىدۇ.
    ئوتتۇرا ياش مەزگىلىدىكى ئاياللار، تۆۋەندىكىدەك ئەرلەر بىلەن ئاسانلا مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈپ قويىدىغان بولۇپ، بۇنداق ئەرلەرگە يولۇققاندا، ئۇلارنىڭ يۈرىكىنى مۈشۈك تاتىلىغاندەك بولۇپ، كۆڭۈل يۈگىنىنى باشقۇرالماي قالىدۇ.
1. قاملاشقان ئەرلەر
    ئاياللار ئەرلەرگە ئۇخشاش ئۇنداق سىرتقى قىياپىتىگە ئالاھىدە ئىتىبار بىرىپ كەتمەيدۇ؛ ئەمما قاملاشقان ياكى گۈزەل چىرايغا كۆپرەك قاراشنى ياقتۇرمايدىغان ئادەمدىن نەچچىسى بار دەيسىز؟ بولۇپمۇ چىرايى قاملاشقان ھەمدە شىرىن-شىكەر گەپلەرنى قىلىشقا ماھىر كەلگەن ئەرلەر، ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللارنىڭ دىققىتىنى ھەممىدىن بەك جەلپ قىلىدۇ.  ئۇلارغا خۇددى ئىللىق بىر قويۇنغا چۆكۈپ كەتكەندەك تۇيغۇ بىرىدۇ ھەمدە ئۇلاردا يىڭىدىن بىر مۇھەببەت ئىرىشكەندەك ھىسيات پەيدا قىلىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋاللاردا، ئۇلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن چاپلىشىپ بولسىمۇ، بۇ ئەرگە ئىرىشىشنى ئويلايدۇ.
2. ياخشى ئۆتىدىغان ھەم كۈيۈمچان كەلگەن ئەر خىزمەتدېشى
    ئاياللار ھەمىشە باشقىلار تەرپىدىن قوغدىلىشنى ھەم باشقىلارنىڭ كۆڭۈل بۆلىشىگە ئىرىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ ئەگەر ئۇلار ئائىلىسىدە بۇ جەھەتتىكى ئىللىقلىقلارغا ئىرىشەلمىسە، ئۇنداقتا ئۇلار نەزىرىنى ئەتراپىدىكى باشقا ئەرلەرگە يۆتكەيدۇ. ئەگەر بۇ ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا دەل مۇشۇنداق خىزمەتتە ھەمىشە ئۇلارغا ياردەم بىرىدىغان، تۇرمۇش جەھەتتە ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغان ئەر كىشىدىن بىرسە بولسا، ئۇلارنىڭ ئاجىز قەلىبلىرى كۆڭۈل بۆلۈشكە ئىرىشىپ، قارشى تەرەپكە نىسبەتەن ئاسانلا كۆڭۈل يۈگۈرتۈپ قويىدۇ ھەمدە تەبىئىلا ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى ئويلاپ قالىدۇ.
3. ئوقۇغۇچىلىق ۋاقتىدىكى تۇنجى مۇھەببىتى
    ئاياللارنىڭ مۇھەببەت جەھەتتىكى ئىتىبار بىلەن قاراش دەرىجىسى، ئەرلەرگە قارىغاندا كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە يۇقىرى بولىدۇ. تۇنجى مۇھەببىتى، ئاياللار ئۇنتۇپ كىتەلمەي ھەمىشە ئەسلەپ قالىدىغان ئەر كىشىدۇر؛ چۈنكى ئادەمنىڭ ھەممىسى گۈزەل خاتىرلەرنى ئەسلەپ تۇرىدىغان كىلىدۇ. بولۇپمۇ ساۋاقداشلار يېغىلىشىدا، ئىككەيلەن قايتا ئۇچراشقاندىن كىيىن، ياش ۋاقىتلىرىدىكى گۈزەل ئەسلىمىلىرى قايتا ئىسىگە كىلىپ قالىدۇ؛ ئەگەر بۇ ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ ئائىلىسىدىن كۆڭلى تازا سۇ ئىچمەيۋاتقان بولۇپ قالسا، ئىكەيلەننىڭ مۇھەببەت ئوتلىرى ناھايىتى ئاسانلا قايتا يېنىپ، قايتىدىن بىرگە بولۇپ قالىدۇ.
4. گەپ سۆزلىرى يۇمۇرلۇق، پىكىرلىشىشكە ماھىر ئەرلەر
    بۇنداق ئەرلەر، ئادەتتە ئاياللار بىلەن پاراڭلاشقان ۋاقىتتا، ھەمىشە ۋاستىلىك ھالدا ئۆزىنىڭ ئويلىرىنى ئىپادىلەپ چىقرىدىغان بولۇپ، ھەمىشە سىناپ باققان ئاساستا، ئاياللارنىڭ يۈزىنى قىزارتىۋىتىدىغان تېمىلارنى سۆزلەيدۇ؛ مەسىلەن، ئۆزىنىڭ قانچىلىك قاۋۇل ھەم قالتىس ئىكەنلىكى، ئۆزىنىڭ قانداق ماھارەتلىرى بارلىقى، ئايالى بىلەن نىمىلەرنى قىلغانلىقى دىگەنلەرگە ئوخشاش پاراڭلارنى سالىدۇ ھەمدە ھەمىشە قارشى تەرەپتىن ئىرى بىلەن بولغان جىنسىي تۇرمۇشىنىڭ بەخىتلىك ياكى ئەمەسلىكىنى سوراپ، بۇ ئارقىلىق، قارشى تەرەپنىڭ ھورمۇنلىرى ۋە قىزىقىشنى قوزغىماقچى بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، ئەسلىدىنلا باشقىچە نىيىتى بار ئاياللار ئۇنىڭ بۇ خىل پاراڭلىرىغا ماسلىشىپ بىرىدۇ دە، ئىككى تەرەپ ناھايىتى تىزلا ئورتاق تۇنۇشقا كىلىپ مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈپ قويىدۇ.
    ئەمىلىيەتتە، ئاياللارنىڭ باشقا ئەرلەرگە قارىتا باشقىچە غەرەزلەردە بولىشى، كۆپىنچە ئۇلارنىڭ ھازىرقى ئائىلىسىدە ئىللىقلىققا ئىرىشەلمەي ياكى تەسەللى تاپالماي، ئۆزىنى بەخىتسىز دەپ ھىس قىلىشىدىن بولۇپ، بۇ سەۋەپلىك ئۇلار توي تۇرمۇشى سىرتىدىن باشقا بىر مۇھەببەت ئىزدىمەكچى بولۇپ قالىدۇ. بىراق، بۇنداق قىلىشنىڭ نەتىجىسى كۆپىنچە بىر ياكى ئىككى ئائىلىنى ۋەيران قىلىش بولىدۇ، بەزىدە ھەتتا ئۆزىنىڭ بالىسغىمۇ زور دەرىجىدە يامان تەسىرلەرنى ئېلىپ كىلىدۇ. شۇڭلاشقا، بۇ يەردە كۆپچىلىككە دىمەكچى بولغىنىم، تويلاشقان جۈپتىگە ئاسىيلىق قىلغاندىن كۆرە، ئەڭ ياخشىسى ھەممىمىز نىيىتىمىزنىڭ دۇرۇسلىقىنى ساقلاپ، ھازىرقى توي تۇرمۇشىمىزدا ساقلانغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تىرىشقىنىمىز ئەۋزەلدۇر.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号