ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئۇخلىغاندا چۈش كۈرۈش كىسەللىكنىڭ بىشارىتى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-01-05 كۆرۈلىشى : قېتىم
    بېيجىڭ چاۋياڭ دوختۇرخانىسى نەپەسلىنىش ۋە ئېغىر كىسەللەر تىبابەت بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى گو شىخۇەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئادەم چۈش كۆرۈۋاتقان ۋاقىتتا، چوڭ مىڭە ئۆزگىچە بىر خىل ئاقسىل ئاجرىتىپ چىقىرىپ، بىز كۈندۈز كۈنلىرى قوبۇل قىلغان ئۇچۇرلارنى بىرىكتۈرۈپ ۋە "پىششىقلاپ ئىشلەپ"، چوڭ مىڭىدىكى ساقلانغان خاتىرىلەرنى مەڭگۈلۈك ئەس خاتىرىگە ئايلاندۇرىدىكەن. بۇندىن باشقا، ئادەمنىڭ جىسمانىيىتىدىكى بەزىبىر كىسەللىكلەر، ئۇخلىغاندا كۆرگەن چۈشلىرىدە ئەكىس ئىتىپ چىقىدىكەن.
1. ھەمىشە باشقىلار تەرپىدىن بېشىغا ئۇرۇلۇپ چۈش كۆرۈش—مىڭە ئۆسمىسى
    ئادەم ئەگەر مىڭە ئۆسمىسى ياكى نىرۋا سېستىمىسى كىسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇپ قالسا، ھەمىشە باشقىلار تەرپىدىن بېشىغا ئۇرۇلۇپ ياكى غەلىتە مەخلۇق بەش ئازاسىغا سۇ قۇيۇپ چۈش كۆرىدۇ.
2. ھەمىشە چۈشىدە غەلىتە ئاۋاز ئاڭلىنىش—ئاڭلاش سىزىمى مەركىزى نىرىپىدا كىسەللىك ئۆزگىرىشى كۆرۈلۈش
    ئەگەر ئادەمنىڭ ئاڭلاش سىزىمى مەركىزى نىرىپلىرىدا كىسەللىك ئۆزگىرىشى ياكى ئەتراپتىكى قان تۇمۇرلاردا قېتىشىش كۆرۈلسە، ھەمىشە چۈشىدە غەلىتە شاۋقۇن-سۈرەن ۋە غەلىتە ئاۋازلار ئاڭلىنىدۇ.
3. ھەمىشە نەپەس ئالالماي چۈش كۆرۈش—نەپەسلىنىش سېستىمىسىدا كىسەللىك ئۆزگىرىشى كۆرۈلۈش
    ئەگەر نەپەسلىنىش سېستىمىسدا كىسەللىك ئۆزگىرىشلىرى كۆرۈلسە، ئادەم ھەمىشە كانىيى توسۇلۇپ قېلىپ، راۋان نەپەس ئالالماي قالغان ئەھۋاللارنى چۈشەيدۇ.
4. ھەمىشە يىرتقۇچ ھايۋانلار قوغلاپ چۈش كۆرۈش—تاجىسىمان ئارتىرىيە قان تۇمۇرلىرىغا قان يىتىشمەسلىك
   ئەگەر تاجىسىمان ئارتىرىيە قان تومۇرلىرىغا قان يىتىشمىسە، ئادەمدە ئەسكى ئادەملەر ياكى ھايۋانلارنىڭ قوغلىشىغا ئۇچراپ، يۈگرەي دىسىمۇ يۈگرىيەلمەي چۈش كۆرۈش ۋە ئويغانغاندىن كىيىن يۈرىكى ئېغىپ، يۈرەك سېلىشى تىزىلىشىپ كىتىدىغان ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈشى مۇمكىن.
5. ئىگىز يەردىن چۈشۈپ كىتىپ چۈش كۆرۈش—يۇشۇرۇن خارەكتىرلىك يۈرەك كىسەللىكى
    ئەگەر يۇشۇرۇن خارەكتىرلىك يۈرەك كىسەللىكى بار بولسا، ئادەم ھەمىشە ئېگىز جايدىن چۈشۈپ كىتىپ چۈش كۆرىدۇ ھەمدە چۈشۈپ كىتىش جەريانىدا چۆچۈپ ئويغىنىپ كىتىدۇ.
6. ھەمىشە كەلكۈن بېسىۋىلىپ چۈش كۆرۈش—جىگەر ۋە بۆرەك سېستىمىلىرىدا ئۆزگىرىش كۆرۈلۈش
    ئەگەر جىگەر ۋە بۆرەك سېستىمىسىدا كىسەللىك كۆرۈلسە، ئادەم ھەمىشە كەلكۈن بېسىۋىلىپ ھەمدە سۇ ئىچىدە جان تالىشىپ چۈش كۆرىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号