ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئىرىڭىزنى قاچۇرۋەتمەي دىسىڭىز، ئۇلارنى بۇنداق چاقىرماڭ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-01-05 كۆرۈلىشى : قېتىم
   نام-ئىسىم بىر ئادەمگە نسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم؛ بەزى چولپانلارمۇ ئادەتتە ئەمدى نامى چىقىشقا باشلىغان ۋاقىتتا، ئۆزىگە ماس كىلىدىغان نام-ئىسىملارنى ئالماشتۇرۇپ قويىۋالىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار ياخشى ئاڭلىنىدىغان بىر نام ياكى ئىسىم ماڭا تەلەي ھەم تەرەققىيات ئېلىپ كىلىدۇ دەپ قارايدۇ.
   ئەر-ئاياللار مۇناسىۋىتى جەريانىدىمۇ ئادەتتە قارشى تەرەپنىڭ ئىسىم-فامىلىسىنى بىۋاستە چاقىرمايدۇ، بۇنداق ۋاقىتتا قارشى تەرەپنى چاقىرىشتا قوللىنىدىغان نام مەسىلىسى پەيدا بولىدۇ؛ بولۇپمۇ ئەرلەر بۇنداق نام-ئىسىملارغا ئالاھىدە ئىتىبار بىرىدۇ.
1. ئىنىم
    بۇنداق نام –ئىسىم بىلەن چاقىرىش، ئۇنىڭغا سىز ئۇنى تازا ھۆرمەتلەپ كەتمەيدىغاندەك تۇيغۇ بىرىپ قويىدۇ، ئۇ ھەتتا سىزنى مىنى كۆزىگە ئىلمايدىكەن دەپ ئويلاپ قېلىشى مۇمكىن. ئەگەر سىز ئۇنى " ئىنىم" دەپ چاقىرسىڭىز، قارشى تەرەپنىڭ بۇنى قوبۇل قىلالىشى ناتايىن، ھەتتا ئۇنىڭ غۇررىغا تىگىپ قويىشىڭىز مۇمكىن. شۇڭا سىز ئۇنى ھەرقانچە ياخشى كۆرسىڭىزمۇ، مۇناسىۋىتىڭلار ھەرقانچە ياخشى بولسىمۇ، بۇنداق ئاتالغۇدا چاقىرماسلىقىڭىز كىرەك.
2. بولۇمسىز
    ھەرقانداق بىر ئەر كىشى بۇ ئاتالغۇنى ياقتۇرمايدۇ. گەرچە ئۇ ئەرنىڭ تۈزۈك بىر قابىلىيىتى بولمىسىمۇ، ئەگەر سىز ئۇنى بولۇمسىز دەپ ئاتىسىڭىز، بۇ، سىزنىڭ ئۇنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىۋەتكىنىڭىز بولۇپ ھىسابلىنىپ قالىدۇ؛ نۇرغۇن ۋاقىتلاردىمۇ، بۇ ئاتالغۇ سەۋەپلىك، ئەر-خوتۇنلار ئارىسىدىكى زىددىيەت بارغانسىرى كۆپىيىپ، ئاخىرى يېغىشتۇرۋالغىلى بولمايدىغان دەرىجىگە بېرىپ قالىدۇ. ئەگەر سىز ئۇنى ياخشى كۆرسىڭىز، بۇنداق سۆز-ئىبارىلەر بىلەن ئۇنى غىدىقلىماي، بەلكى ئۇنى رىغبەتلەندۈرۈپ، ئۇنىڭغا ئىشەنچ بىرىشىڭىز ۋە قوللىشىڭىز لازىم.
3. بودەك
   بەزى ئەرلەر بەلكىم بىر قەدەر سېمىزرەك بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا مەيلى مەكتەپتە بولسۇن ياكى خىزمەت ئورنىدا بولسۇن، ئەتراپىدىكىلەر ئۇنى بىر ئېغىز "بودەك" چاقىرىشقا ئادەتلىنىپ قالغان بولسا، بۇ ئۇنىڭغا دوستلار ئارىسىدىكى بىر خىل ئاتالغۇدەك بىلىنىپ، تەدرىجى قوبۇل قىلىپ كىتەلەيدۇ. بىراق سىز ئۇنىڭ سۆيگىنى تۇرۇپ، سىزمۇ ئۇنى بۇنداق ئاتىسىڭىز، ئۇنداقتا بۇ ئۇنىڭ غۇرورىغا تىگىشى مۇمكىن. ئۇ گەرچە ئېغىزىدا ھېچنىمە دىمىسىمۇ، كۆڭلىدە چوقۇم بىئارام بولىدۇ. شۇڭا مۇھەببىتىڭلار ھەرقانچە چوڭقۇر بولغان تەقدىردىمۇ، بۇنداق خالىغانچە نام ئاتالغۇلىرى بىلەن چاقىرسىڭىز بولمايدۇ؛ بولمىغاندا، ياخشى كۆرىدىغان ئادىمىڭىزنى قولدىن چىقىرىپ قويىدىغان ئەھۋاللار بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号