ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
چىرايلىق چىرايلىق ئەمەس، كۆيگەن چىرايلىق
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-01-02 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ھازىر نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە، مۇھەببەت بىلەن چىراي ۋە بەدەن شەكلى دىگەنلەر باغلىنىشلىق كىلىدۇ؛ ئەمما ئاز بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە، مۇھەببەتنىڭ ماددى شارائىت ياكى سىرتقى شارائىتى بىلەن قىلچىلىك ئالاقىسى يوق بولۇپ، قەلبلەر ئوتتۇرسىدىكى پىكىر ئالماشتۇرۇش ئاندىن ھەقىقى مۇھەببەت ھىسابلىنىدۇ. تايلاندلىق ئەر كاما بىلەن روسىيىلىك گۈزەل بولى، دەل مۇشۇنداق ئاشىق-مەشۇقلاردىن.
    بولى روسىيەدە تۇغۇلغان بولۇپ، روسىيە گۈزەل نازىنىنلار كۆپ چىقىدىغان دۆلەت؛ شۇڭا بولىمۇ ئەلۋەتتە تىرىلىرى ئاپئاق، پۇتلىرى ئۇزۇن كەلگەن بىر گۈزەل قىزچاق. بولى كاما بىلەن تايلاندىنىڭ پۇجى ئارىلىدا تۇنۇشقان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتىكى بولى تايلاندانىڭ مەدىنىيىتىگە قىزىققانلىق سەۋەبىدىن، مەخسۇس تايلاندقا ساياھەتكە بارغان ھەمدە پۇجى ئارىلىدا سۇ ئاستىدا سۇ ئۈزۈشنى ئۆگەنمەكچى بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا سۇ ئاستىدا سۇ ئۈزۈش تىرىنىرى خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ماكا بىلەن تۇنۇشۇپ قالغان.
    بولىنى بىرىنچى قېتىم كۆرگەندىلا، كاما ئۇنىڭغا مەپتۇن بولۇپ قالغان بولۇپ، ئۇزۇن مەزگىللىك ئالاقە قىلىش جەريانىدا، بولىنىڭ كۆڭلىدىمۇ كاماغا نىسبەتەن ئوخشىمايدىغان بىر خىل تۇيغۇ شەكىللىنىشكە باشلىغان. كاما بولىنى مەشىقلەندۈرۈش جەريانىدا، "يېراقتىن كەلگەن" بۇ مىھمانغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن؛ ئەلۋەتتە، ئۇ ۋاقىتتىكى كامامۇ ئۆزىدەك چىرايى نىسبەتەن كۈرۈمسىز كەلگەن ئەرنىڭ، ئاققۇدەك ئىسىلزادە كەلگەن بولىغا ماس كەلمەيدىغان ھىس قىلاتتى.
    ئەمما سىزنىڭ ئەقلىڭىز يەتمەيدىغىنى، نەتىجىدە بولى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماكانى قوغلاشقان؛ ئۇنىڭ ھىس قىلىشىچە، ئۇنىڭ كاماغا بولغان ھىس-تۇيغۇسى، دوستلار ئارىسىدىكى ياقتۇرۇشتەك ئۇنداق ئاددى ئەمەس، بەلكى ئەر-ئاياللىق مۇھەببەت ئىدى. بولى كاماغا ئۆز كۆڭلىنى ئىپادىلىگەن ۋاقىتتا، كاما ھاياجانلانغانلىقىدىن بولىنى چىڭ قۇچاقلاپ كەتكەن ھەمدە ئۆزىنىڭ بىر كۈنلەردە بۇنداق گۈزەل قىز بىلەن مۇھەببەتلىشىدىغانلىقىنى چۈشىدىمۇ ئويلاپ باقمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. كاما بىلەن بولىنىڭ مۇھەببەتلىشىشى، تەبىئىلا نۇرغۇن ئەرلەرنىڭ ھەسەت ئوتلىرىنى قوزغىغان.
    كاما بىلەن بولى ھازىر ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ، تايلاندا بىر رىستۇران ئاچتى؛ بولى ھازىر ئايال خوجايىن بولۇپ، ئۇنىڭ ھەركۈنى قىلىدىغان ئىشى، ئۆزىنى چىرايلىق ياساپ يۈرۈش ئىدى. كاماغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا بولسا، ئۇنىڭ بۇنداق گۈزەل قىز بىلەن توي قىلالىشى، ئۇنىڭ ھاياتلىقىدىكى ئەڭ چوڭ بەختى ۋە تەلىيى ھىسابلىناتتى. كاما بىلەن بولىنىڭ توي مۇراسىمى، شۇ يەردە كىچىك بولمىغان داغدۇغا قوزغاپ، جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. سىزنىڭچە، ئۇ ئىككىسى بىر-بىرىگە ماس كەلگۈدەكمۇ؟ سۆز قالدۇرۇش رايونىدا ئۆز قاراشلىرىڭىزنى بايان قىلىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号