ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
بىر ئەر كىشى سىزنى سۆيىمەن دىسە، ئەمما سىز بىلەن ئالاقىلاشمىسا
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-01-02 كۆرۈلىشى : قېتىم
    مۇھەببەت جەريانىدا، بىر ئادەمنى ھەقىقى ياخشى كۆرۈپ قالغاندا، ئۆزىمىزنىڭ قەلبىدىكى كەيپىياتلىرىنى كونتىرول قىلالماي، تەشەببۇسكارلىق بىلەن قارشى تەرەپ بىلەن ئىزچىل تۈردە ئالاقىلىشىشنى ئويلايمىز. ئەمما ئەگەر، بىر ئەر كىشى ئېغىزىدىدا سىزنى سۆيىمەن، ياخشى كۆرىمەن دەپ، ئەمىلىيەتتە بولسا ھېچقانداق ئەمەلى ھەرىكەت قوللانماي، تەشەببۇسكار ھالدا سىز بىلەن ئالاقىلىشىشنى ئويلىمىسا، ئۇلار زادى نىمە ئۈچۈن شۇنداق قىلىدۇ؟ بۇنداق تەشەببۇسكار ھالدا سىزگە يېقىنلىشىپ سىزبىلەن ئالاقىلىشىشنى ئويلىمىغان ئادەمنىڭ پىسخىكىسى كۆپىنچە تۆۋەندىكى ئۈچ خىل  بولىدۇ.
1. سىزنىڭ ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتىڭىزنى جەزىملەشتۈرەلمىگەنلىكتىن، كۆڭلى ئازار يەپ قېلىشتىن قورقىدۇ.
    بەزى  ئەرلەرنىڭ ئىچكى دۇنياسى ئىنتايىن ئاجىز كىلىدىغان بولۇپ، ئۇلار ھېچقانداق بىرەر مۇھەببەت كەچمىشلىرىنى باشتىن ئۆتكۈزۈپ باقمىغان، ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئادەمنىڭ ئالدىدا ئاسانلىقچە كۆڭۈل سۆزلىرىنى ئىپادىلىيەلمەيدۇ. گەرچە ئۇنىڭدا سىزگە قارىتا ئازدۇر-كۆپتۇر ھىسيات پەيدا بولغان ۋە سىز بىلەن بىرگە تۇرۇشنى بىرقەدەر ياخشى كۆرىدىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى يىتەرلىك بولمىغاچقا، سىزنىڭ ئۇنىڭغا قانداق قارايدىغانلىقىڭىزنى ئىنىق جەزىملەشتۈرەلمەيدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، ئۇ كۆڭلىدىكىنى سىزگە ئۇچۇق ئىپادىلەشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ ھەمدە ئەمەلى ھەرىكەتمۇ قوللانمايدۇ، چۈنكى ئۇ كۆڭۈل ئازارى يەپ قېلىشتىن قورقىدۇ. ئۇ سىزنىڭ ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتىڭىزنى ھەقىقى تۈردە ھىس قىلىپ يىتەلىگەن ۋاقتىدا، ئاندىن سىزگە مۇھەببەت ئىزھار قىلىشقا جۈرئەت قىلىدۇ.
2. سىزنىڭ كۆڭلىڭىزدە باشقا بىرسىنىڭ بارلىقىنى بىلىپ، ئاسانلىقچە سىزنىڭ بەختىڭىزگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇنمايدۇ.
    تۇرمۇشتا، ھەقىقى تۈردە چىن مۇھەببەتنى ھەممىدىن يۇقىرى كۆرىدىغان ئادەملەر بار؛ ئۇلار سىزنىڭ بەخىتلىك ئۆتۈۋاتقىنىڭىزنى كۆرسەملا يىتەرلىك دەپ قارايدۇ ھەمدە سىز بىلەن بىرگە بولۇشتىن ئارتۇق ئۈمىد كۈتمەيدۇ. ئۇنداق ئەرلەر ئەگەر سىزنىڭ كۆڭلىڭىزدە باشقا بىرسىنىڭ بارلىقىنى بىلسە، سىزنى ھەرقانچە ياخشى كۆرسىمۇ، ئاسانلقچە سىزنىڭ بەختىڭىزگە بۇزغۇنچىلىق قىلمايدۇ؛ ئۇلار پەقەت سىزنىڭ يېنىڭىزدا سۈكۈت ئىچىدە تۇرۇپ، سىزنى قوغدايدۇ ھەمدە سىز ئىھتىياجلىق بولغان ۋاقىتتا ئاندىن سىزنىڭ كۆزىڭىزگە كۆرۈنىدۇ. مۇھەببەت، بەزىدە شەخسىيەتچى دىسەك شەخسىيەتچى، ئۇلۇغ دىسەك ئۇلۇغ كىلىدۇ، ھەر بىر ئادەمنىڭ مۇھەببەتكە بەرگەن ئىنىقلىمىسى ئوخشاش بولمايدۇ. شۇڭا بىر ئەركىشى ئېغىزىدا سىزنى ياخشى كۆرىمەن دەپ، ئەمىلىيەتتە ھېچقانداق ئەمەلى ھەرىكەت قوللانمىسا، ئۇ بەلكىم بۇخىل پىسخىكىنىڭ سەۋەبىدىن بۇلۇشى مۇمكىن.
3. سىزگە بولغان مۇھەببىتى يىتەرلىك دەرىجىدە چوڭقۇر ئەمەس، ئۇنىڭ زىھنىنى سەرپ قىلىشقا ئەرزىمەيدۇ.
    بەزى ئەرلەر، مۇھەببەت جەريانىدا ئازراق زىيان تارتىپ قېلىشنىمۇ خالىمايدۇ؛ ئۇلار ھەر قېتىملىق بەدەل تۆلىشى ۋە ئەجىر سىڭدۈرۈشىنى، بەلگىلىك ئەھمىيىتى بار ياكى شۇنداق قىلىشقا ئەرزىيدۇ دەپ قارىغان ۋاقتىدا، ئاندىن بۇ ئىشنى قىلىشقا ھەرىكەت قوللىنىدۇ. ئەگەر بىر ئەر كىشى سىزنى ئېغىزىدا ياخشى كۆرىمەن دەپ، ئەمىلىيەتتە ھېچقانداق ھەرىكەت قوللانمىسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ سىزنى ياخشى كۆرۈشى پەقەت سىرتقى كۆرنۈشتىكى ئىپادىسى بولۇپ، ئۇ پەقەت سىزگە قاراپ بېقىشنى ئويلاشقان، ئەمما سىز ئۈچۈن ئۆز زىھنىنى سەرپ قىلىشنى ئويلىشىپ باقمىغان بولىدۇ؛ پەقەت سىزنىڭ ئۈستىڭىزدە بىرەر پايدا-مەنپەئەتكە ئىرىشىشكە كۆزى يەتكەن ئەھۋال ئاستىدا، بۇنداق ئەرلەر ئاندىن سىز ئۈچۈن ئۆز زىھنىنى سەرپ قىلىپ، تەشەببۇسكار ھالدا سىز بىلەن ئالاقىلىشىشنى ئويلىشىدۇ. شۇڭا بۇنداق ئەرلەرنىڭ سۆيىدىغىنى، مەڭگۈ بىر ئۆزىلا، ھەرگىز سىز ئەمەس.
ئاخىرقى سۆز
    ئىككەيلەن بىرگە بولغاندا، بىر ئادەمنىڭ سىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرىدىغان كۆرمەيدىغانلىقىنى، سىزگە بولغان مۇھەببىتىنىڭ چىن يۈرەكتىن ئىكەنلىكى ياكى ئەمەسلىكىنى، بەزىبىر ئىنچىكە نوقتىلاردىن ھىس قىلىپ يىتىشكە بولىدۇ. بىراق ھەر بىر ئادەمنىڭ مۇھەببەتكە تۇتقان قارىشى ئوخشاش بولمىغاچقا، ھەقىقى ئەھۋالنى ھەر بىر ئادەم ئۆزىگە تايىنىپ ھۆكۈم قىلىشقا توغرا كىلىدۇ؛ ئەگەر بىر-بىرىنىڭ كۆڭلىدە بار بولسا، ئۇنداقتا ئۆز-ئارا كۆڭلىنى ئۇچۇق بىلدۈرۈپ، سەمىمىلىك بىلەن مۇئامىلە قىلسا بولىدۇ. ئەگەر قارشى تەرەپنىڭ ئۇسۇلىنى قوبۇل قىلالمىسا، ئۇنداقتا ئەڭ ياخشىسى ۋاقتىدا ئايرىلىپ كەتكەن ياخشى.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号