ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
دۇنيادىكى ئەڭ مۇۋەپپىقىيەت قازانغان جىنىس ئۆزگەرتكۈچى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-12-31 كۆرۈلىشى : قېتىم

    جىن شىڭ تىلغا ئېلىنسا، ئىككى تۈرلۈك پاراڭ تېمىسى ئۇنىڭ بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ؛ بىرسى ئۇنىڭ "زەھەرخەندىلىك" بىلەن نامى چىققان تىلى، يەنە بىرسى بولسا جىنىس ئۆزگەرتىشتۇر. جىن شىڭ بولسا، ئەرلەر دەرياسىدىن كىچىپ باققان بىر ئايال كىشى؛ ئۇنىڭ ھاياتى ئىنتايىن بەك ھەيران قالارلىق بولۇپ، ئۇ خوتۇن ئېلىپ باققان، ئەرگە تىگىپ باققان؛ بۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، ئۇنىڭ ئوغۇل، ئەر، خوتۇن، ئانا قاتارلىق كۆپ خىل سالاھىيىتى بولۇپ باققان. ھازىر ئۇ ئىرى خەنس بىلەن ناھايىتى ئىجىل ئىناق ئۆتۈۋاتقان بولۇپ، ئۇلار بالىدىن ئۈچنى بېقىۋالغان.
    ئەمىلىيەتتە، جىن شىڭنىڭ جىنىس ئۆزگەرتىشىنى ئەڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك بولغان دەپ كەتكىلى بولمايدۇ؛ چۈنكى ئەينى ۋاقىتتا، جىنىس ئۆزگەرتىش ئوپراتسىيىسى تېخى ھازىرقىدەك تەرەققى قىلمىغان، شۇڭا جىن شىڭنى كۆپ بولسا "يېرىم پۈتكەن مەھسۇلات" دىيىشكىلا بولىدۇ. ھازىر جىن شىڭنىڭ جىنىس ئۆزگەرتىش ئەگەشمە ئاسارەتلىرى بارغانسىرى گەۋدىلىنىشكە باشلىغان بولۇپ، ھازىر ئۇنىڭ بوغدىيىكى قايتا چىقىشقا باشلىغان، گەرچە ئايالچە كىيىنسىمۇ، بىراق جىسمىدىن ئەرلىك پۇراق چىقىپ تۇرىدىغان بولۇپ قالغان.
    ئەگەر جىن شىڭنىڭ جىنىس ئۆزگەرتىش ئوپراتىسىيىسىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك بولمىغان "يېرىم پۈتكەن مەھسۇلات" دىسەك، ئۇنداقتا تايلاندلىق جىنىس ئۆزگەرتكەن ئايال چولپان پوينى، پۈتۈنلەي مۇۋەپپىقىيەتلىك بولغان "نەپىس ئىشلەنگەن مەھسۇلات" دىيىشكە بولىدۇ. پوي 17 ياشقا كىرىشتىن ئىلگىرى ئوغۇل بالا بولۇپ، 17 ياشقا كىرگەن يىلى ئۇ جىنىس ئۆزگەرتىش ئۇپراتسىيىسى قىلدۇرۇپ، گۈزەل بىر نازىنىنغا ئايلانغان. كۆپچىلىككە مەلۇم، تايلاندتا قوش جىنىسلىقلار بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، جىنىس ئۆزگەرتىش ئوپراتسىيىسى قىلدۇرۇش، تايلاند جەمئىيىتىدە ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس. پويمۇ ئۆزىنىڭ جىنىس ئۆزگەرتىش ئوپراتسىيىسى قىلدۇرغانلىقىنى قىلچىلىك يۇشۇرۇپ كەتمەيدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ دىيىشىچە، ئۇ كىچىكىدىنلا ئۆزىنىڭ جىنسىي ئايرىمىسىدىن بىزارلىق ھىس قىلىپ، ھەمىشە ئۆزىنى قىز بالىدەك ھىس قىلىدىكەن.

    پوي گەرچە تايلاندلىق سەنئەتكار بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ دۆلىتىمىزدىكى تەرەققىياتىمۇ يامان ئەمەس بولۇپ، جوۋ رۈنفا، جاڭ جياخۇي، گۇ تىيەنلې قاتارلىق داڭلىق چولپانلار بىلەن ھەمكارلىشىپ كىنو-فىلىملارغا رولغا چىققان. بۇندىن باشقا، پوي ئۆزىنىڭ نەپىس ھەم گۈزەل چىرايى ۋە مۇكەممەل كەلگەن بەدەن شەكلىگە تايىنىپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ گۈزەل جىنىس ئۆزگەرتكۈچى دەپ نام ئالغان!

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号