ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
نىمىشقا ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللاردىمۇ تالاغا قاراش كۆرۈلۈپ قالىدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-12-31 كۆرۈلىشى : قېتىم

    نىكاھقا ئاسىيلىق قىلىپ تالاغا قاراش، يېقىنقى يىللاردىن بويان جەمئىيەت ۋە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئەڭ تارتىدىغان تېما بولۇپ قالدى؛ مەيلى ئەر كىشى تالاغا قارىسۇن ياكى ئايال كىشى تالاغا قارىسۇن ، بۇ ئىنتايىن بىر ئەخلاقسىز قىلمىش بولۇپ، نىكاھنىڭ مۇقەددەسلىكىنى دەپسەندە قىلغانلىقتۇر.
    جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللار ئارىسىدا تالاغا قارايدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس بولۇپ، بۇ ئەھۋال تىلغا ئېلىنغاندا نۇرغۇن كىشىلەر بۇنىڭغا قارىتا ھېچ چۈشىنەلمىگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ: ئىرى ھەم بالىسى بىلەن يېرىم ئۆمرىنى ئۆتكۈزۈپ بولغان تۇرۇپ، نىمىشقا يەنە نىكاھقا ئاسىيلىق قىلىش يولىغا ماڭىدۇ؟
     تۆۋەندە بىز بىرلىكتە ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللارنىڭ تالاغا قارىشىدىكى بىر نەچچە خىل سەۋەپلەرنى كۆرۈپ ئۆتەيلى!
1. ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللارنىڭ روھى جەھەتتىكى چۈشكۈنلىشىش ۋە ئىچكى دۇنياسى بوش ھىس قىلىدىغان تۇيغۇسى، ئۇلارنىڭ نىكاھقا ئاسيىلىق قىلىشنى تاللىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
     نىكاھلىق ئاياللار ئادەتتە ئۆزىنىڭ زىھنى ۋە ۋاقتىنى ئائىلىسى ئۈچۈن سەرپ قىلىدۇ، بولۇپمۇ پەرزەنتلىك بولغاندىن كىيىن، كۆپ قىسىم ئاياللار پۈتۈن كۈچى بىلەن بالا ۋە ئائىلىگە قارايدۇ. بىراق بالىسى بەلگىلىك دەرىجىدە چوڭ بولۇپ بولغاندىن كىيىن، ئايال كىشى ئاللىقاچان ئوتتۇرا ياشقا يىتىپ قالىدىغان بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ بارلىق زىھنى ۋە ۋاقتىنى ئىرى بىلەن بالىسىغا سەرپ قىلىش ھاجەتسىز بولىدۇ ھەمدە ئۆزى نىسبەتەن ئەركىن تۇرمۇشقا ئىرىشىدۇ. ئەمما بۇندىن ئىلگىرى ئائىلە ئۈچۈن كۈن بويى ئالدىراش ئۆتۈپ كۆنۈپ قالغان ئاياللار، بۇ ئەھۋالدا تۇيۇقسىزلا بىكار قالسا، ئىچكى دۇنياسى قۇرۇقدىلىپ قالغاندەك ھىس قىلىپ روھى چۈشكۈنلىشىدۇ. شۇڭلاشقا بۇنداق ۋاقىتتا تالاغا قاراشنى تاللاش، بەلكىم ئۇلارنىڭ قايتىدىن ھىسيات جەھەتتىكى تايانچ ئىزدەپ، ئۆزىنىڭ مەۋجۇت بولۇش قىممىتىنى ئىپادىلەشنى ئويلىغانلىقىدىن بولۇشى مۇمكىن.
2. ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللار كىلىماكتىرىيە دەۋرىگە قەدەم قويغاندىن كىيىن، كەيپىياتى سەزگۈر ھەم تۆۋەن بولۇپ قېلىپ، بۇ ئۇلارنىڭ تالاغا قاراشنى تاللىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
    ئاز بولمىغان ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللار بۇ مەزگىلدە ئاسانلا كىلىماكتىرىيە دەۋرىگە قەدەم قويىدىغان بولۇپ، بۇ مەزگىلدە ئۇلارنىڭ كەيپىياتى تېخىمۇ سەزگۈر ھەم تۆۋەن، تىرىككەك بولۇپ قالىدۇ؛ ئەگەر بۇ ۋاقىتتا ئائىلىسى، ئىرى ۋە بالىسى ئۇلارغا ۋاقتىدا يىتەرلىك كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ئاسراش بىرەلمىسە، ئۇلار ئاسانلا سىرتتىكى ئەرلەرنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە مۇلايىملىقىدىن تەسىرلىنىپ باشقا ئەرلەردىن كۆيۈنۈش تۇيغۇسىغا ئىرىشىشنى تاللايدۇ.
3. ئوتتۇر ياشلىق ئاياللارنىڭ چىرايى ۋە بەدەن شەكلى ئۇلارنىڭ ئۆزىنى كەمسىتىش پىسخىكىسىنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن؛بۇنداق ئەھۋالدا ئەگەر بىرەر ئەر كىشى ئۇلاردىن زوقلىنىش ھىس قىلسا، بۇ ئۇلارنىڭ نىكاھقا ئاسىيلىق قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
     ئادەم ئوتتۇرا ياشقا بارغاندا، ھاياتلىقنىڭ يېرىمى ئۆتۈپ كەتكەن بولۇپ، نۇرغۇن ئاياللار ئۆزىنىڭ قېرىشقا باشلىغان چىرايى ۋە ئۆزگىرىپ كىتىشكە باشلىغان بەدەن شەكلى سەۋەبلىك ئۆزىنى كەمسىتىدۇ ھەمدە ئەر كىشىنىڭ جەزىملەشتۈرۈشى ۋە ماختىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئەگەر بۇنداق ۋاقىتتا بىرەر ئەركىشى ئۇلاردىن زوقلىنىشنى ۋە ئۇلارنى ماختاشنى خالىسا، ئىشىنىمەنكى بۇ مەزگىلدىكى ئاياللار تىزلا خاتا يولغا كىرىپ قالىدۇ؛ چۈنكى قەدىمدىن تارتىپ ئاياللارنىڭ ئەڭ ئىتىبار بىرىدىغىنى ئۆزىنىڭ چىرايى ۋە بەدەن شەكلى ھەمدە ئۆزىدىن زوقلىنىش ھىس قىلىدىغان ئادەمنىڭ بار يوقلىقىدۇر.
4. ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللارنىڭ تۇرمۇشتىن ئاساسەن غېمى بولمايدۇ، بۇسەۋەپلىك ئۇلار سىرتلاردىن يىڭىلىق ۋە ھاياجانلىق تۇيغۇسى ئىزدەش ئۈچۈن تالاغا قاراشنى تاللايدۇ.
     ھازىرقى دەۋردە، ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللار بالىسىنى بېقىپ چوڭ قىلىپ بولغاندىن كىيىن، نىسبەتەن ئازادىلىككە چىقىپ قالىدۇ؛ بۇ مەزگىلدە ئائىلە ئىقتىسادى جەھەتتىن تۇراقلىق بولۇپ، تۇرمۇشتىمۇ ئارتۇق غېمى بولمايدۇ، شۇڭلاشقا ئۇلار سىرتلاردىن يىڭىلىق تۇيغۇسى ۋە ھاياجانلىق تۇيغۇسى ئىزدەشنى ئويلايدۇ؛ بىكار ۋاقىتلىرىدا باشقىلار بىلەن پاراڭلىشىپ، ھىسيات ئالماشتۇرىدۇ، قارشى تەرەپنى ئۆزىگە يىڭىلىق ۋە ھاياجانلىق تۇيغۇسى ئېلىپ كىلەلەيدىغان ئوبىكىت بىلىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ مەزگىلدىكى ئاياللارنىڭ تالاغا قاراش ئوبىكتى، كۆپىنچە ئۆزىدىن كىچىك كىلىدۇ.
     يۇقارقىلار ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللارنىڭ تالاغا قارىشىدىكى سەۋەپلەردۇر؛ بۇنىڭغا قارىتا ئەرلەر كۆپرەك دىققەت قىلىپ، ئادەتتە ئايالىغا كۆپرەك كۆڭۈل بۆلىشى لازىم؛ بۇنىڭدا ئۇلارنىڭ خۇشال-خۇرام تۇرمۇش كەچۈرۈشى ۋە ئۆزىگە سادىق بولۇشىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号