ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئانىسىنى قۇتقۇزۇش كىرەكمۇ ياكى ئايالىنىمۇ؟ رىئاللىقتىكى سىناق
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-12-30 كۆرۈلىشى : قېتىم

   چەتئەل تورى خەۋەرلىرى 26-دىكابىر تىلگىراممىسىغا ئاساسلانغاندا، "ئانىڭىز بىلەن ئايالىڭىز تەڭ سۇغا چۈشۈپ كەتسە، سىز ئاۋال قايسسىنى قۇتقۇزىسىز؟" دىگەن بۇ سۇئال، ھىندىنوزىيەدىكى دېڭىز تاشقىنى ئاپىتى جەريانىدا، رىئال تۇرمۇشتا ھەقىقى كۆرۈلگەن. 46ياشلىق ئاخوك ئىسىملىك بىر ئەر، دېڭىز تاشقىنى يۈزبەرگەن ۋاقىتتا، ئايالى، 70ياشلىق ئانىسى ۋە بىر ياشلىق ئوغلىنىڭ بىرلا ۋاقىتتا دېڭىز دولقىنى تەرپىدىن ئېقىتىپ كىتىلگەنلىكىنى بايقىغان ھەمدە بۇ جىددى پەيتتە ئاۋال كىمنى قوتقۇزۇشنى قارار قىلىشقا مەجبۇر بولغان.
    "مانىلا ھۆكۈمەت گىزىتى" خەۋرىگە ئاساسلانغاندا، ئاخوك سۇماترا ئارىلىنىڭ دېڭىز بويىغا يېقىن يىرىگە جايلاشقان ۋايمۇلى كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق بولۇپ، 22-دىكابىر كۈنى كەچتە ئۇ ئەمدى ئۇخلاي دەپ تۇرىشىغا، غايەت زور دېڭىز دولقىنى ئۇنىڭ ئۆيىگە بېسىپ كىرگەن.
    ھۇدۇقۇپ كەتكەن ئاخوك دەرھال بۇ ۋاقىتتا ئاللىبۇرۇن ئۇخلاپ بولغان ئانىسى بىلەن ئوغلىنى ئىزدەشكە باشلىغان؛ كەينىدىنلا، ئۇ ئۆيگە توختىماي ئېقىپ كىرىۋاتقان سۇغا چۆكۈپ قېلىشقا ئازلا قالغان ئايالىنى كۆرۈپ، بېرىپ ئايالىنى تارتىپ بىخەتەر جايغا ئېلىپ چىققان ھەمدە ئۆلۈم خەۋپىدىن قۇتۇلۇپ قالغان.
   ئاخوكنىڭ ئانىسى كىيىن بىر دۆۋە خارابىلىق ئارىسىدىن تېپىلغان بولۇپ، ھەر ئىككىسى ئاللىبۇرۇن جان ئۈزگەن ئىدى. ئاپەتتىن كىيىن ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش پونكىتىدا تۇرۋاتقان ئاخوك بولسا، "ئانام بىلەن ئوغلۇمنى قۇتقۇزۇشقا ئۈلگۈرەلمىدىم" دەپ يىغلاپ كەتكەن.
    شۇ يەر ۋاقتى 22-دىكابىر كۈنى كەچتە، ھىندىنوزىيەنىڭ غەربى قىسمىدىكى سۇندا دېڭىز بوغۇزىدا دېڭىز تاشقىنى يۈز برىپ، ئازدىگەندە 429 ئادەم ئۆلگەن، 1400دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号