ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
تۇغۇتىدا دوختۇرنىڭ سەۋەنلىكى تۈپەيلى پۇتىدىن ئايرىلغان ئايال
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-12-29 كۆرۈلىشى : قېتىم

    ئەنگىلىيىلىك 31ياشلىق ئانا ئىللا.كىلاركى، بالىسىنى تۇغۇپ بولغاندىن كىيىن ھوشىدىن كەتكەن؛ ئەمما ئۇ ھۇشىغا كەلگەندىن كىيىن، ئۆزىنىڭ ئىككى پۇتىنىڭ يوق بولۇپ قالغانلىقىنى بايقىغان.
    ئەمىلىيەتتە، ئېللا ھامىلدار بولۇپ نەچچە ئايلىق بولغاندا، بىر قېتىم تۇغۇت تەكشۈرۈشى قىلدۇرغان بولۇپ، ئۇ قېتىملىق تەكشۈرتۈشتە، ئۇ قورسىقىدىكى بالا ھەمرىيىنىڭ ئالدى قىسىمغا ئورۇنلىشىپ قالغانلىقى، چوقۇم ئوپراتسىيە قىلدۇرۇش ئارقىلىق تۇغۇشى لازىملىقىنى بىلگەن.
    ئادەتتىكى ئەھۋالدا، بالا ھەمرىيى بالىياتقۇنىڭ ئەڭ ئۈستۈنكى قىسمىدىكى تۇخۇم توشۇش نەيچىسىگە يېقىن بولغان جايغا ئورۇنلىشىدىغان بولۇپ، ئەگەر بەك تۆۋەن تەرەپكە چۈشۈپ قالسا، بالىياتقۇ بوينى ئېغىزىنى توسىۋىلىشى مۇمكىن؛ ئەگەر راستىنلا بۇنداق ئەھۋال كىلىپ چىقسا، ئۇنداقتا بۇ "بالىياتقۇ ئورنى ئالدىغا ئورۇنلىشىپ قېلىش" دەپ ئاتىلىدۇ.
    ئەينى ۋاقىتتا، ئېللا بۇنى ئادەتتىكى ئوپراتسىيە قىلىش ئارقىلىق تۇغدۇرۇش دەپ قاراپ، بۇنىڭغا بەك ئىرەنشىپ كەتمىگەن؛ ئەمما ئوپراتسىيە قىلىش جەريانىدا، ئۇنىڭدىن زور دەرىجىدە قان كىتىشكە باشلاپ، دوختۇرلار ئۇنىڭغا قارىتا قۇتقۇزۇش ئېلىپ بېرىپ، دەرھال ئۇنىڭ بالىياتقۇسىنى كىسىپ ئېلىۋەتكەن ھەمدە ئۇنىڭغا قان سالغان ۋە ناركوز دورىسى ئىشلىتىش ئارقىلىق ئۇنى ھۇشسىزلاندۇرۇپ ئېغىر كىسەللەر ئۆيىگە يۆتكىگەن.
     ئەسلىدە، ئېللانىڭ بەدىنىدىكى قان نۆكچىلىرىنىڭ قان تۇمۇرلارنى توسىۋىلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، دوختۇر دەسلەپكى 24 سائەت ئىچىدە ھەر سائەتتە بىر قېتىم كىلىپ ئۇنى كۆزىتىپ تۇرىشى كىرەك ئىدى.
     ئەمما دوختۇر بۇ ئىشنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ قالغان بولۇپ، 6سائەت ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن ئېللانىڭ ئەھۋالىنى كۆزىتىشكە كەلگەن؛ بىراق بۇ ۋاقىتتا، ئېللانىڭ پاقالچاق قىسمىدىكى قان تۇمۇرلار، ئاللىقاچان قان نۆكچىلىرى تەرپىدىن توسىۋىلىنغان ئىدى.
    ئۇزۇن ۋاقىت قان يىتىشمەسلىك ھالىتىدە تۇرغانلىق سەۋەبىدىن، ئېللانىڭ پاقالچاق قىسمىدىكى ئورگانىزىملار كاردىن چىققان بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا ئەگەر ئۇنىڭ پۇتلىرىنى كىسىۋەتمىگەندە، ئۇنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يىتەتتى. ئېللانىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئامالسىز ئۇنىڭ پۇتلىرىنى كىسىۋىتىشكە قوشۇلدى.
     ئېللانىڭ دىيىشىچە، ئۇ ئەسلىدە ھۇشۇمغا كەلگەندىن كىيىن بالامنى قۇچاقلىيالايدىغان بولدۇم دەپ ئويلىغان؛ ئەمما ئويلىمىغان يەردىن، ھۇشىغا كەلگەندىن كىيىن، ئىككى پۇتىنىڭ تۇيۇقسىز يوقاپ كەتكەنلىكىنى بايقىغان.
    ھازىر ئېللا گەرچە يالغان پۇت سېلىۋالغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ قېتىملىق ئىش ئۇنىڭغا ئېغىر دەرىجىدە پىسخىكىلىق ئازاپ ئېلىپ كەلگەن ئىدى.
 

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号