ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
سەككىز جۈملە ئۈزۈندە | ئاخىرقى نىشان مۇھەببەت ئەمەس
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-12-27 كۆرۈلىشى : قېتىم
    ئادەمنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىدىغان ئاتا-ئانىڭىزنىڭ بار بولۇشى، سىزنىڭ كىشىلىك ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ زور بەختىڭىزدۇر؛ چۈنكى ئۇلار سىزگە توسقۇنلۇق قىلمايدۇ، بەلكى سىزنى مۇراد-مەقسىتىڭىزگە يەتكۈزىدۇ، ھەممە ئادەمنىڭ بۇنداق تەلەيلىك بولۇشى ناتايىن.
    دۇنيادا يەنە نۇرغۇنلىغان گۈزەل شەيئىلەر سىزنى ساقلاۋاتىدۇ، شۇڭا سىز قەلبىڭىزنى مۇلايىم تۇتۇپ، تىنچ ھالەتتە ئۆزلۈكسىز تىرىشىشىڭىز كىرەك.
    ئىلگىرىكى يولسىزلىقلار، ياخشى كۆرۈش ۋە تايىنىش سەۋەبىدىن بولىدۇ؛ ھازىرقى ئەدەپلىك مۇئامىلە بولسا، ناتۇنۇشقا ئايلىنىپ قالغانلىقتىن بولىدۇ.
    ئەڭ تەلەيلىك بولغان ئىش، سىزنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەم سىزنىڭ بارلىق كەمچىلىكلىرىڭىز ۋە يىتەرسىزلىكلىرىڭىزنىڭ ھەممىنى بىلىدۇ، ئەمما ئۇلار يەنىلا سىزگە قارىتا كەڭ قورساق بولۇپ، سىزنى قوبۇل قىلىشنى ھەم سىزنى قۇچاقلاشنى خالايدۇ.
   دۇنيادا ھېچقانداق ئادەمنىڭ سىزگە ياخشى مۇئامىلە قىلىش مەجبۇرىيىتى يوق؛ شۇنىڭ ئۈچۈن سىز مۇنداق ئويلىشىڭىز كىرەك: ئاشۇ سۇغۇق مۇئامىلە ۋە قاتتىق-قۇرۇق گەپلەر نۇرمال ئەھۋال، سىزگە مۇلايىملىق بىلەن مۇئامىلە قىلىغان كىشىلەر، ئاندىن سىز تېخىمۇ قەدىرلەشكە تىگىشلىك ئادەملەردۇر.
    كىشىلىك ھايات ناھايىتى شۇ تۆت جۈملە سۆز: رازى بولمىسىڭىز ئالماشتۇرۇڭ؛ ياقتۇرمىسىڭىز ئايرىلىپ كىتىڭ؛ بىئارام بولسىڭىز كىتىپ قېلىڭ؛ خۇشال بولالمىسىڭىز چىكىنىپ چىقىڭ.
    مەيلى سىز ئىتراپ قىلىڭ ياكى قىلماڭ، ئۆمرىڭىزدە سۆيگەن كۆپ قىسىم كىشىلەر، ناتۇنۇشلۇقتىن تۇنۇشلۇققا قاراپ ئۆزگىرىدۇ؛ ئاندىن يەنە تۇنۇشلۇقتىن ئۆزگىرىپ ناتۇنۇشقا ئايلىنىدۇ؛ يىللارنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ، بىزنى تەسىرلەندۈرىدىغىنى، ئىلگىرىكى "مەن      سىزنى سۆيىمەن" دىگەن سۆزلەر ئەمەس بەلكى "مەن سىزگە ھەمرا بولىمەن" دىگەن بىر جۈملە سۆز بولىدۇ.
    مۇھەببەت ئاخىرقى نىشان ئەمەس، ئەمىلىيەتتە بىزنىڭ كۈتىدىغىنىمىز ئۆمۈرلۈك ھەمراھلىقتۇر.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号