ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
تۇغۇلۇپلا يۈرىكى توختاپ قالغان بوۋاق، ئانىسىنىڭ قۇچىقىدا...
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-12-25 كۆرۈلىشى : قېتىم

    چەتئەلدە داۋىد ۋە كەيتى ئىسىملىك بىر جۈپ ئەر-خوتۇن بار بولۇپ، ئۇلار بەش يىلنىڭ ئالدىدا ھەيران قالارلىق بىر قېتىملىق كەچمىشنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن. بەش يىلنىڭ ئالدىدا كەيتى ھامىلدار بولۇپ، بىر جۈپ قوشكىزەك ئوغۇل-قىز تۇغقان بولۇپ، بالا  تۇغۇلغاندىن كىيىن، قوشكىزەكنىڭ ئىچىدىكى سىڭلىسىنىڭ يۈرىكى تۇيۇقسىزلا سوقۇشتىن توختاپ قالغان. دوختۇرلارمۇ 20 مىنۇت ئەتراپىدا جىددى قۇتقۇزغاندىن كىيىن، ئامال قالمىدى دەپ ۋاز كەچكەن.
     دوختۇرلار كەيتى بىلەن داۋىدقا، بالىنىڭ ھاياتلىق ئىزنالىرىنىڭ پۈتۈنلەي يوقىغانلىقىنى ئېيتقان ۋاقىتتا، كەيتى ئېغىر ئازاپ ئىچىدە، يۈرىكى توختاپ قالغان بوۋىقىنى قۇچىقىدا بىردەم تۇتۇپ تۇرۋىلىشنى تەلەپ قىلغان.
     ئويلىمىغان يەردىن مۆجىزە كۆرۈلگەن. كەيتى قىزىنى قوچىقىدا بىردەم تۇتۇپ تۇرغاندىن كىيىن، قىزى تۇيۇقسىزلا مىدىرلىغان ھەمدە نەپەس ئېلىشقا باشلىغان.
    بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن داۋىد دەرھال دوختۇرلارنى چاقىرغان؛ دوختۇرلار ئەھۋالنى بىلگەندىن كىيىن، پۈتۈن كۈچى بىلەن بوۋاقنى قۇتقۇزۇشقا ئاتلانغان.
    ئاخىرى، ئەمدى تۇغۇلۇپلا دۇنيادىن ئايرىلىشقا تاس قالغان بۇ قىز بوۋاق، دوختۇرلار تەرپىدىن قۇتقۇزۇپ قېلىنغان. داۋىد بىلەن كەيتىمۇ خۇشاللىقىدىن يىغلىشىپ كەتكەن.
    ئەينى ۋاقىتتا ئەزرائىلنىڭ ئالدىدىن يېنىپ كەلگەن قىز بوۋاق جامىي، بۇ يىل بەش ياشقا كىرگەن بولۇپ، ناھايىتى ساغلام ھەم خۇشال ھالەتتە تۇرمۇش كەچۈرمەكتە.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号